«قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.04.19
«قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى «قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» دېگەن كىتاب تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى كىتابىغا ئىمزا قويماقتا. 2022-يىلى 16-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى شاھىتلارنىڭ دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان «قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» دېگەن كىتاب تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، «ئاقتاش» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

بۇ كىتاب 16-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ جامىسى ئالدىدا ئېچىلغان كىتاب يەرمەنكىسىدە سېتىشقا چىقىرىلدى. يازغۇچى خالىس ئۆزدېمىر بۇ كىتابنى سېتىشقا چىقارغان يەرمەنكىدە ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە تۈركىيەدىكى بىرقىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بېرىپ قاتنىشىپ كىتابنى سېتىۋالدى ھەم خالىس ئۆزدېمىرگە تەشەككۈر ئېيتتى.

320 بەتلىك بۇ كىتابقا يەنە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاڭلىتىلمىغان پەريادى ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ بىلىنمىگەن ھەقىقىتى» دەپ قوشۇمچە نام بېرىلگەن.

ئاپتور كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇم ۋە قايغۇ-ئازابلىرىنى يېزىشتا قانچىلىك قىينالغانلىقىنى ئىپادىلەپ سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «شەرقىي تۈركىستان ئەمدى سۆز سۆزلەشنىڭ ئورنى قالمىغان بىر يەر، كۆپ نەرسىلەرنى يازدىم ۋە ئۆچۈردۈم تەكرار يازدىم ۋە يەنە ئۆچۈردۈم، ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى، قانداقمۇ يازاي؟».

تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندىنىڭ «قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» ناملىق كىتاب يەرمەنكىسىگە كېلىپ ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتقان ئۇيغۇرلار. 2022-يىلى 16-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندىنىڭ «قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» ناملىق كىتاب يەرمەنكىسىگە كېلىپ ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتقان ئۇيغۇرلار. 2022-يىلى 16-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئاپتور يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىرى، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىرىنى يېزىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «قىيىن-قىستاقتا ئۆلگەن مۇسۇلمان تۈرك ياشلىرىنى. . . ئائىلىسى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان، تۈرمىلەردە ئازاب تارتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە لاگېرلىرىغا قامىلىپ كوممۇنىست خىتايغا ئايلاندۇرۇلۇپ يېتىشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قانداق يازاي؟ تۈركىيەدە ۋە باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 5-10 يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلالماي، خەۋەر ئالالماي ئىزتىراپ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى قانداق يازىمەن؟ باللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۆمەر فارۇقنىڭ ۋە ئايالىنىڭ بالىلىرىنىڭ بوش بۆشۈككە قاراپ كېچىلىرى تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ چىققانلىقىنى قانداق يازىمەن؟ ئابدۇراخمان توختىنىڭ 4 ياشلىق ئوغلىنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ كوممۇنىست خىتاي قىلىپ يېتىشتۈرۈلۈشىنى، بالىنىڭ دادىسىنى تونۇماسلىقىنى ۋە دادىسى بىلەن خىتايچە سۆزلىشىشكە ئورۇنۇشلىرىنى، ئايالى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتقانلىقلىرىنى قانداقمۇ يازاي؟» دەپ تەكىتلىگەن.

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «قەدىمدىن تۈرك ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئەڭ ئاخىرىدا 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇس-خىتاي ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھىيلە-نەيرەڭلەر نەتىجىسىدە 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. شۇ تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا قان ۋە كۆز يېشى توختىمىدى، ھەر خىل زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئاسسىمىلياتسىيە ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، يەنى يەرلىك خەلقنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەپ رايونغا خىتايلارنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت خىتاي دۆلەت سىياسىتى ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى جەھەتتە ئىنتايىن كۆپ بايلىققا ئىگە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. مەدەنىيەت ۋە سەنئەت جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن بايلىققا ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارشى بىر يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. قايتا تەربىيەلەش نامىدا قۇرۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارشى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكى دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى».

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنىڭ مۇئەللىپى تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى «قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» نامىدىكى كىتابنىڭ مەزمۇنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى نامىدىكى كىتابىمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاڭلىتىلمىغان پەريادىنى، قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە شاھىت بولغانلار ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ شاھىتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھۆججەتلىك كىتاب بولۇپ، بۇ كىرىلىك تارىخ تارىخ سەھىپىسىگە داغ چۈشۈرۈش بىلەن ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىدىغانلىقىنى ئەپسۇسلنارلىق بىلەن ئىپادىلەيمەن. بۇ كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇسلۇبلىرى، خىتاي دۇنيادا نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلماقچى، باشقا دۆلەتلەرگە قانداق كېڭىيىۋاتىدۇ؟دېگەنلەر ۋە بۇ ھەقتە ئاكادېمىك قېرىنداشلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتابتا يەنە باشتا گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى يېزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لاگېرغا قامالغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان ھېكايىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىشنى خالىغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

يازغۇچى خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتا بىر ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابىمىزنىڭ مەيلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەردىنى، مەيلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتا بىر ئۈلگىلىك ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ زۇلۇمغا قارشى سۈكۈت قىلىشىمىز، كۆرمەسلىككە سېلىشىمىز، بۇ مەسىلىدە ئۆزىمىزدە بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ھېس قىلىش مۇمكىن ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، قانداشلىرىمىزدۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى، 21-ئەسىردە دۇنيانىڭ كۆپىنچە يەرلىرىدە بىلىنمىگەن زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، بۇنى دۇنيانىڭ ھېچ قانداق يەرلىرىدىكى زۇلۇمغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. . شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان خەلقى ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ يۈزىدىكى ماسكىسى بۇ كىتاب ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا جاكارلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى بۇ كىتابنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئوقۇپ چىقىشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى مۇمكىن بولسا خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ ئوقۇپ چىقسا، بەلكىم دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىن، خىتاي بۈگۈنكى كۈندە ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن زالىم خىتاي، زالىم خىتاي ئەمەلدارلىرى دەپ تارىخقا يېزىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زۇلۇمنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، بۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بىر ئەھۋالدۇر، بۇ، دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇش جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن».

خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشتا ماددىي ياردەمدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن، بۇ كىتابنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىغا ۋە خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن».

بىز كىتاب سېتىش يەرمەنكىسىدە بۇ كىتابنى سېتىۋالغان تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئوسمان نۇرى كاباكتەپە ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئوسمان نۇرى كاباكتەپە ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «رامىزان ئېيىدا تۇرۇۋاتىمىز، رامىزان ئېيىنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا ياخشىلىقلار كەلتۈرۈشىنى تىلەيمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ھەم تىنچلىق ھەم ياخشى كۈنلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشكەن كۈنلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەممىسىگە سالام يوللايمەن».

بىز يەنە بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىدا ماددىي ياردەمدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ماددىي ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى، بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكى ئارىسىدا پىكىر پەيدا قىلىشتا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.