ئانالىزچىلار: خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئەنسىرەتكىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ قاراتمىلىقى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.12.09
uyghur-bill-2.jpg «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
house.gov

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» يەنى، يەنى «ئۇيغۇر 2019» ناملىق قانۇن لايىھەسىگە بولغان نارازىلىق باياناتلىرى كەڭ دائىرىدە بېرىلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خەلقئارا تاراتقۇلار خەۋەرلىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم خىتاي كادىرلىرى ۋە كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رايوندىكى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئامېرىكانىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن قاتتىق بېسىم ھېس قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھىرى گېزىتى» ۋە «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى قاتارلىقلارنىڭ 4-دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە ۋە رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى ھەم گۇاڭدۇڭ بۆلۈمى قاتارلىقلارنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىنىشى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر تۈركۈم خىتاي كادىرلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ جازالاش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرىدە يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ۋاڭ ياڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت ئىشخانىسى» نىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، 2018-يىلى 4-ئايدا، 2019-يىلى 3-ئايدا ۋە 2019-يىلى 7-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان 3 قېتىملىق تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، شى جىنپىڭغا يوللىغان دوكلاتىدا، نۇرغۇنلىغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىدىن نارازى بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

چەتئەللەردە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن، ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى دوكتور ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ شەخسلەرگىچە كۈچلۈك قاراتمىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قاتتىق ئەنسىرەتكەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى 1-مەزمۇن شەخسلەرگە قارىتا جازا قوللىنىش. بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە چېن چۈئەنگونىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇ ئاساسلىق جازالاش ئوبيېكتى قىلىنغان. ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان باشقا ئەمەلدارلارمۇ بار. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان چېن چۈئەنگونى ماگنىتىسكى قانۇنى بويىچە جازالاش تەشەببۇس قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا تېخى ئېنىق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن ئىدى. سەۋەبى سىياسىي بيۇرو ئىچىگە كىرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىسى تالاش-تارتىشقا ئۇچرىغانىدى. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىجرا قىلىنغىنىدا بۇنىڭدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان چېن چۈئەنگونىڭ ئەلۋەتتە جازالىنىشى مۇقەررەر. يەنى چېن چۈەنگو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامېرىكاغا كېلىشى چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ دېگەن گەپ. ئەلۋەتتە باشقا ئەمەلدارلارمۇ ئوخشاشلا جازاغا ئۇچرايدۇ دېگەن گەپ.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەتتا ئامېرىكادىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭمۇ جازالاشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كۆپلىگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سولىغان ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› قۇرۇلۇشى ۋە رايوندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارمۇ بار. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى يولغا قويۇلسا، بۇ شىركەتلەرنىڭ تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا داۋاملىق ئېكسپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.»

تونۇلغان ئوبزورچى، ئامېرىكادا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى خىتاي-ئەمەلدارلىرىغا روھى جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە كادىرلارغا روھى جەھەتتىن قاتتىق بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال رايوندىكى خىتاي ئەمەلدارلاردا ئەلۋەتتە ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدە زور كۆپ قىسمىنىڭ بالىلىرى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكادا مال-مۈلۈكلىرىمۇ بار.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە يانتاياق بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىلا ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى خىتاي كادىرلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىدىمۇ ئەنسىرەشنىڭ كۈچىيىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى. «خىتايلارنىڭ بۇ جايدىن كېتىشكە ئۇرۇنۇشى خېلى ئىلگىرىلا باشلانغان ئەھۋال، يېقىندىن بۇيان ئېغىرلاشتى دېسەك بولىدۇ. چۈنكى بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق، قەبىھ ۋە چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇ جايدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ. ئۇلار دوستانە بولمىغان كەيپىياتتا ياشايدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىگە بولغان دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى سېزىدۇ. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغاندا ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغىنىدا ئەلۋەتتە ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۈچىيىدۇ. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىمۇ يامانلىشىدۇ. شۇڭا بۇنداق مۇھىتتا ياشاشنى خالىمىغان خىتاي كادىرلىرى ۋە پۇقرالىرى ئەلۋەتتە ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ بۇ جايدىن كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ھەققانىيەتتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي كادىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا سۈكۈت قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ رايوندىن قېچىش يولىنى ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان روھى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئىگىلىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەددىدىن زىيادە قاتتىق قول سىياسىتى، ھەممە يەردە نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىشى ۋە جەمئىيەتتە جىددىيلىك قاپلىشىمۇ خىتاي ئاھالىلىرىدە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىن تىنچ بولغان ئىچكىرى خىتايغا كېتىش خاھىشىنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا ئۆزىنىڭ يېقىندا ئالغان ئۇچۇرلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارىتا نارازىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەندىن باشقا، ھەقىقەتەن خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمىلىك كەيپىياتنىڭ كۈچەيگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3-دېكابىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئۇ قەدەر قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغىنى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتىكى قاراتمىلىقىدىن باشقا يەنە قانۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشقا قارىتا تەدبىر قوللانغانلىقىدىن جاسارەتلىنىشىدۇر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.