تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ خىتايدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-09-27
Share
بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى يېۋىس موراۋ: «خىتاينىڭ گېن تەتقىقاتلىرىغا بۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس» خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرنىڭ ئاتالمىش كەسپىي ماھارەت تەرسبىيەلەش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 3-سېنتەبىر، كورلا.
REUTERS

يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئاتالمىش «تېرورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» دېگەندەك سىياسىي قالپاقلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بايلىرىغا ئائىت مىليونلارچە دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا تور بېكىتى بولغان «Taobao» تورىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقىنى بايقىغان.

كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «تاۋباۋ» تور بېتىنىڭ ئەدلىيە كىم ئارتۇق سودىسى بۆلىكىدە ئادەتتە جىنايى دېلولاردا ياكى قەرزى ۋاقتىدا قايتۇرۇلمىغانلىقتىن مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلەر سېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى سېتىلغان ئون ئىككى دېلو كۆرسىتىلگەن.

ئۇلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوت دائىرىلىرى 2019-يىلدىن باشلاپ كەم دېگەندە 21 نەپەر ئۇيغۇر بايغا ئائىت ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ئۆي-مۈلۈك ۋە شىركەت پايچەكلىرى قاتارلىق ئاز دېگەندە 150 مۈلۈكنى «تاۋباۋ» دا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تور بەتتە قويۇلغان ئومۇمىي قىممىتى 84 مىليون 800 مىڭ دوللار ئىكەن. بۇ مۈلۈكلەر ئاساسەن خوتەن لوپ ناھىيەلىك سوت ۋە قەشقەر سوتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىكەن. دوكلاتتا يەر ئالغان مىساللارنىڭ پەقەت بىرىدە، خوتەندىكى ئابدۇنەبى بەكرى ئىسىملىك بىر كىشىگە تەۋە بولغان ۋە 2019-يىلى 40 مىليون يۈەن، يەنى 6 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا يارايدىغان بىر بىنانىڭ بىر نەچچە قېتىملىق كىم ئارتۇق سودىسىدىن كېيىن، 2020-يىلى 2-ئايدا جاڭ يۈنجى ئىسىملىك بىر خىتايغا 4 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇلغا سېتىپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى كىلويى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى بۇ ئىسپاتلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ پەقەتلا مۇزتاغنىڭ كۆرۈنگەن كىچىككىنە قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقىرىقى بۇ سېتىش ئېلانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنىۋاتقان مال-مۈلكلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ كونكىرېت ۋە رەسمىي ئىسپات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلغان بولساقمۇ، بىراق قولىمىزدا رەسمىي ئىسپات يوق ئىدى. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم. يەنە بىر نوقتا بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قولغا ئېلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش كۆلىمىنى كۆزدە تۇتقاندا يۇقىرىدىكى بۇ 12 دېلو ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىغىلا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. بىز بۇنى مۇزتاغنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى دەپ قارايمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى «تاۋباۋ» ئېلانى ئارقىلىق سېتىلغان مۈلۈكلەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان 21 كىشىنىڭ ئىچىدىكى 5 نەپىرى ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن ئېنىقلانغان ياكى چەت ئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى داۋاسىنى قىلىۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر بايلار بولۇپ، ئۇلار «شىنجاڭ روزى ھاجى سودا چەكلىك شىركىتى»، «كورلا چىلانباغ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتى» نىڭ لىدىرلىرىدىن روزىھاجىم ھەمدۇل ۋە مەمەت ھەمدۇل، خوتەندىكى مەشھۇر ئۆي‏-مۈلۈك سودىگىرى مەمەتجان ئىمىن، ئابدۇجېلىل خېلىل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قالغان 16 نەپىرى ھازىرغىچە ئۇچۇرى ئاشكارىلانمىغان ياكى خىتاينىڭ ئەدلىيە تورىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇماتى يوق كىشىلەر ئىكەن.

كىلويى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، سوتلاش ۋە كېسىش قاتارلىق ئەدلىيە تەرتىپلەردە ئوچۇق-ئاشكارا بولمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.

«ئادەتتە بۇ تاۋباۋ تورىنىڭ بۇ قىسمىدا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى مال-مۈلۈكلەرمۇ سېتىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا بانكىلارغا قەرزىنى تۆلىيەلمىگەنلەرگە ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر-ئاياللارغا ئائىت مال-مۈلۈكلەرنى تەشكىل قىلىدۇ. بىراق ئۇيغۇر ئېلىدىكى سېـتىلىۋاتقان مال-مۈلكلەرنىڭ ئىگىلىرى ئاساسەن سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن جازالانغانلارنى تەشكىل قىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ ھەتتا ھېچقانداق ئارخىپىمۇ يوق. بۇ كىشىدە ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ. بۇنى يەنىمۇ ئىنچىكلەپ، تەپسىلى تەتقىقات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر پۇلدارلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرى ئىزچىل ھالدا باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى باشلىغاندىن كېيىن ئىگەللەنگەن مەلۇماتلاردا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى، پۇلدارلىرىنىڭ مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەنلىكى ياكى «تېرورلۇق» ۋە «ئاشقۇنلۇق» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيالىيلار ۋە دىنىي داھىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي سەرخىللار قاتارىدا سودىگەرلەرنىمۇ نىشانلىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇلدارلارنى جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى رولى سەۋەبىدىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىغا تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. كىلويى خانىم بولسا بايلارنىڭ مال-مۈلكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ئىرقي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېلىمېنتلىرىدىن بىرى، دەپ تەكىتلىدى.

«مال-مۈلكنى مۇسادىرە قىلىش دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېلىمىنتلىرىنىڭ بىرى بولغان. بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ زور بولىدۇ. چۈنكى ئۇ جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر قىسىمنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، چەتكە قېقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ ۋەقە ئىنتايىن مۇھىم ۋە بىز بۇ مەسىلىگە يەنىمۇ كۆپ دىققەتكە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، «تاۋباۋ» تور بېتى خىتايدىكى «ئەلى بابا گۇرۇھى» غا تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلاتىدا بۇ گۇرۇھنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمغا زادى قانچىلىك دەرىجىدە چېتىشلىق ئىكەنلىكى خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ۋە ئالاقىدار خەلقئارالىق نازارەت ئورگانلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت