تەڭگىتاغ سودا ساراي زەنجىرىنىڭ ساھىبلىرى، ئاكا-ئۇكا مىلياردېر رەخمۇتۇللا سەمەت ۋە ئابدۇسوپۇر سەمەت 20 يىللىقتىن كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021-06-03
Share
تەڭگىتاغ سودا ساراي زەنجىرىنىڭ ساھىبلىرى، ئاكا-ئۇكا مىلياردېر رەخمۇتۇللا سەمەت ۋە ئابدۇسوپۇر سەمەت 20 يىللىقتىن كېسىلگەن 20 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن، تەڭگىتاغ سودا ساراي زەنجىرىنىڭ ساھىبى، ئاكا-ئۇكا مىلىياردېرلار رەخمۇتۇللا سەمەت(سولدا) ۋە ئابدۇسوپۇر سەمەت.
Oqurmen teminligen

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى ئۇيغۇر رايونىنىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىنلا 200 نەچچە سودا كارخانىچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئارخىپلاشتۇرغانىدى. ئۇيغۇريار فوندى مەزكۇر ئارخىپتىكىلەردىن 4 نەپەر مىلياردېرنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى سوتلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، سوتلانغانلاردىن، تەڭگىتاغ سودا ساراي زەنجىرىنىڭ ساھىبى، ئاكا-ئۇكا مىلىياردېرلار رەخمۇتۇللا سەمەت بىلەن ئابدۇسوپۇر سەمەتنىڭ 20 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى 2019-يىلى ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، سودىسىنى ئاتۇشتا باشلاپ ئۇيغۇر رايونى ۋە چەتئەللەرگىچە كېڭەيتكەن 200 دىن ئارتۇق سودا-كارخانىچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە ئۇلارنىڭ ئارخىپلىرىنى ئالاقىدار خەلقئارا ئورگان ۋە ئاخباراتلارغا يوللىغانىدى. ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلىرى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇريار فوندى، ئۇلاردىن 4 مىلياردېرنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ 1-ھەپتىسى سوتلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇلاردىن ئىككىسى ئۈرۈمچى بۇلاقبېشىدىكى تەڭگىتاغ سودا ساراي زەنجىرىنىڭ ساھىبلىرى ئاكا-ئۇكا مىلىياردېر رەخمۇتۇللا سەمەت بىلەن ئابدۇسوپۇر سەمەتتۇر.

ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى خادىمى، ئۆتكەن ئايدا سوتلانغانلار ئىچىدە رەخمۇتۇللا سەمەت ۋە ئابدۇسوپۇر سەمەت ئىسىملىكى ئاكا-ئۇكا مىلياردېرلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ سودىسى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇريار فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئىلىكىدە بەش شىركىتى، ئۇيغۇر رايونى بويىچە 9 ناھىيە ۋە شەھەردە تەڭگىتاغ نامىدا سودا سارايلىرى بار بولۇپ، مەبلىغى بىر قانچە مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. ئۇلار ئاز ئۆي-مۈلۈك، يېمەك-ئىچمەك، ئاپتوموبىل، چېگرا سودىسى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە سودا قىلىۋاتقانىكەن. بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماتېرىياللاردىمۇ، رەخمۇتۇللا سەمەت، ئابدۇسوپۇر سەمەت ۋە ئابدۇخېلىل سەمەت قاتارلىق ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ قولىدا جەمئىي 10 غا يېقىن شىركەت بارلىقى، بۇلاردىن ئىككىسىنىڭلا 50 مىليون ۋە 30 مىليون يۈەنلىك مەبلىغى بارلىقى قەيت قىلىنغان.

قىزىلسۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشىمىز ئۈچۈن، ئاتۇشقا كېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.

ئۇيغۇريار فوندىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر ھەققىدىكى ئارخىپىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا، نىسبەتەن ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان 10 نەچچە خىل سەۋەب بار بولۇپ، رەخمۇتۇللا سەمەت ۋە ئابدۇسوپۇر سەمەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا، ئۇلارنىڭ سودا سارايلىرىنىڭ مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنىشى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر سودىگەرلەر مەركەزلەشكەن سودىغا بازىرىغا ئايلىنىپلا قالماستىن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭمۇ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكا مىلياردېرلار ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرى داۋامىدا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار بىر مەزگىل دائىرىلەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلانغان يەنى رەخمۇتۇللا سەمەت ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە قەدەر ۋەزىپىدار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىنىڭ بەدىلىنى تۆلەشتىن ساقلىنالمىغان، تۆلىگەندىمۇ خېلى ئېغىر تۆلىگەن: ئاكا-ئۇكا ئىككىسى 20 يىللىقتىن كېسىلگەندىن باشقا، پۈتۈن مال دۇنياسى مۇسادىرە قىلىنغان.

قىزىلسۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى، مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلار ھەققىدە ئۆتكەن ئايدا سوت ئېچىلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكىلار، خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش، خەلق قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلىرىدا يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان مەزگىللىرىدىمۇ، ساقچىلارنىڭ تۇتۇش ۋە سوراق قىلىشلىرىدىن ساقلىنالمىغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزى تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە، رەخمۇتۇللا سەمەتمۇ بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇنى سوراق قىلغان سوراقچىلارنىڭ سوراق جەريانى ۋە تەسىراتىدىن خەۋەر تاپقان.

رەخمۇتۇللا سەمەتنىڭ ئابدۇخېلىل سەمەت ئىسىملىك يەنە قېرىندىشىنىڭ بار بولۇپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت