0:00 / 0:00
30-مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارىتا قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ ئۇتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان «ئۇيغۇر دوستلىرى» غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى مەت پوتتىنجېر (Matt Pottinger) ئەپەندىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز نۇرئىماننىڭ مەت پوتتىنجېر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.