يەركەن ئودانلىق ۋەقەسىگە ئالاقىدار يەنە بىر تۈركۈم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
RFA

 

مۇخبىرىمىز يەركەندە 26 ‏-سىنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن ئودانلىق ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن يەنە بىر قاتار يېڭى  مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. مەلۇم بولىشىچە ساقچىلار، ئودانلىقنىڭ خانكۆۋرۈك كەنتىدە 3 گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ۋەقەگە چېتىشلىق يەنە باشقا  گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن راھەتئۆستەڭ كەنتىدىمۇ ئوپىراتسىيە ئېلىپ بارغان.
بۇ جەرياندا گۇماندارلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ساقچىلار گۇماندارلاردىن ئاز دېگەندە يەنە ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. يەنە ئاشكارلىنىشىچە، ئودانلىقتا ۋەقە چىقىپ ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ساقچىلار  يەركەننىڭ مىشا يېزىسىدىكى بىر مەسچىتتە  ئۆزلىرى بىلەن گەپ تالاشقان بىر كىشىنى  ئېتىپ تاشلىغان.  تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگرامىسىنى ئاڭلايسىلەر
مەلۇم بولىشىچە بىر تۈركۈم پىدايىلار، ئودانلىقنىڭ چەت ياقىدىكى  4 ‏-كەنت يەنى توپان كەنتىدە توپلانغان. ئۇلار بىر مەھەل تەييارلانغاندىن كېيىن ئۆز پلانلىرى بويىچە ئودانلىقنىڭ قەشقەرگە ماڭىدىغان چوڭ يول بويىدىكى خانكۆۋرۈك يېزىسىغا قاراپ ھەركەت قىلغان. . ئۇلار  خانكۆۋرۈككە يېتىپ كېلىپ  سەپداشلىرىدىن بىر نەپىرىنى كۈتۈپ تۇرغاندا يەنى 26 ‏-سىنتەبىر كۇنى  يېرىم كېچىدە ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ساقچىلار پىدايىلاردىن 3 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. پىدايلاردىن ئۈچ نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغان.
شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار، قېچىپ كەتكەن پىدايىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن  ئوپىراتسىيە باشلىغان. 9 ‏-ئاينىڭ 30 كۈنى ساقچىلار قېچىپ كەتكەن پىدايىلارنى  راھەتئۆستەڭ كەنتىدە قورشاۋغا ئالغان. پىدايىلار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ، ساقچىلارغا قارشلىق كۆرسەتكەن. ساقچىلار بۇ مەيداندىمۇ پىدايىلاردىن ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرىنى ئېتىپ تاشلىغان.
ئودانلىقتا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەكەندە ئومۇميۇزلۇك ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن. يەركەننىڭ مىشا يېزىسىدا 6 ياشلىق ئوغلىنى مەسچىتكە ئېلىپ كىرىپ كېتىۋاتقان بىر ياش مەسچىتنى قورشاپ تۇرغان ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ۋە گەپ تاكاللىشىپ قالغان. ئودانلىقتىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئەسەبىتلەشكەن ساقچىلار، بۇ كىشىنىمۇ ئېتىپ تاشلىغان.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا يەركەندە يۈز بەرگەن 26 ‏-سىنتەبىر ئودانلىق ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


مۇخبىرىمىز يەركەندە 26 ‏-سىنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن ئودانلىق ۋەقەسى ھەققىدە بۈگۈن يەنە بىر قاتار يېڭى  مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. مەلۇم بولىشىچە ساقچىلار، ئودانلىقنىڭ خانكۆۋرۈك كەنتىدە 3 گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ۋەقەگە چېتىشلىق يەنە باشقا  گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن راھەتئۆستەڭ كەنتىدىمۇ ئوپىراتسىيە ئېلىپ بارغان. 
بۇ جەرياندا گۇماندارلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ساقچىلار گۇماندارلاردىن ئاز دېگەندە يەنە ئىككى كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. يەنە ئاشكارلىنىشىچە، ئودانلىقتا ۋەقە چىقىپ ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ساقچىلار  يەركەننىڭ مىشا يېزىسىدىكى بىر مەسچىتتە  ئۆزلىرى بىلەن گەپ تالاشقان بىر كىشىنى  ئېتىپ تاشلىغان.  تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگرامىسىنى ئاڭلايسىلەر مەلۇم بولىشىچە بىر تۈركۈم پىدايىلار، ئودانلىقنىڭ چەت ياقىدىكى  4 ‏-كەنت يەنى توپان كەنتىدە توپلانغان. ئۇلار بىر مەھەل تەييارلانغاندىن كېيىن ئۆز پلانلىرى بويىچە ئودانلىقنىڭ قەشقەرگە ماڭىدىغان چوڭ يول بويىدىكى خانكۆۋرۈك يېزىسىغا قاراپ ھەركەت قىلغان. . ئۇلار  خانكۆۋرۈككە يېتىپ كېلىپ  سەپداشلىرىدىن بىر نەپىرىنى كۈتۈپ تۇرغاندا يەنى 26 ‏-سىنتەبىر كۇنى  يېرىم كېچىدە ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ساقچىلار پىدايىلاردىن 3 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. پىدايلاردىن ئۈچ نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغان.  شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار، قېچىپ كەتكەن پىدايىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن  ئوپىراتسىيە باشلىغان. 9 ‏-ئاينىڭ 30 كۈنى ساقچىلار قېچىپ كەتكەن پىدايىلارنى  راھەتئۆستەڭ كەنتىدە قورشاۋغا ئالغان. پىدايىلار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ، ساقچىلارغا قارشلىق كۆرسەتكەن. ساقچىلار بۇ مەيداندىمۇ پىدايىلاردىن ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرىنى ئېتىپ تاشلىغان. ئودانلىقتا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەكەندە ئومۇميۇزلۇك ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن. يەركەننىڭ مىشا يېزىسىدا 6 ياشلىق ئوغلىنى مەسچىتكە ئېلىپ كىرىپ كېتىۋاتقان بىر ياش مەسچىتنى قورشاپ تۇرغان ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان ۋە گەپ تاكاللىشىپ قالغان. ئودانلىقتىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئەسەبىتلەشكەن ساقچىلار، بۇ كىشىنىمۇ ئېتىپ تاشلىغان.  ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا يەركەندە يۈز بەرگەن 26 ‏-سىنتەبىر ئودانلىق ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت