خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىشى ئۇلارنى يېڭى پاناھلىق يولى ئىزدەشكە مەجبۇرلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.02.11
seudi-uyghur-pasport.jpg مەلۇم بىر ئۇيغۇر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن خىتاي پاسپورتى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن ساياھەت كىنىشكىسىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 2-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.
AFP

خىتاينىڭ 2016-‏2017-يىللىرىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى توختىتىش، بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ تىجارەت ۋە ئوقۇشىنى تاشلاپ، يېڭى بىر بىخەتەر پاناھلىق ماكانى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى، چۈنكى، پاسپورت ۋاقتى توشۇپ كېتىپ ئۇزارتالماسلىقى، يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىغا پاسپورت ئالالماسلىقتەك بۇ ئەھۋال نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىسىز قېلىشى، ئېنىقسىز كېلەچەككە مەھكۇم بولۇشىدەك بىر خەۋپنى ياراتقان.

ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا قايتسا لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇش، قايتمىسا پاسپورت مەسىلىسىگە تاقىلىشتەك بۇ خىل ئېنىقسىز كېلەچىكى ئۇلارنى يېڭى بىر پاناھلىق يولى ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز پاناھلىق ئىزدەپ تۈركىيە، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەلگەن بەزى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. يېقىندا گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىپتىخار ئابدۇرېشىت ئەنە شۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىرى. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن مىسىرغا چىقىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىپتىخار ئابدۇرېشىت، كېيىنكى يىللاردا يەنە ئىككى يىل سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ، 11‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە 2017‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن مىسىردىكى تۇتقۇن، شۇنداقلا مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا چىقارغان بىر قارارى سەۋەب بولغان. ئۇ، بۇ قاراردا ئوقۇشىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈگەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەرلىك نۇرئەخمەت ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىزدەش يولىدا تۈركىيە ئۇلارنىڭ ئەڭ بىخەتەر پاناھلىق ماكانى، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن ئىپتىخار ئۆزىنىڭ تۈركىيەنى تاشلاپ، گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلىشىگە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ قارارغا كېلىشى يەنىلا شۇ پاسپورت مەسىلىسىگە تاقىشىدىكەن. ئىپتىخار ئابدۇرېشىت: «بۇنىڭغا بىخەتەرلىك سەۋەب بولدى. . . . . . . . مەن تۈركىيەدە قەھرىمانماراش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيتتىم. ئەمما خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ يېقىنلىشىپ كېتىشى، دادامنىڭ بۇرۇن سىياسىي مەھبۇس بولۇشى ھەم پاسپورتىنىڭ يوق بولۇشى سەۋەبلىك ئائىلىدە بىردىن بىر پاسپورتى بار، دەپ مەن ياۋروپاغا بېرىپ پاناھلىق تىلەپ، شۇ ئارقىلىق دادام بىلەن ئاپامنى ئەكېلىۋېلىش پىلانىدا ياۋروپاغا كەلگەن.»

ئىپتىخار ئابدۇرېشىتنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ سىياسىتى سەۋەبلىك ئېنىقسىز كېلەچەككە دۇچ كېلىپ، يېڭى پاناھلىق يولى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان ئوتتۇرا-شەرقتىكى تىپىك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ دادىسى، قارىمايدىكى «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مەسئۇل مۇھەررىرى ئابدۇرېشىت نىياز 2007‏-يىلى مىسىرغا كېلىپ، 5 يىلدەك پاسپورتسىز ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئۇ، 2004‏-يىلى مۇھەممەت قۇتۇبىنىڭ «20‏-ئەسىردىكى جاھالەت» ناملىق ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك سوتلىنىپ، بىر يىللىق كېسىلگەن. ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئابدۇرېشىت نىياز 11‏-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىسىردا نېمە ئۈچۈن 5 يىلدەك پاسپورتسىز ياشاشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئەلچىخانىلىرى 2017‏-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى توختاتقان. خىتاي ئەلچىخانىلىرى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارغا پەقەت تاق يوللۇق ئاق پاسپورت بېجىرىپ بېرىپ كەلگەنىدى. ئابدۇرېشىت نىياز 2016‏-يىلى مۇشۇ پاسپورت بىلەن يولغا چىقىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئايرودرومىغا قونغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ، ئاق پاسپورت بىلەن ئىستانبۇل ئايرودرومىغا قونغاندا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ شۇ يەردە خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئاق پاسپورت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ تۇتقۇنى باشلانغان 2017‏-يىلدىن بېرى ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ياكى قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. پەقەت مىسىرنىڭ ئۆزىدىنلا چوڭ تۇتقۇندا ئائىلىسى گۆرۈگە ئېلىنغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى، شۇنداقلا مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 7-ئايدىكى تۇتقۇنىدا ئاز دېگەندە بىرەر يۈزدەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، پاسپورت مەسىلىسىدىكى قىيىنچىلىق، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ياردەملىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بېرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى جىددىي ئازىيىپ كەتكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساناقلىق بىرقانچىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.