ئۇيغۇر ئارخېئولوگ: تارىم مۇمىيالىرىغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.08
ئۇيغۇر ئارخېئولوگ: تارىم مۇمىيالىرىغا ئائىت تەتقىقات نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن 2003-يىلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان 3800 يىللىق تارىخقا ئىگە گۈزەل ئايالنىڭ قۇرۇغان جەسىتى ئامېرىكانىڭ تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىدىكى مۇزېيدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. 2010-يىلى 17-ئاۋغۇست.
REUTERS

خىتاي تاراتقۇلىرى 2-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ، 2021-يىلى ئ‍ۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭدىن 5000 بىلەن 500 يىل ئارىسىدا ياشىغان ئىنسانلار ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق گېن تەتقىقاتى ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات تۈرى يۇقىرىقى دەۋردە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ «ئوخشىمىغان دەۋر ۋە ‍ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاردىكى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلغانىكەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي، شىمالى، جەنۇبىي ۋە غەربىيدىكى 41 ئورۇندىن تېپىلغان ئىنسانلارنىڭ 237 سۆڭەك ۋە چىش ئەۋرىشكىسىنى د ن ئا تەجرىبىخانىسىدا تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قەدىمىي ئاھالىلەرنىڭ مىتوكوندىرىيال گېنلىرىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكادىكى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىكمە بىئ‍ولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىرسىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياردەمچى پروفېسسورى ۋاگىش ناراسىمخاننىڭ ئېيتىشىچە، مىتوكوندىرىيال گېنى ئىنسانلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بېكىتىشتىكى ھالقىلىق گېن بولۇپ، بۇ شەخسنىڭ گېنېتىك ئ‍ەجدادلىرىنى نامايان قىلىدىكەن.

ۋاگىش ناراسىمخان مۇنداق دەيدۇ: «گېن تەكشۈرۈشتە بىز كۆپىنچە بىر ئورۇندىن ئەۋرىشكە ئالغىنىمىزدا بىر كىشىنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىمۇ يالغۇز ئۇنىڭ گېنېتىكىلىق ئەجدادلىرىنى نامايان قىلىپ قالمايدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا ئەگەر سىز ئۆتكەنكى ئەجدادتىكىدەك يەنە بىر قانچە ئەجداد يۇقىرىلاپ چىقسىڭىز ئۇ كىشىنىڭ گېنېتىكىلىق ئەجدادلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك ئىككى كىشىدە كۆرۈلىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، بۇ جەريان تۈپەيلى ھەتتا بىر قانچە ئەۋلاد ئىچىدىن، مەسىلەن، 10 ئەۋلاد ئىچىدىن دېسەك، سىز بۇ 10 ئەۋلاد ئىچىدىكى بىر كىشىدىن ئوتتۇرىچە مىڭلىغان گېنېتىكىلىق ئەجدادقا ئېرىشەلەيسىز. شۇڭا، ھەتتا بىر ئورۇننىڭ ئ‍ۆزىدىكى كىشىلەردىن ئالغان ئەۋرىشكىلەردىن بۇ كىشىلەرنىڭ مىڭلارچە گېنېتىكىلىق ئەجدادىغا ئىگە بولىسىز».

لېكىن ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېگەنلىك مەزكۇر رايوندىكى باشقا جايلاردىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ گېن ئالاھىدىلىكى «كىچىك دەريا»، يەنى «كىچىك مىرەن» قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغانلار بىلەن ئ‍وخشاش، دېگەنلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇ: «بەلكىم بىز باشقا جايلاردىن بولۇپمۇ غەرب تەرەپلىرىدە تاجىكىستانغا چېگرىداش رايونلاردىن ئىرسىيەت جەھەتتىن قوشۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى تېخىمۇ كۆپ بايقىشىمىز مۇمكىن. بىراق ھازىر قولىمىزدىكى سانلىق مەلۇمات مۇشۇنچىلىك. شۇڭا قولىمىزدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن مۇشۇنچىلىك خۇلاسە چىقىرالايمىز» دېدى.

«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ۋېنجۈن، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئارخېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ياۋرو-ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى ئاھالىلەر توپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان چۈشەنچىسىنى قايتا شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇ ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق ئىرسىي دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئ‍ۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ دەلىللەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئەزەلدىن تارتىپ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى كۆپ خىل مەدىنىيەتلەر بىرلەشكەن ۋە تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان جاي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن» ئىكەن.

مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنى توپلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ د ن ئا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھازىر مەۋجۇت بولغان ئاكتىپ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، تارىخىنى بۇرمىلاپ، بۇ رايوندىكى قەدىمكى ئاھالىلەر بىلەن بولغان قانداشلىق بېغى ۋە ئېتنىك كېلىپ چىقىشنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان نازۇك بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى.

«شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ تەتقىقات تۈرىدە كىشىلەرنى ھەممىدىن بەك ھاياجانلاندۇرغىنى تارىم ئويمانلىقىدىكى «كىچىك دەريا» قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان 13 جەسەت بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان 5 جەسەتنىڭ ئىرسىيەت تەتقىقاتى ئىكەن. خەۋەردە، تەتقىقاتچىلارنىڭ كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىكى جەسەتلەرنىڭ كىملىكىنى «قەدىمكى شىمالىي ئاسىيا ۋە قەدىمكى شەرقىي ئاسىيا تەركىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان كىشىلەر توپى» دەپ بېكىتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بىراق خىتاي تاراتقۇلىرىدا تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، «كىچىك دەريا» يەنى، «كىچىك مىرەن گۈزىلى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرىقى 18 مۇمىيانىڭ د ن ئا تەتقىقات تۈرىگە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىدىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تەتقىقاتچىلىرىمۇ قاتناشقان. تەتقىقات نەتىجىسى ئ‍ۆتكەن يىلى 11-ئايدا داڭلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ جەسەتلەرنىڭ DNA ئانالىزىدىن ئۇلارنىڭ بۇ رايونغا سىرتتىن كەلگەن بولماستىن، بۇ رايوننىڭ مۇز دەۋرىدە ياشىغان ئىنسانلار توپىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

ئارخېئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىلگىرى بۇ قەدىمكى جەسەتلەرگە ئائىت تەتقىقاتلارنى كونترول قىلىپ كەلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى، دوكتور دولقۇن قەمبىرى 1985-يىلى چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قېزىشقا قاتناشقان ئارخېئولوگلارنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولۇشىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا بىلىم ساھەسىدىمۇ بۇ جەسەتلەرنى توخرى ياكى دوغدى، دەيدىغان بىر تەرەپلىمىلىك قاراش مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق يېڭى ئېلان قىلىنغان د ن ئا ئانالىزى ھەر ئىككى قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇ ئارخېئ‍ولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ بۇ جەسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسى ئۆتكەن يىلى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 3700 يىل بىلەن 4100 يىل ئاۋۋالقى دەۋرگە ئائىت بۇ قەدىمىي جەسەتلەرنىڭ باشقا خەلقلەر بىلەن ئىرسىيەت ئالاقىسى بولمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىرسىيەت جەھەتتە يەككە-يېگانە بىر خەلق بولغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.

لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرنى نېمە ئۈچۈن ھازىر تارقاتقانلىقى، د ن ئا ئانالىزىدىكى ھالقىلىق بەزى ئۇچۇرلارنى ۋە بۇ جەسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى دائىر مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا 1917-يىلى قوزغىغان ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەسىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.