گوللاندىيەلىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئىمزا قويغۇچىلار بىر مىليونغا يېتەي، دېگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گوللاندىيەلىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ناۋىد ۋارداك باشلىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىمزا توپلاش چاقىرىقى.
گوللاندىيەلىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ناۋىد ۋارداك باشلىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىمزا توپلاش چاقىرىقى.
Photo: RFA

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى توختىتىش ھەققىدىكى خەلقئارا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى گوللاندىيەلىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ناۋىد ۋارداك باشلىغان. نۆۋەتتە، ناۋىد ۋارداكنىڭ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ۋە ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىغا يازغان مەزكۇر ئەرزىگە ئىمزا قويغۇچىلار 765 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ناۋىد ۋارداكنىڭ پىلانى ئىمزا قويغۇچىلارنى بىر مىليونغا يەتكۈزۈشتۇر.

بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئادەم ئىمزا قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەلقئارا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى. ئۇنىڭدا ناۋىد ۋارداك، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى، خەلقئارا جامائەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە، ناۋىد ۋارداكنىڭ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى يائىر ئودېدكە ئوخشاش غەربلىك يازغۇچى، ژۇرنالىست ۋە تەھرىرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يائىر ئودېد 1-ئاپرېل كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل ئىمزا توپلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرى توپلاپ، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتىكى «كۈچلۈك قورال» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يائىر ئودېد مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىۋېتىپ، ‹ئۆزگىرىش› تورىدىكى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى ئۇچرىتىپ، مېنى ئامېرىكادا ياشايدىغان بىر ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتايدىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن، دېگەن سوئال چۇلغىۋالدى. مەن ئىمزا توپلاش ئەرزىنى ئوقۇپ شۇنداقلا ئۆزۈممۇ بەزى ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، 1-قەدەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە ئۇ جايدا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. گوللاندىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ توردىكى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئىمزا قويۇشى ماڭا تەسىر قىلدى. مېنىڭچە مانا بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قورالدۇر».

يائىر ئودېد مەركىزى بېرلىندىكى «ئادىل پلانېت» ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تەھرىرى، «ئېكران مېدىياسى» نىڭ ئوبزورچىسى ۋە تەھرىرى. ئۇ، 30-مارت «ئادىل پلانېت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى ناۋىد ۋارداكنىڭ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرغان. ئۇ ماقالىسىدە، «بۇ ھەرىكەت ھەر بىر كىشىنىڭ مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرۈشى، ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە باغلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ناۋىد ۋارداكنىڭ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى بىر ئاينىڭ ئالدىدا باشلانغان. ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلانغان دەسلەپكى 4 كۈندە ئۇنىڭغا 150 مىڭ ئادەم ئىمزا قويغانىدى. بىز ناۋىد ۋارداك بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى زىيارەت قىلىش ئارزۇيىمىزنى بىلدۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى. گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارلىغۇچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناۋىد ۋارداكنىڭ ھەرىكىتى ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشتا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر: «غەرب جەمئىيەتلىرىدە بۇنداق ھەرىكەتلەر خەلقنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن، جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋاللار ياكى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا قارشى قانچە كۆپ ئادەم ئىمزا قويغان بولسا، بۇ يەردە خەلقنىڭ بۇ ئىشقا قانچىلىك نارازىلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ» دېدى.

ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك پەرق ۋە توقۇنۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە ئىپادىلەنمەكتىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ قىلمىشى دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە ئۇيغۇر: «ناۋىد ۋارداك بىر چەتئەللىك. مەن ئۆزى بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپرەك ئۇچۇرلارنى ئېلىشنى خالايدىكەن. يازغان ئىمزا توپلاش چاقىرىقى BBC نىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر توغرىسىدىكى چوڭ تىپلىق دوكلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى تۇتقا قىلغان. دېمەك ھازىر بىر چەتئەللىكمۇ گەرچە چوڭقۇر چۈشىنىپ كېتەلمىسىمۇ، لېكىن ئىچىۋاتقان دوكلاتلاردىن بۇ يەردە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى جەزم قىلىۋاتىدۇ».

«ئادىل پلانېت» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى يائىر ئودېد 1-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «ھازىر خىتايدا ھېچقانداق بوشلۇق قالمىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەر ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشى، ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك نورمال مۇناسىۋەت قىلماسلىقى كېرەك» ئىكەن.

يائىر ئودېد مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، مەزكۇر ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئارىلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. پاكىت شۇكى، بۇ ھەرىكەتكە دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىمزا قويۇپ، يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىگە دىققەت قىلىشىنىڭ ئۆزى بەك مۇھىم. مېنىڭچە مانا بۇ خەلقئارا جەمئىيەت باسالايدىغان تۇنجى قەدەم. تاشقى دۇنيادىكى بىز قىلىدىغان يەنە بىر ئىش ئۆزىمىزنى بۇ مەسىلىدە تەربىيىلەپ، ھۆكۈمەتلەرگە ئىلتىماس قىلىشتۇر. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىدە ھېچقانداق بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس. ھازىرقى يەرشارىلاشقان دۇنيادىكى ھېچكىمدە بوشلۇق يوق. خىتاي بىر ئىستىبدات ھاكىمىيەت، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆز قىلىشىغا يول قويمايدۇ. لېكىن بىز ئۆز رەھبەرلىرىمىزگە بېسىم ئىشلىتىمىز، ئۇلارنىڭ قولىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە خىتاي مىليونلىغان كىشىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇنىڭ بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ غەيرىي زوراۋانلىق يولىمىز بۇ مەسىلىدە دۇنيانى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ، دەپ ئويلايمەن».

ناۋىد ۋارداكنىڭ «ئۆزگىرىش» ناملىق توردا ئېلان قىلغان ئىمزا توپلاش چاقىرىقىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ لاگېرلارغا، بالىلىرىنىڭ يېتىمخانىلارغا قامالغانلىقى، ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەركەكلىرىگە توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ تەن جازاسى، تەقىبلەش، دىنىي ئىبادەت ھوقۇقىنى رەت قىلىش شۇنداقلا ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ‹نورمال پۇقرالار›غا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە «ھېچكىم دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالانماسلىقى، كىشىلەر بۇ مۇراجىئەتنامىنى ھەمبەھىرلەپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان بۇ ئەخلاقسىز، غەيرىي ئىنسانى زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇشى كېرەك» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت