برىيۇسېل يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ جىنايىتى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 9-ئاپرېل، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 9-ئاپرېل، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي زۇلۇم ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى يەنىلا كۆرمەسكە سالامدۇ؟ ئەجىبا ياۋروپادىكى مىللەتلەر 30-يىللارنىڭ ئاخىرى، 40-يىللارنىڭ باشلىرىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغانمۇ؟

بۇ ھەپتە بريوسسېلىدا ياۋروپا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكانىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باش شىتابى بىلەن بىرلىكتە تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، بريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋانىسسا فرانگىۋېل (Vanessa Frangville)، بۇلغارىيەلىك سىياسەتچى، ياۋروپا پالامېنتىنىڭ ئەزاسى ئىلھان كۇچۇك (Ilhan Kyuchyuk) قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىنغا بريۇسسېلدىكى دىپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ قاتناشقان.

يىغىندا ئالدى بىلەن روشەن ئابباس خانىم، ئۆتكەن ئەسىردە ناتسىستلار ياۋروپادا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكىدەك زامانىۋىيلاشقان دەۋردىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك يۈزى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. سىز دۇنيانىڭ ئۆز خاتالىقلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت ھازىر ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويماقتا. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا بۇنداق جىنايەت ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەنىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىككە ھۇجۇم قوزغاپلا قالماي، ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى كېسەللىك دەپ ئاتاپ، بۇ مىللەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەۋجۇت ئەمەس دەۋاتىدۇ. بۇلار ئىنتايىن خەتەرلىك ئاڭنىڭ مەھسۇلى، بۇ ئىدىيە تارقالسا، نۇرغۇن ئادەم ئېچىنىشلىق قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ. خىتاي بۈگۈن بىزگە قىلىۋاتقانلىرىنى ئەتە دۇنيا ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. ئۆزەڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار، دۆلىتىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى قۇتقۇزۇڭلار.»

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەرگىز خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى ئەمەسلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا چوقۇم ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتكە باغلىنىپ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىنسانىيەتكە قارشى بۇنداق رەزىل، ئىپلاس ھاكىمىيەتنىڭ جىنايەتلىرىگە ئورتاق بولۇشنىڭ تارىخىي خاتالىق، يەنى ئۆتمۈشتە ناتسىستلارنىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمۇشتەك تارىخىي خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋام خەلقنى شەھەر باشلىقلىرى ۋە سىياسەتچىلەرگە تەلەپ سۇنۇشقا، بۇ قىرغىنچىلقنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ناتسىستلار گېرمانىيەسى 1936-يىل ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن كوممۇنىست خىتاي 2022-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئېقىمىغا قېتىلىپ، خىتايغا تەنھەرىكەتچىلەرنى ئەۋەتمەسلىككە چاقىردى.

بېريۇسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋانىسسا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىملار ۋە زىيالىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماي، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارغىمۇ بېسىم ۋە تەھدىت سېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز بىلىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلغان ئالىملارغا ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىلھام توختى، خالمۇرات غوپۇردەك ئۇيغۇر ئالىملىرى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، بەزىلىرى ئىز-دېرەكسىز غايب قىلىۋېتىلدى ياكى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارنى بۇ ئىشنى توختىتىشقا قىستايدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ مەكتەپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يازغان چاقىرىقنامەمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇۋاپتۇ. ئاندىن ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ مۇدىر بىلەن كۆرۈشۈپ، مەن يازغان چاقىرىقنامە بىلەن ماقالىلىرىمنى مەكتەپنىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەھدىت سېلىپ: ‹ئەگەر بۇنى رەت قىلساڭلار، بىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىڭلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ، › دەپتۇ. مانا بۇ تىپىك خىتايچە تەھدىت. ئۇيغۇر كىرزىسىنى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق تەھدىتلەرگە ئۇچرايدۇ. بىز بۇ يوشۇرۇن خەۋپنى ھېس قىلىمىز، ئۇنداق تەھدىتلەرنى قوبۇل قىلمايمىز. ئەمما بەزىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دېيىش-دېمەسلىك بىر تاللاش مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ شۇنداق تاللاش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.»

ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ئىلھان كۇچۇك كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغان ھاكىمىيەتكە ئىمبارگو يۈرگۈزۈش كېرەكلىكىنى قوللاپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يېتەرلىك كۆردۇق، ئەھۋال بەك ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ياۋروپا ھازىر بىرلىككە كېلەلمەيۋاتىدۇ. بۇ بۇ مەسىلىسىنى چوقۇم ياۋروپا كۆڭۈل بۆلۈدىغان مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا قويۇشىمىز كېرەك. خىتاي بىلەن ئىش قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن، ئەمما بۇ مەسىلىدە گېپىمىزنى ئوچۇق قىلىشىمىز، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق خەلقلەرنى قوللىشىمىز كېرەك. خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك».

ئۇ خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى كىچىك دۆلەتلەرنى ئاسانلا سېتىۋېلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى. شۇڭا ياۋروپانىڭ پۈتكۈل ياۋروپاغا خاس مېتود ۋە قىممەت قاراشلىرىغا تايانغان ئىستراتېگىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئاندىن ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇسخىسىدىكى ماگنىتىسكى قانۇنىنى يولغا قويۇشنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك رولى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق ئەيبلەۋاتقان بولسىمۇ تېخى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىلا ئەمەس، ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ يىغىننىڭ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

13-ئۆكتەبىر «بۈگۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى» (EUtoday) تورىدا، 15-ئۆكتەبىر «ياۋروپا ئىتتىپاقى خەۋەرچىسى» (Eureporter ) تورىدا مەزكۇر يىغىن توغرۇلۇق ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەلەپلەر ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىنكاس بىلدۈرۈشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىلغانلىقى بايان قىلىنغان. روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىققا ئوخشاتقانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت