ئانالىزچىلار: «مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىدۇر»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-08-11
Share
biryusel-namayish-6.jpg دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بىريۇسسېلغا كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلماقتا. 2018-يىلى 27-ئاپرېل، بېلگىيە.
Photo: RFA

يېقىندا «تاشقى سىياسەت» تورىدا يېخەن ناملىق بىر ئاپتورنىڭ «مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غولغۇلا پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئاپتور ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلدە ئەركىن ياشاش بەدىلىنى ھەر ۋاقىت ئۆتەۋاتقانلىقىنى، چۈنكى يۇرتىدا قالغان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ ماقالىسىگە تور نامى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ماقالە ئاپتورىنىڭ ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ تۇرۇپ بۇ ماقالىنى يېزىشىغا باھا بېرىپ: «بەزى ئۇيغۇرلارغا سەن قانداق ئۇيغۇر دەپ سوئال قويۇش كېرەك. ئۇيغۇر دېگەن ۋاقتىمىزدا ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى بىلىدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىمىز، ئۇلار ئۆز كىملىكى ۋە مەدەنىيەتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەقىللىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ،» دېدى.

ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان بولۇپ، بۇ قاراشلىرىنى مۇنداق بەش نۇقتىدىن ئىپادىلىگەن.

بىرىنچىدىن، ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە يېتەكچى ئورۇندا بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى كۆپ خىل سىياسىي ئىدىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دېگەن.

ئۇ مۇنداق يازغان: «ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە بۇ بايراق ئاستىدا تەشكىللەنگەن ھەر خىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. مۇشۇ تەشكىلاتلار بولغاچقا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىجتىمائىي تارتقۇلار ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى. شۇنداقتىمۇ كۆپىنچە ئۇيغۇرلار بۇنى (مۇستەقىللىقنى) خالىمايدۇ».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇستەقىللىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكىنى، بۇ ماقالە ئاپتورىنىڭ ئاپتونومىيەنى خالايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇستەقىللىق بىلەن ئاپتونومىيە ئۇقۇملىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ مۇجىمەل ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەر قانداق ئاپتونومىيەسىنىڭ ماھىيەتتە سىياسىي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونى، خوڭكوڭ ۋە تىبەتنىڭ بۇنىڭ مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككىنچىدىن، ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، «شىنجاڭ» غا ئوخشاش كۆپ مىللەتلىك رايوندا مەلۇم بىر مىللەتكە ئالاھىدە ھوقۇق بېرىش ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىرقچىلىقتۇر، دېگەن ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىلھام توختىنىڭ غايىسىگە قارشى تۇرغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى، ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر نۇقتىدا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى، يەنى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بولالىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن سىياسىي ئىسلامچىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ شۇ دەۋرگە نىسبەتەن بىر قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، ھالبۇكى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقىي ئاپتومىيەنى تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچىنچىدىن، ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىر مەزگىل پانتوركىزم بىلەن زىچ باغلانغان. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ سىياسىي ئىسلام بىلەن باغلىنىپ كەتتى. خىتاي بۇنى باھانە قىلىپ ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ باستۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي خەلقى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن بۆلگۈنچىلەرنى (مەيلى شىنجاڭدىن بولسۇن ياكى تەيۋەندىن بولسۇن) خائىن دەپ قاراۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەۋاتىدۇ. گەرچە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش، خالىغانچە تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئومۇمىييۈزلۈك ئەيبلەشكە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تۇپرىقىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەسىلىسى باشقا بىر مەسىلىدۇر».

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاپتور بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ ئوينىشىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ماقالە ئاپتورىنىڭ قۇلچىلىق ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، پانتۇركىزم ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى؛ پانتۇركىزم ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۆتىنچىدىن، ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى گەرچە ‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاساسى قانۇنى›دا بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھوقۇق ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۈزلۈكسىز ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىدۇر. رۇسىيە، تۈركىيە، كانادا، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭ مىساللىرىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ قاراشقا رەددىيە بېرىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى توغرىسىدىكى قانۇنى دېموكراتىك ئەللەردە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان ئەمەس، بەلكى مۇستەبىت دۆلەتلەردىكى دىكتاتورلار ئۆزىنىڭ جاھانگىرلىك غايىسى ئۈچۈن شۇنداق توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلغان،» دېدى.

بەشىنچىدىن، ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، «خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەت ئەمەس، بەلكى ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› ۋە ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىدىكىگە ئوخشاش، سىياسىي كۈرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ‹جۇڭگو پۇقرالىرى› دەپ ئاڭلىتىش كېرەك» دەپ قارىغان.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قاراشقا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى زۇلۇمنى خىتاينىڭ كونا سىياسىي زۇلۇمىغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز پۇقراسى دەپ كۆرگەن بولسا، ھەرگىز بۇ زۇلۇملارنى قىلمايتتى، خىتاينىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش. خىتايلار بىلەن ھەر قانچە يېقىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ مەڭگۈ ئۇلارغا بوزەك بولىدىغان، قۇل بولىدىغان، يوقىلىدىغان گەپ. تىبەت ۋە موڭغۇللارغا قاراپ باقساقلا بۇنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاللاھ بىزنى ھۆر ياراتقان، بۇ ھۆرلۈكنى خىتاي تارتىۋالغىنى ئۈچۈن، ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم مۇستەقىل بولۇشىمىز كېرەك».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە دەپ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى، بەلكى بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مەيلى ئاپتونومىيەچى بولسۇن ياكى مۇستەقىلچى بولسۇن، ھەممىسىلا ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. شۇڭا بۇ يەردە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن دېگەن گەپ ئاقمايدۇ، خىتاي ئۆزىدىن باشقا مىللەتنىڭ ھەممىسىنى يا يوقىتىدۇ، ياكى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى يوق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت