جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى «مۇنبەر 2000» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ دىققەت قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.10.15
Dolqun-eysa-digital-nazaret-astidiki-xitay.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى(ئوڭدا) «مۇنبەر 2000» يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇتۇق بەرگەن. 2019-يىلى 15-ئۆكتەبىر، چېخ جۇمھۇرىيىتى.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى «مۇنبەر 2000» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دىققەت قوزغىدى.

11-ئۆكتەبىر كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە باشلانغان 23-نۆۋەتلىك «مۇنبەر 2000» يىغىنىنى «مۇنبەر 2000 فوندى» جەمئىيىتى، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئاساسىي تېما قىلىنغان بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى قاتارىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى سانىيە قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان ئىدى.

بۈگۈن 15-ئۆكتەبىر كۈنى يىغىن 3-كۈنىگە قەدەم قويغان. بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى «21-ئەسىردىكى دىگىتال كونتروللۇق ئاستىدىكى خىتاي» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. بۇ يىغىندا خىتاي بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا نۇتۇقلار سۆزلەپ يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغان ۋە تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ سۆزىدە، 21-ئەسەردىكى دىگىتال تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بەخت ئەمەس، بەلكى ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قانۇنسىز بىر تەشكىلات بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي خەلقلىرىگە سالغان زۇلۇملىرىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.

بۇ يىغىنغا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرلىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرى، سىياسىيونلار، ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، ئاخبارات خادىملىرى ھەمدە يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يىغىندا سۆز ئالغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىممۇ نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ سۆزىدە، دۇنيا جامائىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ پەردازلاپ كۆرسىتىشى، ساختا تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك گانگىراپ قالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە قارىتا: بۈگۈنكى ۋاقىت جازا لاگېرلىرى راست مەۋجۇتمىدۇ؟ راستىنلا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۇ يەرگە قامىلىپ زۇلۇم ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانمىدۇ؟ دەپ سوئال سورايدىغان ۋاقىت ئەمەس. بەلكى جازا لاگېرلىرىدىكى مېڭىسى يۇيۇلۇۋاتقان، ئېغىر تەن جازالىرىغا ئۇچراۋاتقان، ئۆلۈۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتى ئورنىدىن دەس تۇرىدىغان ۋاقىت، ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقىغا چەك قويىدىغان ۋاقىت، شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەلەرگە خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت! جازا لاگېرلىرىدا مېنىڭ بىر قورساقتىن چىققان ھەدەم ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قان يۇتۇۋاتىدۇ! دەپ چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىگە يەتتىم.»

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە تەيۋەن، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. خىتاينىڭ ئېغىر بېسىم سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقان بۇ رايون خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ساھەسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر چېكىنىش ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈنسېرى مۇستەبىتلىشىپ بېرىۋاتقان رېئال سىياسىتى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.