2019-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئارادا قولغا كەلگەن نەتجىلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
«ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
house.gov

بۇ يىل 12-ئايدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ۋۇجۇدقا چىققان ۋەقەلەر جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى دۇنياغا يەنىمۇ كەڭ تونۇتتى.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا، يەنى دېكابىرنىڭ ئالدى-كەينىدە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم زور ھادىسىلەر ۋۇجۇدقا چىقتى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈردى.

بۇنىڭ بىرى، 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر 2019» ناملىق قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىشى بولدى. بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى خەلقئارادا «خىتايغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زور ھەسسىدارلىق» دەپ تەرىپلەندى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇنى بەس-بەستە ئېلان قىلىپلا قالماي، خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ بۇنىڭغا قارشى كۆپلىگەن نارازىلىق ئىنكاسلارنى بىلدۈردى. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر «لاگېردىكىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيىگە قايتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتى» دېگەندەك يالغان باياناتلارنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججەتلىرى بىلەن «خىتاي تېلېگراممىلىرى» دەپ ئاتالغان 24 بەتلىك يەنە بىر مەخپىي ھۆججەتمۇ ئاشكارىلاندى. دۇنيا جامائىتى بۇ مەخپىي ھۆججەتتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ مەقسەتلىك، پىلانلىق ھالدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى تۈپتىن يوقىتىش ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشتەك غەيرىي ئىنسانىي مۇددىئالىرىنى ئوچۇق كۆرۈپ يەتتى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلارغا ئاشكارا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكە باشلىدى.

ئۈچىنچىسى، گېرمانىيەلىك داڭلىق پۇتپول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ 13-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى چاقىرىقى زور زىلزىلە پەيدا قىلدى. ئۇ «شەرقىي تۈركىستانغا سالام» ناملىق مەزكۇر چاقىرىقىدا خىتاي زۇلۇمىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىۋاتقان، كۆز يۇمۇۋېلىۋاتقان مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. مىليونلىغان مەستانىلىرى بولغان بۇ توپچىنىڭ چاقىرىقى پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپەيوغا ئوخشاش مەشھۇر شەخسلەرمۇ ئۇنىڭ نىداسىنى قوللىدى.

تۆتىنچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى بولدى. 18-دېكابىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 750 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ھەشەمەتلىك مۇراسىمدا تارقىتىلغان مەزكۇر مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ نۇتقىدا پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توھتىغا بېرىلىشى دۇنيادا زور تەسىر قوزغاپلا قالماي، خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلدى.

بەشىنچىسى، 19-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 20 ماددىلىق قارار بولدى. مەزكۇر قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاسى سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىلەر ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ ئەڭ جىددىي مەسىلىسى، ئەڭ قىزىق تېمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىققان. ئۇ سۆزىدە بۇ خوش خەۋەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىگە بولغان بىر ئۈمىد، ئىشەنچنى پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا 18-دېكابىر «ساخاروف مۇكاپاتى» بېرىلىپ ئەتىسى، يەنى 19-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 20 ماددىلىق قارارنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇھىم تارىخىي ۋەقە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ قارارنىڭ بەزى مۇھىم نۇقتىلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن مەزكۇر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور تىرىشچانلىقلار كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەلۋەتتىكى، 2019-يىلىنىڭ خاتىمىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان بۇ ۋەقە-ھادىسىلەر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە زور دىققەت قوزغاپلا قالماي، ئۇزۇندىن بۇيان ئېغىر روھىي بېسىم ئاستىدا ياشاپ كەلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئۇلارنى سۆيۈندۈرگەن. ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ 5 چوڭ ۋەقە ھەققىدە بەس-بەستە پىكىرلەر بايان قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت