FIFA نىڭ دۇنيا كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈش قارارى لاگېرلار سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
FIFA نىڭ پرېزىدېنتى گىئاننى ئىنفانتىنو (سولدا) مۇخبىرلارنى كېتىۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 24-ئۆكتەبىر، شاڭخەي.
FIFA نىڭ پرېزىدېنتى گىئاننى ئىنفانتىنو (سولدا) مۇخبىرلارنى كېتىۋېلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 24-ئۆكتەبىر، شاڭخەي.
AFP

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى 24‏-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2021‏-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىق ھوقۇقىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مۇسابىقىدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 24 پۇتبول كۇلۇبى چېمپىيونلۇقنى تالىشىدىكەن. بۇ مۇسابىقىنىڭ خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىگە زور مالىيە كىرىمى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

لېكىن خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ قارارى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، مەركىزى ياۋروپادىكى مۇستەقىل پۇتبول بىرلەشمىسى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەنتەربىيە ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ قارارى 3 مىليوندەك كىشىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايغا ئۇنىڭ بۇ رېياللىقنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق بىر دۆلەت سۈپىتىدە تونۇتۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن.

24‏-ئۆكتەبىر شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا فېدېراتسىيە پرېزىدېنتى گىئاننى ئىنفانتىنو، ساھىبخانىلىق ھوقۇقىنىڭ خىتايغا بېرىلىشىنىڭ پۇتبولچىلىقتىكى «تارىخىي بىر قارار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، مۇسابىقىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «ھالبۇكى، بىزنىڭ بۈگۈنكى قارارىمىز پۇتبولچىلىقتىكى تارىخىي بىر قارار. چۈنكى خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى كېڭىشى بۈگۈن دۇنيا كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسى ساھىپخانلىقىنىڭ خىتايغا بېرىشىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار قىلدى،» دېگەن.

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى ئۆزىنىڭ بۇ قارارىنى ئېلان قىلىشنىڭ سەل ئالدىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيە شۆبىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، شۇڭا ساھىبخانىلىق ھوقۇقىنىڭ خىتايغا بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇل خادىمى لائۇرى خاننا 24‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتنى سۇيىئىستېمال قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، تەرەپلەرنىڭ ئۇنىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. لائۇرې خاننا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى بۇ مۇسابىقىنى بۇ دۆلەتتىكى ئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇت نازارەت تۈزۈمى، ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماشتەك رېياللىقنى يوشۇرۇپ، ئۆزىگە (خىتاي) ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق بىر دۆلەت، دېگەن بىر ئوبراز تىكلەشتىكى پۇرسەت، دەپ قارايدىغاندەك قىلىدۇ. خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى خىتاينىڭ دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.»

لائۇرې خاننانىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى دۇنيا كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ھەرقانداق بىر كۇلۇب، پۇتبولچى، ترېنىر ياكى ئارقا سەپ خادىمىنىڭ ھەممىسى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك،» ئىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قارشى ئەمەسلىكىنى، لېكىن بۇ خىل مۇسابىقىلەر كىشىلىك ھوقۇققا بولغان دىققەتنى باشقا ياققا بۇراشقا ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، «مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورگانلار ياكى ساھىپخان دۆلەتلەر بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىش، ئۇنى ياخشىلاشنىڭ بىر پۇرسىتى،» دەپ قارىشى كېرەك ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىشى تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى خىتاي مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانماقتا ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون 24‏-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خەلقئارا پۇتبول فېرېدىراتسىيەسىنىڭ قارارىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا چوڭ تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى خىتاي مەسىلىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدە مەيدانى ئېنىق بولۇشى كېرەك. خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى تېخى يېقىندىلا ئىراننىڭ 40 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئاياللارنىڭ پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرۈشىنى چەكلەش قارارىنىڭ بىكار قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئەپسۇسكى، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى خىتايغا كەلگەندە شۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق مەسىلىلەرنى خىتاي بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ئامېرىكا ۋاسكېتبول جەمئىيىتى بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى. ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى ئادام سىلۋېر پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىملىقى، جەمئىيەت خادىملىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى توسمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مەشىق مەركىزى تاقالغىنى يوق. مەن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىستىراگىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.»

سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىگە ئوخشاش ئورگانلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلگەندە دۆلەتلەرگە قاراپ مۇئامىلە قىلماقتا ئىكەن. ئۇ: «بىز بۇ مەسىلىدە شۇ مەنتىقىلىق خۇلاسىنى چىقىرالايمىز، بۇنىڭدا بۇ ئورگانلار ھەيران قالارلىق دەرىجىدە دۆلەتلەرگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتماقتا. كىشىلىك ھوقۇق بېسىمى ئىشلىتىش ئاسان بولغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، قىيىن بولغان دۆلەتلەرنى سىناپمۇ باقمايۋاتىدۇ،» دېدى.

لېكىن خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى گىئاننى ئىنفانتىنو 24‏-ئۆكتەبىر شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ نىزامىدا ساھىبخانىلىق ھوقۇقى بېرىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى نەزەرگە ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى خىتايغا بېرىشنى قارار قىلىشتا بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقۇن-تۇتمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىختىلاپ مەۋجۇت. تېخى يېقىندىلا چىلىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى. بۇنداق ئىشلار 4 مىليون نوپۇسى بار 2 مىليون مۇساپىر ياشاۋتقان لىۋاندەك دۆلەتتىمۇ يۈز بەرمەكتە. بىر قانچە يۈز مىڭ مۇساپىر ياۋروپاغا ئېقىپ كىرىۋېدى، زور مەسىلىگە ئايلاندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەر مۈشكۈل بىر ۋاقىت، مۈشكۈل بىر دەۋردە تۇرماقتا. دۇنيادىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پۈتۈن دۇنيادا ۋە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردە پۇتبولنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر.»

لېكىن گىئاننى ئىنفانتىنونىڭ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھېچكىم ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى كۈتمەيدىكەن. سوفىيە رىچاردسون ئۇنىڭ خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ نىزامنامىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئىنفانتىنونىڭ دۇنيادىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، دېگەن سۆزىگە كەلسەك ئۇنىڭ بۇ سۆزى توغرا. ھېچكىم خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى كۈتمەيدۇ. بىز پەقەت خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئالغان ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىش ھەققىدىكى مەجبۇرىيىتىگە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزى چىقارغان دۆلەتلەرگە ساھىبخانىلىق ھوقۇقى بېرىشتە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىش توغرىسىدىكى ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشىنى كۈتىمىز.»

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى بېيجىڭنىڭ 2022‏-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايغا دۇنيا كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقى بەردى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ياكى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوق ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت