رۇس، ئۆزبېك قازاق ۋە تاتار پائالىيەتچىلەر «ئۇيغۇر قانۇنى» غا ئىنكاس بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مارىلاند شتاتىدىكى بىرلەشمە بازا ئاندرېۋستىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن باش بارمىقىنى چىقاردى. 2020-يىلى 23-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ مارىلاند شتاتىدىكى بىرلەشمە بازا ئاندرېۋستىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن باش بارمىقىنى چىقاردى. 2020-يىلى 23-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AFP

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىندا «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىغانلىقى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر يەنىمۇ داۋام قىلماقتا. بۇ ۋەقە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

«لېنتا رۇ» يېڭىلىلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ترامپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن خىتايغا قارشى ئېمبارگولار توغرىلىق قانۇننى ئىمزالىدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىكىلىق ئۆزگىچىلىكىنى ۋە دىنىي ئىتىقادلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى، نازارەت قىلىشنى يولغا قويغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

«روسسىيسكايا گازېتا» دا بېرىلگەن «ترامپ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرى» ئۈچۈن خىتايغا غا قارشى ئېمبارگولار توغرىلىق قانۇن ئىمزالىدى» دېگەن ماقالىدا خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدا زىچ ئولتۇراقلاشقان ھەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر قانۇندا تىلغا ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دائىلىق بۇزۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا قامىۋالغان ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ يەنە بىر ئىناۋەتلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىرى «كوممېرسانت» گېزىتىدە «ترامپ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئېمبارگولار توغرىلىق قانۇنغا ئىمزا قويدى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ، يەنى ھازىرقى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك تۈركىي خەلقى ھەم مۇسۇلمان سۈننىيلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە يەنە مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن لاگېرلاردا تۇتۇلۇپ، تەن جازالىرىغا، ھاقارەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

قىرغىزىستاننىڭ «ئېلگېزىت» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئا ق ش پرېزىدېنتى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن ئېمبارگولار توغرىلىق قانۇننى ئىمزالىدى» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكا خىتاينىڭ 33 شىركىتى ۋە تەشكىلاتىنى قارا تىزىمغا كىرگۈزگەنىكەن. بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئەزگەنلىكى سەۋەب بولغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئامېرىكا خىتاينى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىكى ئاقىۋەتلىرىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدا، شۇنداقلا خىتاينىڭ خوڭكوڭغا دائىر «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى قوبۇل قىلىش پىلانلىرىدا ئەيىبلىگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇق بويىچە قازاقىستان بيۇروسىنىڭ دىرېكتورى ئېۋگېنىي جوۋتىس ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پات-پاتلا كىشىلىك مەسىلىسىنى سىياسىي ئۇسۇل سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. پەقەت ئامېرىكالا ئەمەس، غەرب ئەللىرىمۇ بۇنىڭ ئادەتتىكى سىياسىي جەريانلار بىلەن باغلاشتۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا يامان ھېچ نەرسە يوق. دۇنيادا چوڭ سىياسەت ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەگەر بۇ سىياسەت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ياردەم قىلسا، ئەلۋەتتە، بۇ ياخشى. شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىر ئەھۋال بىزگە ياخشى مەلۇم. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى بۇ بۈگۈنكى كۈندىلا بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت بولدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە سېلىنىۋاتقان ئازابلار سەۋەبىدىن ئەھۋال تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ جىددىيلەشتى. رۇسىيە بولسا، چەتكە چىقىۋالدى. بۇ قانۇن سىياسىي ئەنە شۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ بىر قىسمىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما بۇ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ئوخشاش چوڭ بىر مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى بۇ ياخشى.»

رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە تۇرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بەھرام ھەمرايېف ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان قانۇن تۇرغۇزۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى ئېمبارگولار ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ چوڭ ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ ئېمبارگولارغا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە، سەئۇدىيە ئەرەبىستانى ئوخشاشا مۇسۇلمان مەملىكەتلەر قوشۇلۇپ، قوللاپ-قۇۋەتلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىگەنلىكى، ئەلۋەتتە، بىزنى تەشۋىشكە سالىدۇ. لېكىن ئامېرىكا دۆلىتى بۇ مۇئەممانىڭ قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆردى ھەم بۇنى تېز ئارىدا توختىتىش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قوشۇلۇپ، قوللاپ-قۇۋەتلىشىمىز لازىم.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان قازاق ئادۋوكاتى شىڭقۇئات بايجانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بويىچە ئالغان قانۇن لايىھىسى بۇ ناھايىتى مۇھىم ۋە ناھايىتى چوڭ تارىخىي ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارلىق يەتتە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كارۋان بېشى بولغان ئامېرىكانىڭ مۇنداق قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشى خۇشاللىنارلىق ئەھۋال. بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن يۈرگۈزگەن ئاخىرقى يۈز يىل ئىچىدىكى كۈرەشلىرىدە كۆپ قۇربانلارنى بەرگەنلىكىنى ياخشى بىلىۋاتىمىز، كۆرۈۋاتىمىز. بۇ قانۇن لايىھەسى ئەنە شۇ كۈرەشلەرنىڭ بىر نەتىجىسى، دەپ ھېسابلايمەن. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ئەنەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان بولسا، قان تۆكمىگەن بولسا، ئامېرىكا ئۇنداق قانۇن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى. ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە باشقىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرىشىگە بولغان ھۆرمەت، دەپ بىلىمەن.»

شىڭقۇئات بايجنوف يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىدىن تارتىپ ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ كەلگەن باي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلىپ، ئۆز ئالدىغا مەملىكەت قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھازىر رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە تۇرىدىغان پۈتۈن تاتار جەمئىەتلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى فەرىت زاكىيېف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئەركىنلىكنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مەملىكىتىنى قۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ چۈشىنىشلىك، ئەلۋەتتە. ھازىر بىرىنچى نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقىمۇ تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرنى خىتاي بوشىتىپ، ئۆزىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شۇنداقلا رۇسىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيەگە ئوخشاش چوڭ مەملىكەتلەر قوشۇلۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنى تېز ئارىدا توختىتىش كېرەك. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرىشىنى قوللايمىز. بىز ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تىلەيمىز. ياشىسۇن ئەركىن ئۇيغۇرىستان!»

ئىگىلىشىمىزچە، 2018-يىلى 26-دېكابىردا قازاندا 12 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغاندى. ئەنە شۇلار قاتارىدا فەرىت زاكىيېفمۇ بولۇپ، نامايىشچىلار قوللىرىغا پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى ئاتالمىش يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، مەجبۇرىي يوسۇندا مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

شۇ يىلنىڭ 21-نويابىر كۈنى قازاندىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن تاتار ياشلىرىنىڭ «ئازادلىق» ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رافىك كارىمۇللىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا قارىتىلغان بۇ قانۇننى قوللايمەن. ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قاراتقان ھەرىكەتلىرى بۇ ۋەھشىلىكتۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنەنىلىرىنى، دىنىي ئىتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا بۇنىڭغا يول قويمايۋاتىدۇ. ئامېرىكا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەرگە قارشى كۈرەش يۈرگۈزۈپ، دېموكراتىيە قەدرىيەتلىرىنى قوغداۋاتقان بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. شۇنداقلا ئۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنى ئازاد قىلىش ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇر خەلقىگە مۇشۇ ئازابلاردىن قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە چىقىشىنى تىلىگەن بولار ئىدىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، 17-ئىيۇن كۈنى «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ، ئۇنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭ ھاياجانغا بۆلىگەن ئىكەن. بۇ مەسىلە كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا توختىماي مۇھاكىمە قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت