«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ شەرھى» ۋە تارىخنىڭ ساۋاقلىرى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادادىكى مەكېۋان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئايدان فورسنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
كانادادىكى مەكېۋان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئايدان فورسنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
thewire.in

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشى ئىزچىل خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلىرىدە روشەن كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆزىتىش مۇنارى، سېمونت توسۇقلار ۋە تىكەنلىك سىم تانىلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھايات شاھىتلىرى بايان قىلغان ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىمىزدا قايتا نامايان قىلىدۇ.

مانا مۇشۇ رېياللىق سەۋەبىدىن مەكېۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى  ئايدان فورس (Aidan Forth)  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار ئۇچرىغان قىسمەتكە قايتىدىن دۇچار بولۇشىدىن ئەندىشىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ماقالىسىدە بايان قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ك گ ب دائىرىلىرى قوللانغان ئۇسۇلدا بىر كېچىدىلا غايىب بولۇپ كېتىدىغان ھەمدە ناتسىستلار دەۋرىدە يەھۇدىي قىز-چوكانلىرىغا مەجبۇرىي ئوكۇل ئۇرۇلۇپ تۇغماس قىلىۋېتىلىدىغان قىسمەتكە يېڭىۋاشتىن ئۇچرىشى ئۇنى بۇ ھەقتە جىددىي ئويلاندۇردى.

پروفېسسور فورس ماقالىسىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار ھازىر ئۇچراۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى باستۇرۇش ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىپ، بۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن مۇئامىلىگە بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ماقالىسىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ شەرھى» دەپ ماۋزۇ قويغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ماۋزۇنىڭ قويۇلۇشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، بۇنىڭ ھازىرقى رېياللىقنى بەكمۇ جانلىق سۈرەتلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئەسلى بۇ ماقالەم ‹سۆھبەت› ناملىق مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ مۇنبەردە ئاساسلىقى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىلمىي خادىملارنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. مەن ئەسلى ماقالىدا ‹خىتايدىكى ئۇيغۇر لاگېرىنىڭ ۋەھىمىلىك سېلىشتۇرمىسى› دېگەن ماۋزۇنى قوللانغان ئىدىم. ئەمما كېيىن بۇ ماقالە ‹تېلېگرامما› تورىدا قايتا بېسىلغاندا ئۇلار ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ شەرھى› دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلدى. مېنىڭچە، بۇ ماۋزۇنى بىرنەچچە جەھەتتىن ماقالىدا مەن دېمەكچى بولغان نۇرغۇن قاراشلارنى تېخىمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى، دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بۇ ماۋزۇ خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك رېياللىق بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن زور قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك سۈرەتلەپ بېرەلەيدىكەن.»

پروفېسسور فورسنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى مۇھىم سېلىشتۇرۇش نۇقتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش باسقۇچى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىشىغا مەركەزلىشىشى لازىم ئىكەن. چۈنكى دەسلەپكى باسقۇچتا قانداق ئوخشاشلىق ۋە پەرقنىڭ بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندا ئىككىنچى باسقۇچتا نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىرقەدەر توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، مېنىڭچە بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى بىر قىسىم كىشىلەرگە سەل غەلىتە تەسۋىر بولۇپ كۆرۈنۈشى ئېنىق. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسۋىرلىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارنى ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ تەسۋىرلىشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا شۇنداق، دەپ ئويلايمەن. ماۋزۇدىكى ‹زور قىرغىنچىلىق› دېگەن ئىبارەنى ئەسلى مەن قويمىغان ئىدىم. ئەمما ماۋزۇنى مۇشۇنداق ئۆزگەرتىشتىن مەن ھېچقانچە رەنجىمىدىم. چۈنكى مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ھازىرقى باسقۇچتا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. بۇنىڭغا ئارتۇق سۆز ھاجەتسىز. يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى بولسا پەۋقۇلئاددە تۈسكە ۋە مەنىگە ئىگە تارىخىي ھادىسە. شۇڭا مەن ھازىرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇ دەرىجىگە بارمىغان بولسىمۇ، ‹تېلېگرامما› تورى ماۋزۇنىڭ ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ شەرھى› دەپ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدىكى ئىلتىماسنى ئەۋەتكەندە بۇنىڭغا نارازى بولمىدىم. چۈنكى ھازىر بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن يەھۇدىيلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى كۈچلۈكرەك يوسۇندا سېلىشتۇرۇپ چىقالىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلالىساق ئاندىن بىز ئاشۋىز جازا لاگېرلىرىدىكى گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ھادىسىسى بىلەن بۇنى تېخىمۇ ياخشى سېلىشتۇرۇپ چىقالايمىز. دېمەكچىمەنكى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا شۇنچە كۆپ ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە قىسمەن پەرقلەرمۇ بار. بۇنىڭدىكى بەكمۇ ئوخشايدىغان بىر نۇقتا ئوخشىمىغان زامانلاردا ئۇيغۇرلار ۋە يەھۇدىيلارنى تەسۋىرلەشتە قوللىنىلغان تىلنىڭ بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىدا ئەكس ئېتىدۇ.»

يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇ جەھەتتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر، جۈملىدىن جېررىي كوئېن قاتارلىقلارنىڭ ئىزچىل ھالدا «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى» زور كۆلەمدە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش بىلەن باشلانغان ھادىسە ئەمەس، ئەكسىچە ئالدى بىلەن زور كۆلەمدىكى تۇتقۇندىن باشلانغان، دەپ قاراپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پروفېسسور فورس بۇ ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولغانلىقىنى، ئەمما تۇتقۇننىڭ مەلۇم مەزگىل داۋام قىلغاندىن كېيىن زور قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەچ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلاردىن مۇشۇنداق بىر شۇملۇقنىڭ ھىدلىرى كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«مېنىڭ قارىشىمچە، 1942-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە شۇنداق بولدى، دېسەك بولىدۇ. 1942-يىلىدىن كېيىن بولسا ناتسىستلار ھاكىمىيىتى يەھۇدىيلارنى قىرىشقا باشلىدى. ئەمما خىتايدا تېخى بۇ باسقۇچ كۆرۈلمىدى، يەنە كېلىپ ھېچكىممۇ بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خالىمايدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنى تەسۋىرلەشتە قوللىنىلغان تىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلغان پاراللېل شەرھىيلەر ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا بۇ جايدا ئاشۇ خىلدىكى پاجىئەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى (مەن گەرچە ئۇنى كۆرۈشنى زىنھار خالىمايمەن) نىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇرنىمىزغا پۇراپ تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەمدە ئۇنىڭدىمۇ قەبىھ بولغان بىر قاتار ئىشلار ئاللىقاچان تاماملىنىپ بولدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان تىل ۋە تەسۋىرلەر مۇشۇ خىلدىكى پاجىئەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تەستىقلىغۇچى پاكىتلاردۇر. شۇڭا بۇ مەسىلە خەلقئارا جامائەت ئويلىنىشقا ھەمدە بۇنىڭدىن ئەندىشىگە قىلىشقا تېگىشلىك رېياللىقتۇر.»

پروفېسسور ئايدان فورس مەخسۇس لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «تىكەنلىك سىم جاھانگىرلىكى» ناملىق كىتابىنى 2017-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان ئىدى.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت