خىتاي سىياسىتى تەتقىقاتچىسى پېي مىنشىن: «خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.08.12
lager-yepiq-terbiyelesh-oginish.jpg ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

بۇ يىل 8-ئاۋغۇست، «نىككى (ياپون خەۋەرلىرى)» تورى «ئاسىيا ئوبزۇرى» سەھىپىسىدە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي سىياسىتى تەتقىقاتچىسى پېي مىنشىننىڭ «خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش ئىستراتېگىيەسى قوللىنىشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا قوللىنىۋاتقان سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ دۈشمەن پەيدا قىلىدىغانلىقى، ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇش تەكلىپلىرى بېرىلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى جاھىللىق بىلەن يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكادىن ئىبارەت دۇنياۋى رەقىبىنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ تۈزۈشىگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەقىقىي كېرەكلىك بولغىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ئاقماس سىياسىتىدىن دەرھال ۋاز كېچىشتۇر. خىتاي ئالدى بىلەن ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دىكى مۇسۇلمانلارنى (ئۇيغۇرلارنى) قويۇپ بېرىشى كېرەك.»

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈردى دېگەن بولسىمۇ، بىرەر «كۇرسانت» نىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىسپاتلانمىغانىدى. ماقالىدە بۇ نۇقتا تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر نومۇسىنى ئازراق بولسىمۇ ئاقلايمەن دېسە، نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىپ، تۆلەم سۈپىتىدە ھەر بىر كىشىگە 100 مىڭ يۈەندىن ئىگىلىك تىكلەش فوندى بېرىشى كېرەك. بىر مىليون مۇسۇلمانغا 100 مىڭ يۈەندىن بەرسە 100 مىليارد يۈەن بولىدۇ. قارىماققا بۇ ناھايىتى كۆپ پۇل، ئەمما خىتاي بۇنىڭدىن جىق پۇل خەجلىمەيدۇ. بۇنچىلىك ئازغىنە تۆلەم لاگېرلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ تارتقان ئازابلىرىغا ياماق بولالمىسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئەڭ توغرا بولغان بىرىنچى قەدەمدۇر.»

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى قەدەمدە ئۇيغۇر رايوندىكى مىللەتلەر ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى تۈزۈشى، بۇ رايوندا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بانكىسى قۇرۇپ، خۇسۇسىي كارخانا قۇرغۇچىلارغا ئىلھام بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى، بۇ رايوندىكى نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن يەرلىك خەلق بىلەن تەڭ بەھىرلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىشى، شۇ ئارقىلىق خەلقئارادا ئاز-تولا ياخشى پىكىر ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى باسقۇچتا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشتىن قەتئىي ۋاز كېچىش، ئۇيغۇر رايونىغا كىرىدىغان خىتاي نوپۇسىنى چەكلەش، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، جۈملىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىپ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا يول قويۇش، ئۇيغۇر رايونىغا ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ئەمەلدار تەيىنلەش، ھۆكۈمەتتە مۇسۇلمان مىللەت ۋەكىللىرىنى كۆپەيتىش دېگەندەك سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشى كېرەك ئىكەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ماقالە ھەققىدە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، پېي مىنشىننىڭ ئامېرىكادا ۋە خىتايدا دىققەتكە سازاۋەر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىدە ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارادا ۋە دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ ۋاقتىنچە قىيىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ماقالىدىكى پىكىرلەرنىڭ پەقەت شەخسىي كۆز قاراش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەمدى خىتايغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يىللاردىن بېرى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ قەبىھ نىيىتىدىن ئاسانلىقچە يانمايدۇ، شۇڭا بۇ ماقالىدە ئېيتىلغان تەكلىپلەرنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ،» دېدى.

مەزكۇر ماقالىدە يۇقىرىقى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا كېيىن، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەكلىپلەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلار ‹بۇنداق يول قويۇش خىتاينىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ، زوراۋانلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ› دېيىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەددىدىن ئاشقان كونترول قىلىش سىياسىتىنى بوشاتسا، لاگېرلارنى تاقاپ، قاماقتىكىلەرنى قويۇۋەتسە، قىسقا مۇددەتتە بەلكىم زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ چوڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولۇپ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېيىش ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس. خىتاينىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسى يەنىلا كۈچلۈك، شۇڭا ئۇنداق ئەھۋال ئاسانلىقچە يۈز بەرمەيدۇ. بەلكى سىياسىي ھوقۇق، ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشى بۇ رايونغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق، مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەسىلىلەر توغرىلىق قايتا يىغىن ئېچىشى ھەمدە 2022-يىلدىكى ھوقۇق ئالمىشىش ئەھۋالىدىن كۆرگىلى بولۇشى مۇمكىن،» دېدى.

ئاپتور بۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق يول قويۇش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق زىياننى ئازايتالايدۇ؛ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشتىن قۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ قالالايدۇ. ئەلۋەتتە، زىياندىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان خىتاي رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى سىياسەتۋازلارغا ئوخشاشلا ئۆزلىرى تارتقان زىياننى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. بىز پەقەت شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، شى جىنپىڭ ھەممىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقۇش پىسخكىسىنى يېڭىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىنى پايدىلىق نىشانغا يۆتكىشى كېرەك.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشۈپ قالسا، بۇ ماقالىدە دېگەندەك تەكلىپلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا ئالدانماسلىقى ۋە ئۆز ھوقۇقىنى قولىغا تولۇق ئالغىچە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.