ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوخشاش بىر كۈندە ئامېرىكا ۋە كانادا رەھبەرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-02-17
Share
ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوخشاش بىر كۈندە ئامېرىكا ۋە كانادا رەھبەرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى(ھازىرقى پرېزىدېنتى) جو بايدىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 2016-يىلى 9-دېكابىر، كانادا.
REUTERS

ئۇيغۇر مەسىلىسى 16-فېۋرال ئوخشاش بىر كۈندە ئامېرىكا ۋە كانادا رەھبەرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. پرېزىدېنت بايدېن 16-فېۋرال خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇنجى قېتىم شىمالى ئامېرىكادىكى بۇ ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبرىنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە ئىپادە بىلدۈرۈشىدۇر.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن يۇقىرىقى سۆزلەرنى 16-فېۋرال نيۇ-يورك شتاتىنىڭ مىلۋاكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا سۆز قىلىپ، پۇقرالارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا CNN نىڭ رىياسەتچىسى ئاندېرسون كوپېرنىڭ جوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قانداق تەكىتلەنگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتقان. ئاقساراي بايدېننىڭ ئۆتكەن ھەپتە شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە سودا، ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىنى سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پرېزىدېنت بايدېن، سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن 2 سائەت داۋاملاشقان تېلېفون سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر سىز خىتاي تارىخىنى ئازراق بىلسىڭىز، خىتاينىڭ بىرلىككە كېلەلمىگەن چېچىلاڭغۇ ۋاقتى ئۇنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋاقتىدۇر. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق سىياسىتى خىتايدا ھوقۇق مەركەزگە يىغىلغان بىر كونترول كۈچى بەرپا قىلىشتۇر. ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارغا مۇشۇ نۇقتىدىن قارار چىقارغان. مەن ئۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمىغان ھەرقانداق پرېزىدېنت ئۆز ئورنىدا ئولتۇرالمايدۇ، دېدىم. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىدىيەسى مېنىڭ ئۇنىڭ خوڭكوڭدا قىلىۋاتقانلىرىغا، خىتاينىڭ غەربىي تاغلىق رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىغا، تەيۋەن پرىنسىپىنى زورلاشلىرىغا قارشى سۆزلىمەسلىكىم» دېگەن.

پرېزىدېنت بايدېننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىنىڭ بىر بەدىلى بار ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بايدېن مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر بەدىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭمۇ بۇنى بىلىدۇ. مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم شۇنى ئېنىق ئىپادە قىلىش، يەنى بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆزچىسى بولۇش جەھەتتىكى رولىمىزنى ب د ت ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىگە تەسىر قىلالايدىغان باشقا ئورۇنلاردا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئىپادىلەشتۇر. خىتاي دۇنياغا يېتەكچى بولۇش، بۇ ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشى كېرەك».

شۇنى كۈنى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرېدومۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش-بېكىتمەسلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش-يۆتكىمەسلىك مەسىلىسىگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن. تىرېدونىڭ 16-فېۋرال كانادا تاراتقۇلىرىغا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىدا شەك بولمىسىمۇ، بىراق بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېيىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن.

جاستىن تىرېدو: «خەلقئارا قانۇن پرىنسىپىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بېكىتىشكە ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن قارىشىنى توغرا دەپ قارايمەن. بۇ سۆزنى ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ يوللۇق بولۇشى ۋە مۇەييەنلىشىشىنىڭ ئېنىق ھەم مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇرۇنقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ سالمىقى ئىنتايىن ئېغىر، بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك».

باش مىنىستىر تىرېدونىڭ تەكىتلىشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگەن بۇ خۇلاسىگە كېلىش ئۈچۈن ھەممە نۇقتىلارنىڭ ئايدىڭلىشىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز ۋە ئەندىشىمىزنى كۆپ قېتىم ئىپادىلەپ كەلدۇق. بىراق ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگەن بۇ كونكرېت سۆزلۈكنى ئىشلەتكەندە بۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىشنىڭ ئالدىدا بىز بارلىق نۇقتىلارنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم».

بىراق تىرېدو، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقئارانىڭ مەزكۇر رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايۋاتقان ئەھۋالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت نۇقتىلارنى قانداق ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقى، يەنە قانداق نۇقتىلارنىڭ ئايدىڭلىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن. تىرېدو بۇ سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئالدىدا كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئېرىن ئۆتۈل ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، كانادانىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش توغرىسىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئېرىن ئۆتۈل سۆزىدە: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. خوڭكوڭدا ساقچى دۆلىتى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ يەنە ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى ئىككى يىل مابەينىدە قانۇنسىز گۆرۈگە تۇتۇپ كەلدى. كانادا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدا كانادا ھەقلىق بولۇپلا قالماي، يەنە مەسئۇلىيىتىمۇ بار. بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بۇ دۆلەتتىن يۆتكەپ چىقىپ كېتىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق تىرېدو ئېرىن ئوتۇلنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇ پەقەت خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، كانادا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە كانادا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتى ۋە باشقىلارنىڭ، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭمۇ ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

جاستىن تىرېدو كانادا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن، يېقىندىن بېرى بۇ تەلەپ تېخىمۇ كۈچەيگەن مەزگىلدە يۇقىرىقى سۆزلىرىنى قىلغانىدى. يېقىندا كانادا پارلامېنتىنىڭ بىر كونسېرۋاتىپ ئەزاسى كانادا پارلامېنتىغا ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش تەكلىپ لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت