تەيۋەن پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» كۈنتەرتىپكە كەلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.08.02
marco-rubio-chris-smith.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق دوكلاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 10-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA

يېقىندا تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە تەيۋەن پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ساھىبخانىلىق قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئوچۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلغان.

مەزكۇر يىغىن تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى يىغىن ئىكەن. يىغىنغا تەيۋەن پارلامېنىت ئەزالىرى، ئامېرىكا تەرەپتىن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، كىرىس سىمىس، سىكوت پېررى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مېككاۋل، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار تەيۋەننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. ئۇلار تەيۋەننىڭ ئەركىن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا ئەركىنلىكنىڭ زۇلۇم ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ يارقىن ئۈلگىسىنى ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

سىكوت پېررى مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە ئېنىقلا شىنجاڭدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىز تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ۋەھشىي قاتىل ھۆكۈمەت-خىتاي كومپارتىيەسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. خىتاي كومپارتىيەسى بىز قوللىغان ھەر قانداق نەرسىنى رەت قىلىدۇ ۋە ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا ۋە تەيۋەن تەكىتلەۋاتقان پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى، دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى دېگەنلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، قارشى چىقىدۇ. ‹ئىنسانلارنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ھوقۇقى بولغان كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش› قىممەت قارىشىمىزنىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ. كەلگۈسىدىكى دۇنيا ئىككى نۇقتىدا ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بىرى ئەركىنلىكنى قوغداش، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈش، يەنە بىرى زالىم ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىقىش، يەنى يامانغا يانتاياق بولۇش. چۈنكى بىز خىتاينىڭ كەلگۈسىدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقنى بىلدۇق. خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن پۇقرالىرىغا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز».

ئۇ يەنە تەيۋەن ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ ياۋايىلارچە تەيۋەننىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلىشىشىغا قاراپ تۇرمايمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چۆكۈشى ئۈچۈن بىز بىللە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. توغرا تەيۋەن بىر دۆلەت. بۇنى ئەسكەرتىش ناھايىتى مۇھىم».

مەزكۇر يىغىنغا تەيۋەن پارلامېنتى قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى يوۋ شىكۈن، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

يوۋ شىكۈن ئەپەندى تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى، ۋەتىنىمىزنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».

يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۇنيا ھەقىقىي ياخشى دۇنيا ھېسابلىنىدۇ. يەنى لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى بولمىغان، مەدەنىيەت ۋە دىنىي چەكلىمە بولمىغان، قالايمىقان تۇتۇش ۋە ساقچى زوراۋانلىقى بولمىغان دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولاتتى. قىسقىسى ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› بولمىغان دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا».

لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت ۋە ئۆمەر بەكئالى لاگېردا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتقان. يىغىن ئەھلى ۋە توردىن قاتناشقان ئاڭلىغۇچىلار لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قاباھەتلىك كۈنلىرىنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار لاگېردىن چىققاندىن كېيىنمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئۇلارغا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئارقىلىق تەھدىت سالغان ئىكەن.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رىچاردسون ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گۆيتېرس خانىممۇ قاتناشقان. ئۇلار خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

يىغىندا يەنە خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەيۋەن بازىرىغا كېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىكنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە يۆتكىلىش قاتارلىقلار مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

تەيۋەن پارلامېنتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ يىغىندا ئامېرىكا، تەيۋەن ۋە باشقا دۆلەت پارلامېنىت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ يىل ئاپرېلدا تەيۋەن پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندىن بۇيان تەيۋەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەر خىلى ئاكتىپ ھالغا كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.