قازاقىستانلىق بوكسچى ھېزىم ئىزباقى: «ئامېرىكادا ئۆز خەلقىمنى تونۇتقانلىقىمدىن خۇشالمەن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.08.29
Boks-chempiyoni-hezim-izbaqi.jpg قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بوكسچى ھېزىم ئىزباقى(سولدا). 2019-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

يېقىندىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئامېرىكاغا بېرىپ، بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئوكلاخوما شتاتىنىڭ بروكېن ئارراۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىدىكى بوكسچىلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، يەكمۇيەك ئېلىشىشتا ئارمونت سامېرسنى يەڭگەن. ھېزىم ئىزباقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان چېلەك يېزىسىدىن بولۇپ، شۇ يەردە ئوقۇپ، مەشىقلەنگەن.

بىز ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئۆتكەن كۈنى ئامېرىكادىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ھېزىم ئىزباقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بوكس تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ يېتىلىش تارىخىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مېنىڭ ئاكام تەنھەرىكەتكە بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مەنمۇ ئۇنىڭ ترېنېرى مالىك خەيرۇللىنغا باردىم. كېيىن ئالمۇتاغا ھېمىت توختاخۇنوفقا بېرىپ، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىشتىن ھۇنگارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە 3-ئورۇننى ئېلىپ كەلدىم. كېيىن ئاكامنىڭ ئارقىسىدىن باردىم».

ئىگىلىشىمىزچە، ھېزىم تۇرسۇن ئوغلى ئىزباقى 1994-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، شۇ يېزىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ بوكس، كىكبوكسىڭ ۋە تەنھەرىكەتنىڭ باشقا تۈرلىرى بويىچە چېنىققان ۋە جۇمھۇرىيەت بويىچە بىر قاتار مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چېمپىيون ئاتالغان. ھېزىم ئىزباقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنھەرىكەت ماھىرى ئاتىقىنىڭ نامزاتى، كۆپ تەرەپلىمىلىك چېلىشىش بويىچە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تەنھەرىكەت ماھىرى.

ھېزىم ئىزباقى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى؛ «ئامېرىكادىكى مۇسابىقىگە ئۇكرائىنا، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا ۋە مېكسىكا بوكسچىلىرى قاتناشتى. مەن قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقانلىقتىن ئۆزۈمنى قازاقىستاننىڭ پۇقراسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلاردىن بىرىنچى بولۇپ قازاقىستاننى كەسپىي مەيداندا كۆتۈرگىنىمگە خۇشالمەن. ئىككىنچىدىن، ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمنى تونۇتقانلىقىمدىن خۇشالمەن.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ھازىر چېلەك يېزىسىدا ياشاۋاتقان تۆت بالىنىڭ ئانىسى تۇرسۇنئاي ھەدە مۇنداق دېدى: «چوڭ ئوغلۇم ئەزىزمۇ كىچىكىدىن بوكسقا بارغان. ئۇنىڭ ترېنېرى مالىك خايرۇللىن ئۇنى مۇسابىقىلەرگە ئېلىپ باردى. ئۇنىڭغا ئىنىمىز شاۋكەت ھامىيلىق قىلىپ، ئامېرىكاغا ئەۋەتتى.»

تۇرسۇنئاي ھەدە كىچىك ئوغلى ھېزىمنىڭمۇ ھەم ئوقۇپ، ھەم بوكس بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۈلگۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. «كىچىكىنى مەن ئويلىمىغان. ئۇ ئوقۇشلارنى پۈتتۈرۈپ، مەنمۇ ئاكامغا ئوخشاش بولىمەن دەپ، مەشىقلەرگە باردى. ئۇمۇ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ يۈردى. ئۇنىڭ ئامېرىكاغا بېرىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارمىنى بار ئىدى. ھېزىمنى ھازىر كۆرۈپ، خۇشال بولۇۋاتىمەن.»

بىز ھېزىمنىڭ ترېنېرى، «فرېې سپارىڭ» بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى، چامباشچىلىق ۋە بوكس بويىچە خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى ھېمىت توختاخۇنوف بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھېزىمنى ئالدى بىلەن كىكبوكسىڭدا تەييارلىدۇق. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلەرگە يەتتى. ئىككىمىز سۆزلىشىپ، كەسپىي بوكسنى ئالدۇق. باشتا كۆرۈپ باقتۇق. قارىساق، ياخشى ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىلەن كېلىشىملەر تۈزدۇق. ھېزىم ئۇكىمىز ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.»

ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇرلاردىن بوكس بويىچە كۆپلىگەن ياشلار يېتىلىپ چىقىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئەزىز ئىزباقى ۋە دىلمۇرات مىجىتوفتىن كۆپ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.