ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاشقا چاقىرىق قىلىندى
2023.02.13
11-فېۋرال كۈنى ئامېرىكادىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدىكى مەيداندا (Capitol Hill) نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇلار نامايىشتا دۆلەت مەجلىسىنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى» نى ماقۇللاش تەلىپىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر نامايىش ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
نامايىش جەريانىدا ھەر بىر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇن لايىھەلىرنى قوللاش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى مەزكۇر نامايىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئاساسلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كورنېل ئونۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىدا ئاۋاز قويۇلۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن زوئى جونسون ۋە سۇئا خان رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
زوئى جونسون ئۆزلىرى قۇرغان تەشكىلات ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك› تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى بىز 2019-يىلى باشلىغان ئىدۇق. بۇ تەشكىلات پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەشكىلات. بىز بۇ يەرگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، تەشكىلاتىمىزنى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتقا يۆتكىدۇق. بىز مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قوللاش قارارىنى ماقۇللاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ قانۇن لايىھەسى تۇنجى بولۇپ ئىنىسىتىتۇمىزدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بىز بۇ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بۈگۈن بۇ يەردە پائالىيەت قىلدۇق.»
سۇئا خان مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەرگە يېغىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىش. سىزنىڭ كىم بولۇشىڭىز، قەيەردىن كەلگەنلىكىڭىز، ئارقا كۆرۈنۈشىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى مۇھىم ئەمەس. ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىز ئوخشاش ھوقۇققا ئىرىشىشكە ھەقلىقمىز. شۇڭا تەشكىلاتىمىز بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق. پىكىرىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ پىكىرنى ئىپادىلەش ھوقۇقىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق. شۇنداق قىلىپ ھەممىمىز بىرلىشىپ، بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق.»
مەزكۇر پائالىيەتكە 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىنچە 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزىنىڭ ئوغلى كامالتۈركمۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇ، دادىسى يالقۇن روزى ھەققىدە خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقاتقان خەۋىرىدىن باشقا، ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىللىگەن بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان يالقۇن روزى ئەپەندى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان، كېيىنچە خىتاي سوتى تەرىپىدىن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
كامالتۈرك بۇ قېتىمقى ناميىشقا قاتنىشىشنىڭ مىللىتى ۋە دادىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلىدىغان قانۇن لايىھەلىرىگە دادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە ئايرىم مادددىنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن يىلى 1-مارت كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «69-قېتىملىق شىنجاڭغا دائىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لاڭتاۋ سۆز قىلىپ، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈزۈلگەن «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسلىكى» نىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى «خىتاي كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەنلىكىنى، مەزكۇر دەرسلىكلەردە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» ئىدىيەسى تەرغىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ۋە يالقۇن روزى قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر «ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» سەۋەبلىك، ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
بۇ نامايىشقا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلەر دىرېكتورى پىئېرو توزىزى ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرى تونۇشتۇرغان قانۇن لايىھەلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
«بىز ئاللىبۇرۇن ‹H.R 638 قانۇن لايىھەسى›نى تونۇشتۇردۇق. بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەشنى نىشان قىلغان. يەنى خىتاينىڭ بىل كلىنتون دەۋرىدە بېرىلگەن مەڭگۈلۈك نورمال سودا-تىجارەت ئىمتىيازى ۋە سودىدا ئالاھىدە مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇش ئىمتىيازىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىللىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى توسۇش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىدۇر. بۇ بىل كلىنتون ۋاقتىدا خىتايغا خاتا بېرىلگەن ئىمتىيازدۇر. بىزنىڭ ھازىر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش، تىبەتلەرگە ياردەم بېرىشتۇر. خىتاي خەلقىمۇ شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باستۇرۇلماقتا. شۇڭا ھازىر يالغان ‹مۇقىملىق›نى قوللىماسلىق ھەققىدە خىتايغا بېسىم چۈشۈرىدىغان پەيت كەلدى. كېلەر ھەپتە بىز بۇلتۇر ئوتتۇرىغا قويغان ‹مەجبۇرىي ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى يىغىۋېلىش› توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى قايتا تونۇشتۇرماقچى. بۇنىڭغا كىرىس سىمىس ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. جازا لاگېرلىرىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇيغۇرلار خالىغانچە ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ. 27-28 ياشلىق قىز-يىگىتلەرنىڭ DNA لىرى ئېلىنىپ، ئورگان يىغىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا. بۇ بەك قورقۇنچلۇق. بۇ قانۇن لايىھىسى مانا مۇشۇنداق ئەڭ قەبىھ ۋە دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مېنىڭچە، بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بولمايدۇ. مانا بۇ شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى.»
نامايىشقا تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن باشقا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. ئۇلار قوللىرىدا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تۇتقان ھالدا ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.









