«نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىدى
2020.09.01
«باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ھەدىسى رەيھان ئەسەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 2020-يىلى 8-ئىيۇن.
«نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» 31-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا رايوندىكى قازاق قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلدى.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رايوندىكى تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەر ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپكە ئاساسلانماي تۇرۇپ جىنايى جازاغا تارتىلغان ۋە مۇددەتسىز ھالدا لاگېرلارغا قامالغان. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ۋە باشقا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلىرىغا خىلاپ».
«نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» ئامېرىكادا ۋە 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى ئادۋوكاتلار، سوتچىلار، قانۇن پروفېسسورلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 25 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان مۇستەقىل بىر ئورگان. ئۇلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇ ھەقتە ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە خىتاي ئادۋوكاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئېلان قىلغان باياناتى بار.
ئامېرىكادىكى ئادۋوكات رەيھان ئەسئەتنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» گە ئەزا ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئورگانغا ئۆزىنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ لاگېرغا ۋە ئاندىن ئاساسسىز ھالدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ھەققىدە دوكلات سۇنغان. ئۇلار رەيھان ئەسئەتكە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئارىدىن 2-3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ ئوچۇق مەكتۇپىنى رەسمىي ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ئورگان مەكتۇپىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي قول قويغان تۆۋەندىكى 6 مۇھىم كېلىشىمگە خىلاپلىقىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، ئۇلار «ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىشنى تۈگىتىش كېلىشىمى»، «ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى» ؛ «قىيناش ۋە باشقا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلىگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»، «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى»، «مېيىپلار ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ۋە «خەلقئارا ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، نورمال سوت تەرتىپى بولماي تۇرۇپ ھۆكۈم ئېلان قىلىش، قولغا چىققۇدەك جىنايەت يوق تۇرۇپ، ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ھۆكۈم ئېلان قىلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇنىڭدا ئادۋوكات رەيھان ئەسئەتنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى» بىلەن 15 يىللىق كېسىلىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت قولى ئارقىلىق مىللىي كەمسىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىدىكى ئالاقىدار ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رەيھان ئەسئەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلاردىكى قايسى قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ بېرىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ قانۇنىيلىشىشى ۋە رەسمىيلىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.
مەزكۇر ئورگان مەكتۇپىنىڭ ئاخىرىدىكى خۇلاسە ۋە تەۋسىيە قىسمىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلىرىگە قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۇلار ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ روھىغا ھەم شۇنداقلا خىتاي دەپ كېلىۋاتقان ‹تىنچلىقپەرۋەرلىك روھى ۋە تىنچ تەرەققىيات قىلىش› دېگەن سۆزىگىمۇ ئۇيغۇن» دەپ تەكىتلىگەن. مەزكۇر ئورگان مەكتۇپىدا يەنە جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە قانۇنىي تەرتىپسىز قامالغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئىز-دېرەكسز غايىب بولغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىش، مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئائىلىلەرنى جەم قىلىش، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقانلارنى تىنچلىق يوسۇندىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تەھدىت قىلىشنى توختىتىش، لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت بۇ يىل زىيارەتكە بارغاندا ئۇنىڭ ھەر قانداق تۈرمە ۋە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تولۇق، توسالغۇسىز زىيارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قارىتىلغان قانۇن ۋە تۈزۈم جەھەتتىكى كەمسىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى، ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ ۋە ساقلىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
بىز «نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئامېرىكا ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» بىلەن ئالاقە قىلدۇق. ئۇلار «ئامېرىكا ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان زۇلۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە 2018-يىلى ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ ھېلىھەم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 400 مىڭدىن ئوشۇق ئەزاسى بولغان نوپۇزلۇق ئورگانلاردىن «ئامېرىكا ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى» شۇ قېتىملىق باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا قاتتىق خىلاپلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنى توختىتىشقا، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغانىدى.









