ئامېرىكادىكى «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكادىكى «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئېچىلغان «نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەقىقىي خەۋپلەر» تېمىسىدىكى يىغىن. 2019-يىلى 23-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكادىكى «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئېچىلغان «نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەقىقىي خەۋپلەر» تېمىسىدىكى يىغىن. 2019-يىلى 23-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
RFA/Sada

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرماقتا. 23-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكادىكى «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ھەقىقىي خەۋپلەر» تېمىسىدىكى يىغىن دەل بۇنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

«مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىلەن زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە بىر بىرلەشمە تەشكىلات بولۇپ، مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتى- «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» (CAIR) «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىكتە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ۋە ئىنسانىي خورلۇقلار نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تېما سۈپىتىدە يىغىن ئەھلىگە ئاڭلىتىلغان.

مەزكۇر يىغىندا سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردىن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ تەسىرلىك نۇتقى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئاڭلاتقان.

روشەن ئابباس خانىم 23-ئىيۇل كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق چوڭ يىغىندا سۆزلىگۈچى بولۇپ تاللىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە ئېچىلىۋاتقان يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن ئالاھىدە سەھنە ھازىرلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «مۇسۇلمانلار مائارىپ تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى غازالا سالام خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ۋاشىنگتوندا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان جامائىتى ئۇچراۋاتقان ئېغىر زىيانكەشلىكلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلاردىن ئانچە خەۋىرى بولمىسا كېرەك. ئۇيغۇرلار ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ھايۋاناتلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىدىنمۇ بەتتەر كۈنگە قېلىپتۇ. ئۇلارنىڭ غۇرۇرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. شۇڭا بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپرەك سۆز قىلىشىمىز ھەم شۇ ئارقىلىق خىتاينى بۇ خىل قەبىھلىكلەر ئۈستىدىن جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق.»

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل سۈكۈتنى تاللاپ كەلگەن مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەت 12-ئىيۇل خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى قوللاپ ب د ت غا خەت يازغان ئىدى. بۇ يىل فېۋرالدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيلىقتىكى بۈيۈك ئوڭايسىزلىق» دەپ تەسۋىرلىگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئېغىز ئاچقان بىردىنبىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ قالغان ئىدى. ھالبۇكى ئارىدىن بەش ئاي ئۆتۈپ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ماختاپ سۆز قىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىكى مەيدانىدىن يېنىۋېلىشىغا قارىتا پىكىر بايان قىلغان كۆزەتكۈچىلەر، ئىسلام ئەللىرىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن ئېغىز ئاچمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

غازالا سالام خانىم سۆزى داۋامىدا ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشى كېرەك. ئىسلام دۆلەتلىرى نۆۋەتتە سىياسىي مەنپەئەتنىلا كۆزلەۋاتىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قوغداشنىڭ ئورنىغا دىكتاتورلارنىڭ زۇلۇمىغا ‹يانتاياق› بولۇۋاتىدۇ. بۇ بىر قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال.»

غازالا سالام خانىم سۆزىدە يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەققىدە ھازىرغىچە قىلىپ كەلگەن ئىشلىرىنىمۇ قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكادىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان كاندىداتلاردىن پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ قالسا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاينى ۋە خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرنى قانداق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى سوراپ كەلدۇق شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتىنى ئۇلارغا قانداق تەتبىقلاش ھەققىدە ئۇلارغا سوئال قويدۇق.»

زىيارەت داۋامىدا روشەن ئابباس خانىم پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن ئىجابىي ئىنكاسلارنى قايتۇرغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يىغىن ئەھلى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ھەسسىدارلىق قىلغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن قولىدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت