بېلگىيەلىك ياش ئەسما گۈن: ئەمەلىيەتتە پىكىرلەر سىياسەتتىن كۈچلۈك

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.01.05
بېلگىيەلىك ياش ئەسما گۈن: ئەمەلىيەتتە پىكىرلەر سىياسەتتىن كۈچلۈك بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، برۇكسەل ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمى ئوقۇغۇچىسى ئەسما گۈن 1-يانۋار ئۆزگىچە شەكىلدە داڭلىق ماركىلارنىڭ ژۇرنال مۇقاۋا سۈرىتىگە تەقلىد قېلىپ تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ بىرى. 2021-يىلى يانۋار.
Esma Gün teminligen

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، برۇكسەل ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمى ئوقۇغۇچىسى ئەسما گۈن 1-يانۋار ئۆزگىچە شەكىلدە داڭلىق ماركىلارنىڭ ژۇرنال مۇقاۋا سۈرىتىگە تەقلىد قېلىپ تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش پائالىيىتى باشلىغان.

تەقلىدى سۈرەتلەردە مودېلنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىگە «جازا لاگېرىدا ياسالغان»، «يۈز پىرسەنت ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ياسالغان»، «مەجبۇرىي تۇغماس قېلىنغان ئۇيغۇر ئايال تەرىپىدىن ئىشلەنگەن» قاتارلىق جۈملىلەر ئىشلىتىلگەن.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، برۇكسەل ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمى ئوقۇغۇچىسى ئەسما گۈن 1-يانۋار ئۆزگىچە شەكىلدە داڭلىق ماركىلارنىڭ ژۇرنال مۇقاۋا سۈرىتىگە تەقلىد قېلىپ تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ بىرى. 2021-يىلى يانۋار.

ئەسما خانىم بۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئالىدىغان ماركىلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئەسما خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا شۇ جۈملىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىگەن: «سىز ياخشى كۆرىدىغان دۇكاندىن كىيىم سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم ئويلاڭ».

ئەسما خانىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىقتىساد ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر تېما. كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىش، سودىلىق قىلىش دېگەندەك. بولۇپمۇ بۇ كۈنلەردە كىشىلەر ئېھتىياجى بولسىمۇ-بولمىسىمۇ تېخىمۇ كۆپ كىيىم كېچەك سېتىۋالىدىغان بولدى. نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچقىرىلغانلىقى ۋە بۇ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار كارخانىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى يوشۇرۇشى ئەسلىدە بىر چوڭ مەسىلە. مەن بۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمغا بىزنىڭ قانچىلىك يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدىم. يەنى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغان، لېكىن بەك بىئارام قىلمايدىغان مۇشۇنداق شەكىلدە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم».

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، برۇكسەل ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمى ئوقۇغۇچىسى ئەسما گۈن 1-يانۋار ئۆزگىچە شەكىلدە داڭلىق ماركىلارنىڭ ژۇرنال مۇقاۋا سۈرىتىگە تەقلىد قېلىپ تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ بىرى. 2021-يىلى يانۋار.

ئەسما گۈن خانىم، ئۇنىڭ فوتوگراف دوستى توم ئىممەنۇئەل ۋە ئىنىسى كەرىم گۈن قاتارلىق ياۋروپادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ بىر شەكىلدە تەشۋىق قېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغان ياشلار، بولۇپمۇ بېلگىيە ۋە تۈركىيەدىكى ياشلار بۇ پائالىيەتكە ناھايىتى ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندى مۇشۇنداق چەتئەللىك ياشلارنىڭ قوللىشى بىلەن بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇۋاتقانلىقىنىى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھەرخىل تىللاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆردۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزمۇ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھۇ-زارىنى مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئاڭلاتتۇق، كەلگەن ئىنكاسلارمۇ بەك ياخشى بولۇۋاتىدۇ».

ئەسما خانىم ئۆزلىرى تەقلىدى ژۇرنال مۇقاۋىسىدا قوللانغان زارا قاتارلىق ماركىلارنى تاللىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماركىلار بىزنىڭ بىلىدىغان ماركىلىرىمىز. توردىن ئاختۇرۇپ قارايدىغان بولساق ئەڭ كۆپ ياخشى كۆرۈلگەن ماركىلار. تەتقىقاتچىلار ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن تارتىپ، كۈندىلىك ئەشيالىرىمىز، كىيىم-كېچەكلىرىمىزگىچە نۇرغۇن ئىستېمال بويۇملىرىمىز لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان. نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار بۇ تىزىملىكتە بار ئىكەن. لېكىن باھاسى مۇۋاپىقراق زارا، يۇنكلو قاتارلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمالچىلىرى كۆپ. شۇڭا كۆپرەك كىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىستېمالچىلىرى كۆپ ماركىنى تاللىدىم».

ئەسما خانىم مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «پەقەت زارا شىركىتىلا كىيىم تىكمەيدۇ. توغرا ئەڭ چوڭ، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ماركىلارنىڭ بىرى. مېنىڭمۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماركىلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى ئويلىغىنىمدا بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئۇ ماركىلىق كىيىمىنى كىيەلمەيمەن».

تەتقىقاتچى ئادريان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى لاگېرلارنىڭ يانلىرىدىكى ياكى ئۇنىڭغا ئانچە يىراق بولمىغان نۇقتىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 1-مارت كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكىگەنلىكى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى خىتايغا جايلاشقان دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق شىركەتلەرنىڭ، مەسىلەن، ئالما، نايكى، سونىي، زارا، جەك & جونىس قاتارلىق 83 داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ۋە ئەرزان باھادا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئەسما خانىم ۋە ئەكبەر ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىغانلىقىنى ۋە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئېيتىشتى.

ئەسما خانىم: «ئىنكاسلار بەك ياخشى. %99 كىشى بۇ پائالىيەتنى قوللاۋاتىدۇ. چوڭ ماركىلىق مەھسۇلات دۇكانلىرىدىن كېيىم-كېچەك سېتىۋېلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئادىتىدىن ۋاز كېچىش تەس. لېكىن بىزنىڭ پائالىيىتىمىزدىن خەۋەردار بولغانلار بىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى چۈشەندى، دەپ قارايمەن. ئەگەر بىز بۇ چوڭ ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى قوللىساق، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىخىمۇ ئىغىر زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بىز قوللىمىساق، قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما بىر ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بىزنىڭ بىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلىشى ماڭا يېتىدۇ».

ئەسما خانىم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ئادەتتە دۆلەتنىڭ بېشىدا بولغان سىياسەتچىلەر دۆلەتنى، دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ دەپ ئويلايمىز، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمەيدۇ، لېكىن پىكىرلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتكەن كىشىلەرنى بىلىمىز. يەنى ئەسلىدە سۆزلەر، پىكىرلەر تېخىمۇ كۈچلۈك. مەن بۇ پائالىيەت جەريانىدا نۇرغۇن قوللاشقا ئېرىشتىم. شۇڭا ئۆزۈمدە تېخىمۇ چوڭ بىر مەسئۇلىيەت ھېس قىلىۋاتىمەن. ھازىرچە كېيىنكى پائالىيەت ئۈچۈن بىر ئېنىق پىلانىم يوق. ئەمما كەلگۈسىدە يەنە باشقا پائالىيەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.