ئۇيغۇر ياشلىرى تېلېۋىزىيەدە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تراگېدىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.07.22
yashlar-torda-qerindashliri.jpg تۈركىيەدىكى «ئاكت تېلېۋىزىيەسى» نىڭ «گۈندەم» يەنى «كۈنتەرتىپ» ناملىق پروگراممىسىدا 7 ئۇيغۇر ياش يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تراگېدىيەسىنى ئاڭلاتتى. 2020-يىلى 19-ئىيۇل.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى «ئاكت تېلېۋىزىيەسى» ئارقا-ئارقىدىن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تېلېۋىزىيەنىڭ 19-ئىيۇل كۈنى ئاخشام سائەت 9 دىن 11 گىچە داۋاملاشقان «گۈندەم» يەنى «كۈنتەرتىپ» ناملىق پروگراممىسىدا ئۆزى چەتئەلدە، ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرلىرىدا بولغان ياكى كېسىۋېتىلگەن 7 ئۇيغۇر ياش ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تراگېدىيەسىنى ئاڭلاتتى. تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، نورۋېگىيە ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ 7 ئۇيغۇر ياش قاتناشتى. نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا ئۇيغۇر ياشلار ئاڭلاتقان تراگېدىيەنى ئاڭلىغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىنىڭ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتتى. تېلېۋىزىيە پروگراممىسى مۇنداق باشلاندى: «بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا قېرىنداشلىرىمىز نېمىلەرگە دۇچار بولۇۋاۋاتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. تۈرك خەلقى ئاڭلىسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بولامدۇ؟ دەپ قالىدىغان ۋەقەلەر بار. شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ ھۆكۈمەتلەر نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتىدۇ؟ بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.»

پروگراممىدا ئاتا-ئانىلىرى تۈرمىگە تاشلانغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىلەردىن جەۋلان شىرمەمەت، نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت، ئۆمەر ھەمدۇللا، مەدىنە نازىمى، مىرزەھمەت ئىلياس ئوغلى ئىشتىراك قىلدى. بۇلاردىن باشقا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن شەھىدە ئالى بىلەن نورۋېگىيەدىن قەدرىيە غوپۇر قاتارلىقلار تېلېۋىزىيەگە چىقىپ كۆز-ياشلىرى تۆككەن ھالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن تراگېدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئاكت ت ۋ» دا پروگرامما رىياسەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى 6 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم پروگرامما ئىشلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىدى. ئۇ، تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن 6 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا پروگرامما ئىشلەۋاتىمەن. بىز جازا لاگېرلىرىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى شەرقىي تۈركىستان رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خىتاي بۇلارغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتۇق. تۈركىيە جامائەتچىلىكىمۇ مۇشۇنداق ئويلايتتى. لېكىن مەن بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىدىم. ئۇنىڭدا مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قانداق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق.»

ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا داۋاملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ماقالىمۇ يازدىم. بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر دوستۇم ماڭا قەدرىيە خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئەۋەتتى. بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئىزدەندىم، شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يۈزلىگەن سىن كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. شۇنىڭ بىلەن بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كۈنتەرتىپكە ئەكېلىپ جامائەت پىكرى توپلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەيلى دەپ ئويلىدىم. بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويىمەن».

ئىستانبۇلدىكى تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ۋە يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىنىڭ ئىزچىل ھالدا جازا لاگېرلىرى تراگېدىيەسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى تەتقىقاتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى 19-ئىيۇل كۈنى «ئاكت تېلېۋىزىيەسى» دە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى ئاتا-ئانىلىرى، قېرىنداشلىرى جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان، كېسىۋېتىلگەن، خىتاينىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 7 شاھىتنىڭ تېلېۋىزىيەدە بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاتقانلىقىنىڭ تەسىرىنىڭ زور بولغانلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ بۇنى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھەمبەھىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تونۇلغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا 20 پارچە ماقالە يازغان 15 قېتىم مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.