ناسىر: «ئۇيغۇردىن خەۋەرسىز دۇنياغا ئۇيغۇرنى بىلدۈرەي دەيمەن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.03
london-shehride-uyghur-dewasini-qiliwatqan-yashlarning-biri-nasir.jpg لوندون شەھىرىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى ناسىر.
Social Media

نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز ئېغىر ئىجتىمائىي پاجىئەلەر دۇنيادىكى چوڭ ئاخباراتلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىپ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئادالەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ دەرد-ئەلەملىرىدىن خەۋەردار بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئاۋامنىڭ بۇ ھەقتە ھېچنەرسە ئاڭلىمىغانلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنى بۇ ھەقتە تېگىشلىك دەرىجىدە پائالىيەتتە بولۇشقا ئۈندىمەكتە. ئەنە شۇ خىلدىكى كىشىلەر قاتارىدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان مۇسۇلمان ياشلىرىدىن ناسىر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

ئەنگلىيەدە چوڭ بولغان ناسىر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەمدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدەك ئېتنىك قىرغىنچىلىقتىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز يۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بولۇپ قالغان.

ناسىر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تەشكىللىگەن راي سىناش پائالىيىتىدە ئۇلار ئالدى بىلەن لوندوننىڭ ئاۋات جايلىرىدىن بىرى بولغان لەنكەستېر مەيدانىدا سودىلىققا چىققان يەرلىك ئاھالە ياكى باشقا ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن «خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلىۋاتقان ئېربىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلەمسىز» دېگەن مەزمۇندا سوئاللار سورىغان. ئەپسۇسكى، شۇنچە كۆپ كىشىلەردىن سورالغان بۇ سوئالغا ھېچكىممۇ «بىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرەلمىگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ بەكمۇ ھەيران قالارلىق سوئال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پائالىيەت جەريانىدا ناسىر ئۆزلىرى سوئال سورىغان كىشىلەرگە ئامېرىكادىكى تاماشىبىنلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان «ھازىر مۇشۇ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقى ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتكەن. ئاللىقاچان 21 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن مەزكۇر فىلىمدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئايدىن ئەنۋەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېر، لاگېر مەھبۇسلىرى ئۇچراۋاتقان روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قانداق خۇنۈكلەشتۈرىۋاتقانلىقى، ئىسلام دىنى بىلەن ياكى چەتئەل بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق پائالىيەتنىڭ ھەرقانداق ئۇيغۇرنى لاگېرغا يوللاۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى سكوت باسبىينىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ھازىر ئاللىقاچان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەنلەردىن ناسىر «ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىر نېمىلەر يادىڭىزغا كېلىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەيرانلىق تۇيغۇلىرى، شۇنىڭدەك 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئۇدۇللا ئىپادىلىگەن. «ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دەپ سورىغاندا بەزىلەر بۇ پاجىئەلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن.

بىز ناسىر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بۇ قەدەر كۈچەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار شۇنچە ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقاندا دۇنيادا يەنىلا شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىدەك ئاچچىق رېئاللىقنىڭ ئۆزلىرىنى مەيدانغا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

«چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇق. راستىنى دېسەك بىزمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى بىلمەيتتۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مۇشۇ قەدەر ئېغىز زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن بىز ھەيران قالارلىق ھالدا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ چوڭ باھانە-سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۇق. بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، لوندون كوچىلىرىدىكى راي سىناش پائالىيىتىمىزدە بىز كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق. شۇنداقلا دەل مۇشۇ خىل خەۋەرسىزلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى پەرۋاسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. شۇڭا بىز مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللەپ، كىشىلەرگە بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش توغرىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىردۇق.»

ناسىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىققا قارىتا ئىسلام دۇنياسى سۈكۈت قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكىدەك پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە ئۆزىگە يارىشا قىممەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ گەرچە بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىش مۇمكىن، دەپ قارىمىسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىدىن خەۋەردار قىلىش جاپا تارتقانغا ئەرزىيدۇ، دەپ ئىشىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئاۋام خەلقنى تەربىيەلەشنى ئۆزىگە خالىس ۋەزىپە قىلىۋالغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھازىر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. لوندوندىكى يەھۇدىي پائالىيەتچىلەردىن فېت ئاندرېۋ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇمۇ ئايلاردىن بۇيان «ئۈچ مىليون ئۇيغۇر خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالدى» دېگەن چوڭ ۋىۋىسكىنى كۆتۈرگىنىچە لوندون كوچىلىرىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمدە مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.