دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى: «ترامپ ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› نى دەرھال ئىجرا قىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.19
donald-trump-tramp-muxbirlar.jpg ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2017-يىلى 13-نويابىر، فىلىپپىن.
AP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 17-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، ئۇنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى خىتاينىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر قانۇننى دەرھال ئىجرا قىلىشقا چاقىردى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇننى دەرھال ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 18-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى جازالاشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارىتا دەرھال نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى، زامانىۋى قۇللار ئەمگېكى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل 19-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئېمبارگو مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «قانۇن تۈزۈش ئامېرىكا دېموكراتىك سىستېمىسىنىڭ تەركىبىدىكى مۇھىم جەريان، لېكىن ئۇنى ئىجرا قىلىش باشقا بىر ماۋزۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەت تېخىمۇ كۆپ بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ قانۇن ئۆتتى، دەپ جايىدا توختاپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن ئۆزۈم يېتەكچىلىك قىلىپ خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈنكى باياناتىنى بەردۇق. بۇ باياناتتىمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە دەرھال بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلدۇق. بۇنىڭ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى ئېمبارگو مەسىلىسى.»

بۇ مەسىلىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇننىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى بىر تارىخىي ۋەقە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رولى ئۇنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 17-ئىيۇن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا دەرھال تەدبىر قوللىنىشى، ئۇنىڭ «بارلىق دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغدىشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنى ئەيىبلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇت قانۇنلارغا ئاساسەن «شىنجاڭ دائىرىلىرى» غا قارىتا ئېمبارگو مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك ئىكەن. «ئۇيغۇر قانۇنى» دا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە 180 كۈن ئىچىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەمىنلىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رېچاردسون خانىم بۇ قانۇننىڭ ئىجرائاتىدا 14-دېكابىرنىڭ پەۋقۇللادە مۇھىم بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ 19-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىزنىڭ تىڭشىغۇچىلىرىمىزغا كالىندارىنىڭ 14-دېكابىر كۈنىگە بەلگە قويۇپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مانا بۇ كۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قانۇنىغا ئاساسەن دۆلەت مەجلىسىگە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جاۋابكار ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرىدىغان ئاخىرقى كۈنى. ئېمبارگو مېخانىزمى ئىنتايىن مۇھىم بىر قورالدۇر.»

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇننى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يولغا قويغان تەدبىرلىرىگە، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارا چاپلىغانلىق» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. لېكىن رېچاردسون خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» بىر قانچە جەھەتلەردە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن بىر قانچە جەھەتلەردە غايەت زور مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تۇنجى قانۇن بولۇپلا قالماي، ئۇ دۇنياغىمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قاباھىتىنىڭ دۇنيادا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر. بۇ قانۇننىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئۇلارنى قوغداشنىڭ قانۇن رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەنلىكىدۇر.»

ياۋروپادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇرلارنى قوغداشنىڭ بىر قانۇنىي ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن. گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىيۇس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكانى ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلرىخ دېلىۇس 19-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ توغرىسىدا پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا چاقىرىق قىلىپ كەلدۇق. چۈنكى بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئايرىم دۆلەتلەر ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ تاشقى سىياسەتكە چېتىلىدۇ. لېكىن بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ئۇنىڭ بىرەر ئىجابىي قەدەم ئېلىشىغا بەك ئۈمىدۋار قارىمايمىز. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتالىيە، پولشاغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر خىتاينى تەنقىدلەشنى خالىمايدۇ.»

لېكىن ئۇلرەخ دېلىيۇسنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» زور تارىخىي قەدەم بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئىجرائاتىغھا قاراش كېرەك ئىكەن. ئۇلرەخ دېلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «توغرا، بۇ قانۇن ناھايىتى زور قەدەم. لېكىن بىز يەنىلا ئۇنىڭ ئىجرائاتىغا قارايمىز. چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئاقساپ قالماسلىقى كېرەك. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى ئىشقا سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قانۇن ئىمزالاش بىر گەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىش باشقا بىر گەپ.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئامېرىكانىڭ جىددىي قارىشىدىكى سەۋەب بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەن. نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھالقىلىق بىر مەسىلە. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: خىتاي ھاكىمىيىتى تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە زېمىنىنى بىر تەجرىبىخانىدەك ئىشلىتىپ، تېخنىكا جەھەتتىكى پۇقرالارنى كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى دۇنياغا ئوچۇق-ئاشكارا تارقىتىۋاتىدۇ…»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «خىتاي كومپارتىيىسى ئىشلىتىۋاتقان جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، پاراكەندىچىلىك، زورلۇق خاراكتېرىدىكى تەقىپلەش تېخنىكىلىرى دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، زامانىۋى قۇللۇق، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قورالىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدىكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.