پروفېسسور ئىلياس دوغان: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.03.26
prof-İlyas-Dogan.jpg ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلياس دوغان ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 24-مارت كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ توغرىلىق خىتاينى سوتقا بېرىش، تۈرك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوڭچى ئاخباراتنىڭ يامان نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە 5-مارت كۈنى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلياس دوغان ئەپەندىنىڭ «قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇماتى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىلياس دوغان ئەپەندى 5-مارت كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزىگە ۋاكالەتنامە بەرگەن تەقدىردە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توغرىسىدا خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دىكى مەزكۇر ماقالىدە ئىلياس دوغان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلىنى تېپىش نىيىتى بىلەن بۇنى دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ ماقالىدە يەنە ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە سۈرىيەدىكى تېررورچىلار بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ ئەيىبلەنگەن.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن پروفېسسور ئىلياس دوغانغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ، بىزگە يازما جاۋاب ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ يازما جاۋابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىقىنى يەنە ئىنكار قىلىپتۇ، بۇنى ئىنكار قىلسا دۇنيانىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى خىتايغىمۇ ئايان بولغىنىدەك مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىگىمۇ ئايان. ئۇيغۇرلارنى لاگېرلاردا ھەقسىز ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە ئەل-قائىدەچىنىڭ بارلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق زۇلۇم سېلىش ئەڭ رەزىل جىنايەتتۇر. مەن يازغان كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى كىتابلىرىمدا زوراۋانلىقنى ئەيىبلىگەنلىكىم ھەممىگە مەلۇم. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلار يات مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارغا قاتتىق بېسىم يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.

خىتاي ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ باشقا يەرلەرگە ئاپىرىپ مېڭىسىنى يۇيۇشقا تىرىشماقتا. بۇ 1948-يىلى ماقۇللانغان كىشىلىك ھوقۇقى ئەھدىنامىسى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا زورلىماقتا. بۇمۇ ‹بىر مىللەت يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش› ماددىسى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ئۇلارنى مىللىي كىملىكىدىن، دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە خىلاپ».

پروفېسسور دوكتور ئىلياس دوغان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى، قانۇنچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن خەلقئارا قانۇن كەسپى ئوقۇتقۇچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن».

ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا مەزكۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلارنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى قارارىنى ماقۇللىغان، بۇ قارارنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە مەزكۇر سىياسەتنى قوللاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كېلەچەكتە خەلقئارا سوتتا سوتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

ئىلياس دوغان ئەپەندى ھازىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر بولۇپ تارقىلىۋاتقان تراگېدىيەلەرنىڭ پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاۋاتقانلارنى بولسا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىگە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرگە خاس تەشۋىقات ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ بىزگە يازما شەكلىدە ئەۋەتكەن باياناتىدا ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 24-مارت كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ توغرىلىق خىتاينى سوتقا بېرىش، تۈرك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوڭچى ئاخباراتنىڭ يامان نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمغىمۇ ھۇجۇم قىلىنغان. روشەن خانىم، خىتاينىڭ ئۆزى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قارىلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى كورونا ۋىرۇسى خەۋپى بار رايونلارغا يۆتكەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆپ تىللىق قىلىپ ئىشلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تارقىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر ماقالىسىدىن، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ نىشانغا يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىلياس دوغاندەك كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنى قارىلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.