كېڭىيىۋاتقان قاماقخانىلار ۋە ئايىغى چىقماس تۇتقۇنلار سېپى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-01-11
Share
كېڭىيىۋاتقان قاماقخانىلار ۋە ئايىغى چىقماس تۇتقۇنلار سېپى (2) نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» بايقىغان ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاگېرنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سۈرىتى. 2020-يىلى نويابىر.
Bextiyar Ömer teminligen

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا جىن بۇنىن ئەپەندى بۇنىڭ لاگېرلاردىن تۈرمىلەرگە قاماق جازاسىنى ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنىڭ نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا ئەڭ ئېنىق نامايەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىلگىرى ئادريان زېنز توپلىغان ئۇچۇرلاردا پۈتۈن-پۈتۈن مەھەللە بويىچە كىشىلەرنىڭ لاگېرغا، تۈرمىگە ياكى يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا توپلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق بەرگۈچى شەخسلەرنىڭ بايانلىرى بولسا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ يېرىمىنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن. بولۇپمۇ يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئازاتباغ، چېدىر توغراق، دۆڭ ئۆستەڭ، لەڭگەر قاتارلىق يېزىلىرىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرمىلەرگە يوللىنىشى بۇ نىسبەتنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 50 تە 50 ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. بۇ ھال ئاقسۇ، ئالتاي، كورلا، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق ئورۇنلارنى بويلىغان شىمالىي يۆنۈلۈشتە سەل تۆۋەن بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جىن بۇنىن ئەپەندى لاگېرغا قاماشنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«بۇ خىلدىكى سېلىشتۇرما دەرىجە ئەھۋالىنى لاگىردىكى رېئاللىقتىن كۆرۈۋالغىلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن كىشىلەر چاقماق تېزلىكىدە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان. ‹ئۇزۇن يىللىق› دېگەندە ئون يىل، ئون بەش يىل ياكى يىگىرمە يىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئارتىلغان ئەيىبلەرگە قارايدىغان بولساق بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تولىمۇ بىمەنە، يەنە كېلىپ ئادەمنىڭ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپ قالىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ كىشىلەر ھېچقانداق سوت تەرتىۋىدىن ئۆتمەيلا ياكى ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى قاتناشمىغان يېپىق سوتتا چاقماق تېزلىكىدە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىلەرگە يوللاپ بېرىلگەن. بۇ يوسۇندىكى تۈرمىگە يوللاش ئەھۋالى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا مەيلى لاگېرلار ياكى تۈرمىلەر ئ‍ۆز فۇنكىتسىيەسىدىن توختاپ قالمىدى. تۇتقۇنلارمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى. ئەمما شۇ جەرياندا ئاتالمىش ‹قانۇنىي سىستېما› ئارقىلىق تۈرمىلەرگە يوللاپ بېرىلگەن يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى شۇنچە ئايدىڭ مەلۇم بولۇپ تۇردى. يەنە بىر ياقتىن 2018-يىلى ۋە 2019-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ سانى تېزدىن كۆپەيگەن بولسىمۇ، ھازىر بۇنداق گۇۋاھلىق بايانلىرى ئازلاپ قالدى. مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۇ كىشىلەرنىڭ جەمىيەت قوينىغا ئەمەس، بەلكى ئاللىقاچان تۈرمىلەرگە يوللىنىپ بولغانلىقىنى قىياس قىلىش قىيىن ئەمەس. مۇھاجىرەتتە بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىسىڭىز ھەقىقەتەنمۇ يۈرەك-باغرىڭىز ئېزىلىپ كېتېىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بايانلىرى قايتا-قايتىلاپ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر رېئاللىقنى تەسۋىرلەيدۇ.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان يازما پاكىتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان ئىچكىي ماتېرىياللاردىكى ئەھۋاللار بىلەن ئ‍ۆزئارا ماس كېلىشى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن «ئىبرەت فىلىملىرى» دە تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىشى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا نۆۋەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئادەم قاماش مۇئەسسەسەلىرىنىڭ سىغدۇرۇش ئىقتىدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى قىياس قىلىش قىيىن ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ئون نەچچە يىلدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بۇ كىشىلەر ئىزچىل لاگېرلاردىن چىقماي تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاساسەن ئۇلارنى سىغدۇرغىدەك تۈرمىنىڭ قالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئەمما رېئاللىق شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا زور بىر قىسىم شاھىدلار بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاللىقاچان تۈرمىلەرگە يوللىنىپ بولغان تۇغقانلىرىنى «لاگىر تۇتقۇنلىرى» دەپ ئاتىماقتا ئىكەن.

«مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەر بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرگەندە بەزىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاماق جازاسىنى ئۆتەش ئۈچۈن تۈرمىلەرگە يوللىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكىتلەشنى ئانچە خالىمايدۇ. قارىسام بەزىلەر ‹باشقىلارغا تۇغقىنىمنى تۈرمىدە قاماقتا يېتىۋاتىدۇ، دېسەم ئۇلارنى راستىنلا بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ› دەيدىكەن. شۇڭا ئۇلار سورىغانلارغا ‹تۇغقىنىم لاگېردا› دەيدىكەن. يەنە بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردىن كېسىم ئېلان قىلىنىپ تۈرمىگە يوللانغانلىقىنى بىلسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۇلارنى جىنايەتچى، دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ‹ئۇلار ھازىرغىچە لاگېردا› دەيدىكەن. شۇڭا بەزىدە مۇشۇ خىلدىكى ئارتۇقچە ئەندىشە تۈپەيلىدىن نۇرغۇن گۇۋاھچىلار باشقىچە ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بەزى قايمۇقۇشلارغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە مەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزلىرىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما رېئاللىق بولسا دەل بۇنىڭ تەتۈرىسىچە.»

قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن تۈرمىلەر سېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدا بۇنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە ئاشقان. بۇ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تۈرلۈك قۇرۇلۇش ھەققىدىكى ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان بولۇپ، ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا يېڭى تۈرمىلەرنىڭ كېڭىيىشىنى يېڭى ئورۇندا يېڭى تۈرمە سېلىش، باشقا مۇئەسسەلەرنى تۈرمىگە ئۆزگەرتىش ۋە مەۋجۇت تۈرمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش دېگەندەك ئۈچ چوڭ شەكىلدە كۆرسىتىش مۇمكىن ئىكەن. جۈملىدىن «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېۋا دۇ 2020-يىلى قەشقەرگە زىيارەتكە بارغاندا ئىلگىرى لاگېر ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان قۇرۇلۇشنىڭ ئەمدىلىكتە مۇنتىزىم تۈرمىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان بۇ تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى بولغان بەزى كىشىلەر بۇ جايلاردىن چىقىپ كېتىشكە قادىر بولغاندىن سىرت مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر، بولۇپمۇ خىتاي پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۈرمىلەرگە يوللانماقتا ئىكەن. جىن بۇنىن ئەپەندى بۇ ئەھۋالنى «ئىگىسى يوق خەلقنىڭ كۈنى تەس» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ.

«ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە بەكمۇ پايدىسىز ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانغا ئۇلارنىڭ دۆلىتى يوق. ئەمما ياخشى يېرى ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى جامائىتى دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن بەزى ‹سۈرى بار› دۆلەتلەردە زور تەسىر قوزغاش رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بۇ جايلاردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم تېمىلار قاتارىغا قويۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىزگە ئايان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارغا ئىگە چىقىدىغان دۆلىتى بولمىغاندىكىن، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇلارغا قوشنا بولغان قازاقىستان ئاشۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن بىرلىكتە لاگېرلارغا قامالغان بىر قىسىم قازاقلارنى قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. چۈنكى بۇ قازاقلارمۇ تىل ۋە ئېتىقاد جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا بەكمۇ يېقىن بولغانلىقتىن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ قازاقلارنى ئاياپ قويىدىغان ئىشنى قىلمايتتى. چۈنكى بۇنداق بولغاندا بۇ قازاقلار قازاقىستانغا چىقسا شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ھېكايە ئېيتقاندەك سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭمۇ ئابرويىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇنداق ئىشلارغا يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە. يەنە كېلىپ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى قامىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ بۇنىڭ گۇۋاھچىلىرىنى تاختىبېشىغا ئېلىپ قويمايدۇ.»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئاقىۋەتلىرى تاشقى دۇنياغا ياخشى بىلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ماددىي ئىسپاتلار ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ھەمدە تاشقى دۇنيا «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنى مۇكەممەل تەسۋىرلەپ بېرىشكە كەملىك قىلىدىكەن. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق تەقىپ قىلىشى بىر مۇھىم سەۋەب بولسا، مۇھاجىرەتتىكى يەنە بىر قىسىم شاھىدلارنىڭ ئۆزلىرى بىلگەن ئەھۋالنى ئاشكارىلاشتىن «ئېھتىيات» قىلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر «ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتى قامالغان بولسا قالغانلىرى قامالمىغان. شۇڭا بۇنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاش مۇۋاپىقمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارمۇ تۇغۇلماقتا ئىكەن.

«ھازىر قارايدىغان بولساق ئەھۋال بىر قىسىم كىشىلەر ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ‹قىرغىنچىلىق› دەپ تەسۋىرلەيدىغان بىر ھالغا كېلىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئاتاشنى ھازىر خېلىلا ئومۇملىشىپ قالدى، دېسەكمۇ بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل ئاتاشنى دەرۋەقە خاتا بولدى، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ قانداق شەكىلدىكى قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق زۆرۈر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەن بۇنى ‹ئاستا رەۋىشتىكى قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاش بىرقەدەر مۇۋاپىقمىكىن، دەيمەن. چۈنكى ھازىرقى رېئاللىقتىن قارىغاندا ئۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ روھى سۇندۇرۇلۇپ، ئائىلىلەردىكى جۇدالىق ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈۋالىدىغانلار ياكى دەرت-ئەلەمدىن تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى تېزدىن ئېشىۋاتىدۇ. بىز ئادەتلەنگەن ‹قىرغىنچىلىق› ھادىسىسى ئادەتتە كىشىلەرنى توپ-توپى بىلەن ئېلىپ چىقىپ قاتىرىسىغا تىزغاندىن كېيىن ئېتىپ تاشلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇ جايدىكى رېئالللىق ھازىرچە ئۇنداق بىر ھالغا بارمىدى. يەنە كېلىپ ھازىر ئۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئون پىرسەنتى لاگېردا، قالغان 90 پىرسەنتى سىرتتا، دېيىلىۋاتقاندا بۇ جەھەتتە يەنىلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان ھالدا سۆز قىلىشمۇ سەل مۇھىم. يەنە بىرى بۇ خىل قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان بىلەن ئۇلار نۆۋەتتىكى لاگېرلار ۋە قاماق ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسىنى تولۇق تەسۋىرلەپ بېرىشكە كەملىك قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، تۈرمە ياكى قاماقخانىلاردىكى باسقۇنچىلىق، نامەلۇم دورا-ئوكۇل بېرىش دېگەنلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قىل سىغمىسىمۇ بۇ خىلدىكى كىرىزىسلارنىڭ شۇ جايدىكى يەرلىك قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى سۈيئىستىمال قىلىش ھادىسىسى ياكى بۇ ھەقتىكى ئومۇمىي سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا كېسىپ بىرنەرسە دېيىشكە ماددىي ئىسپات كەم.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك قاماق ئورۇنلىرىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى «يېڭى بىلىم ۋە ھۆنەر ئىگىلەش يولى» دەپ چۈشەندۈرىۋاتقان بولۇپ، غەرپ دۇنياسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىنى «بىزنىڭ ئىچكىي ئىشىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دەپ رەت قىلماقتا ئىكەن. ئەمما ھازىرغىچە مەلۇم بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇچۇرلار بولسا تۇتقۇنلار سانىنىڭ ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت