د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى. ۋاشىنگتون، 2019-يىلى 7-ئىيۇن
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى. ۋاشىنگتون، 2019-يىلى 7-ئىيۇن
RFA

د ئۇ ق باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى كۆپ تەرەپلىمە تەييارلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە 8-ئىيۇن كۈنى شادىمانلىق ۋە ئۈمىدلىك تىلەكلەر ئىچىدە ئاياغلاشتى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى بىر كېچىدىلا مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇپ قويغان لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ زور دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىغاندىن بۇيان بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەپتىلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆپلىگەن ساھەلەرگە ئەسلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى ھەپتىلىكتە د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادىكى ھەرقايسى پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىزچىل داۋام ئەتتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بولۇپمۇ 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نىڭ د ئۇ ق غا تەقدىم قىلىنىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. بۇ جەھەتتە سۆز بولغاندا بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نى ئۇيۇشتۇرۇشقا يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

«ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» جەريانىدا ئامېرىكانىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى كۆپلىگەن داڭدار شەخسلەرنىڭ بۇ پائالىيەت سورۇنلىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك نۇتۇقلارنى سۆزلىشى ئۇيغۇر داۋاسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلىگىنىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، جىم مەكگوۋېرن، كرىستوفېر سىمىس، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىشى ھەمدە مەخسۇس تېمىدا نۇتۇق سۆزلىشى ئامېرىكادا ھەمدە غەرب دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشى شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىغىننىڭ دۇنيادىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ مەخسۇس خەۋەر سۈپىتىدە بېرىلىشىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كۈتكەندىكىدىنمۇ زور ئۈنۈمگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

د ئۇ ق بۇ قېتىمى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر» تېمىسىدا مەخسۇس ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن كەلگەن كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا دائىر تۈرلۈك دەلىللەر، ھەر ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى، ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس رەۋىشتە بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى قاتارلىق تېمىلار بويىچە ئايرىم-ئايرىم مۇھاكىمە ۋە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ھەقتىكى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس ئىلمىي ساھەنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي كرىزىسقا ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ چۈشەنچەمدە، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر نورمالدا بۇ خىلدىكى ھىمايىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىپ قېلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتتى. ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كرىزىس مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ ئىشقا باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتى. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ئېغىرلىقى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب. قارايدىغان بولساق ھازىر تارىخشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، سىياسەت ئىلمى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدىلا كىشىلەر بەس-بەستە باياناتلار ئېلان قىلىپ، مۇراجىئەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىمىزغا ئاللىقاچان 42 دۆلەتتىكى 716 نەپەر ئالىم-مۇتەخەسسىس ئىمزا قويدى. ھازىر بۇ سان كۈنسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار نۆۋەتتىكى دۇنيادا ھەممىلا كىشى كۆز تىكىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ بەكلا مۇھىم مەسىلە بولغاچقا، بۇنداق ئىشلار ھەققىدە سىياسىي مەزمۇندىكى باياناتلارنى ئېلان قىلىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىغان ئىلىم دۇنياسىمۇ ھازىر بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى.» 

«ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» باشلانغاندىن كېيىن ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ھەر ساھە زاتلىرىمۇ بۇنىڭغا پائال ئىشتىراك قىلدى. بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئالايىتەن كالىفورنىيە شتاتىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى تەبىئىي پەن ئالىملىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقاندا بۇ قېتىمقى ھەپتىلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولغان ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە لەززەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئۇيغۇر تائاملىرى بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» دە ئۇيغۇر ۋە باشقا مېھمانلارغا ھۇزۇر بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ خىتايلاردىن قەتئىي پەرقلىق بىر خەلق ئىكەنلىكىنى جانلىق نامايان قىلغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتكە پىداكارلىق قىلغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 8-ئىيۇن كۈنى كەچتە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارغا ئۇزىتىش زىياپىتى بەردى. مېھمانلار يەنە بىر قېتىم ئۇچراشقۇچە بىر-بىرىگە ئامانلىق تىلەپ خۇشاللىق ئىچىدە خوشلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت