ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەقدىرى: «ستاتىستىكا سىرتىدا: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى» (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.11
ayallar-namayish-5-iyul.jpg ئۇيغۇر ئايالنىڭ بالىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 7-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر پائالىيەت قاتارىدا 10-سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنى چۆرىدىگەن بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

«ئىسىتاتىستىكا سىرتىدا: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىىتنىڭ ۋەھشىيلىكى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى باشلانمايلا توردىكى يىغىن بوشلۇقىدا ئۆچىرەتكە تىزىلغىلى تۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ سانىلا بۇ تېمىنىڭ كۆپ قىسىم كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە ئىدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى جۇلىي مىلساپ ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى قاتارىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەممىدىنمۇ ئېغىر پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ دەسلىپىدە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرى، ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى كېللىي كۇرىي خانىم ئالدى بىلەن تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرگە قارىماي ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ‍ئوتتۇرىغا چىققان يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر شاھىدلىرىغا، جۈملىدىن بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان زۇمرەت داۋۇت، جەۋلان شىرمەمەت ۋە زىبا مۇرات قاتارلىق شاھىتلارنىڭ جاسارىتىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى «21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دەپ خۇلاسە چىقىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھېچقانداق دۆلەت قىلىپ باقمىغان ھەرىكەتنى باشلىشى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر ھادىسە بولۇپ، ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاۋابكار بولۇشى ھازىر مۇقىملىشىپ بولغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ۋە قاباھەتلىك باستۇرۇشنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھەرقاچان ئۇلار بىلەن تەقدىرداش ۋە ھەمنەپەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېللىي خانىم يەنە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ماۋزۇسىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، نۆۋەتتە بۇ پاجىئەلەرنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلارنىڭ سانىنى ئېلىشقىمۇ ئىمكان بولماسلىقنىڭ ئۆزىلا بۇ مەسىلىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ھادىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ھازىر بۇ پاجىئەلەرنىڭ لاگېر سىرتىغا كېڭىيىپ خىتاي كادىرلارنىڭ تۇغقان بولۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىۋېلىشىغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مەسىلە بولۇۋاتقان بۇ پاجىئەلەرگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىملىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تولىمۇ ۋەھشىيانە، قەبىھ ۋە مىسلىسىز ۋاستىلارنى قوللىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ۋە قىزلىرىنى بۇ قەدەر ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا قىلىشىدەك پاكىتلارنى ئىسلام ئەللىرىگىمۇ ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىملىقىنى، چۈنكى بۇ زۇلۇملار ھەققىدە ھازىر گۇمانسىراش ياكى بۇنىڭغا قارىتا سوئال قويۇشنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

كېللىي خانىمدىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «مىراس فوند جەمئىيىتى» نىڭ خادىمى ئولىۋىيا ئېنوسمۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئولىۋىيا سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە غەرب دۇنياسىنىڭ كۆپلەپ خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادقا بارغاندا مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئۇيغۇر گۆدەكلىرى، شۇنداقلا تېخى تۇغۇلمايلا ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقان مىڭلىغان ھامىلەلىرى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان يازما ھۆججەتلەر دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقانلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «قىرغىنچىلىق» دەپ سۈپەتلەشنىڭ ئاساسى بولماقتا ئىكەن. خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەبىرلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەردە تولۇق نامايان بولماقتا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى تۈپەيلىدىن بۇ پاجىئەلەردە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇماتنىڭ يوق بولۇشى بۇ پاجىئەلەرنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى لازىم ئىكەن. ئىككىنچى بىر مەسىلە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 80 پىرسەنتى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراقى مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش ھەمدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقاندا ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر نەسلىنىڭ تەقدىرى نېمە بولۇشى نۆۋەتتە كىشىلەر ئۆزلىرىدىن سوراپ كۆرۈشكە تېگىشلىك تېخىمۇ زور بىر مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىر مەسىلە، ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، تىكەنلىك سىم توسۇقلار بىلەن قاشالانغان ھەمدە «مېڭە يۇيۇش» نى ۋەزىپە قىلغان مەكتەپلەرگە بەند قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مىليونلىغان كىشىلەر قامالغان لاگېرلارغا يوللىنىشى، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ غايەت زور كۆلەملىك «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» شەكلىنى ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىمۇ دەل مۇشۇ خىل «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەبىرلەردە ئېيتىلغان مەزمۇننى نامايان قىلماقتا ئىكەن. شۇڭا ھازىر تاشقى دۇنيانىڭ يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ قىلمىشلارغا جازا بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلاپ بەرگەن تەدبىرلەرگە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى زۆرۈر ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەكلىپلەر قاتارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ خاراكتېرىنى «قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىش، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ۋە پاناھلىق ئىشلىرىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئولىمپىك روھىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينىڭ كېلەر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىشىنى بايقۇت قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئالاقە خادىمى تەسىس قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى تەشكىللەشتە زور كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس يىغىن ئارىلىقىدا يىغىن توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى پەيتتە مۇشۇنداق بىر يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكى ھەمدە بۇ ئارقىلىق قانداق ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى كۆزلەۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.