مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان قازاقىستان، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەمدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۆز ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشۇپ كەلمەكتە. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ يەككە كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنى باشقا خەلقلەرگە كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرماقتا.
ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، قازاقىستاندىكى رەسساملارنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرىدىن بىرى ئابدۇكېرىم ئەيسانىڭ يەككە كۆرگەزمىسى 7-مارتتا ئالمۇتادىكى قاستېيېف نامىدىكى مەملىكەتلىك سەنئەت مۇزېيىدا ئېچىلدى. «يولۋاس خەتتاتلىقى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۆرگەزمە ئابدۇكېرىم ئەيسا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رەسسامنىڭ ھەر خىل يىللاردا سىزغان 60 تىن ئوشۇق ئەسەرلىرى قويۇلغان. كۆرگەزمىگە زىيالىيلار، رەسساملار، يۇرت-جامائەتچىلىك، ياشلار قاتناشتى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىدە ئابدۇكېرىم ئەيسا «يولۋاس خەتتاتلىقى» دەپ ئاتالغان سەنئەت يۆنىلىشىنىڭ ئاپتورى سۈپىتىدە تونۇلغان. بۇ ئالاھىدە ئىشلەپ چىقىلغان بەدىئىي ئۇسلۇب بولۇپ، شەرقنىڭ قەدىمىي ئوبراز سىمۋولى بىلەن زامانىۋى ئىپادىلەشنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشىنى بىرلەشتۈرىدىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەسسام، قازاقىستان باش بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ پروفېسسورى ئەركىن زۇلپىقاروفنىڭ پىكرىچە، ئابدۇكېرىم ئەيسانىڭ «يولۋاس خەتتاتلىقى» ماۋزۇسى تەسۋىرىي سەنئەتتە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان تەسۋىرلەش يۆنىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئابدۇكېرىم ئەيسا بۇ ئاتالغۇنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بەلگىلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 2010-يىلغىچە ئۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە ئىشلىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇرۇلۇش يۈز بېرىپ، يېڭى دەۋر باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يولۋاس ئەمەس، بەلكى ئابستراكت ئوبرازلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان تەسۋىرىي سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ بەزىلىرى يەنە شۇ يولۋاس ئوبرازىنىڭ داۋامىنى كۆرسە، ئىككىنچى بىرلىرى يېڭى تۇيغۇلارنى ھېس قىلدى. بۇ، ئەلۋەتتە قىزىقارلىق نەرسە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، پەلسەپىۋى سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ قېتىمدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر تاماشىبىنلارغا شۇ تەرىپى بىلەن قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئابدۇكېرىم ئەيسانىڭ ئىجادىيىتىدىكى يولۋاس ئوبرازى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى بىلەنمۇ زىچ باغلانغان. ئۇنىڭ ھازىرقى ئەسەرلىرىدىمۇ شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. مەسىلەن، چاقنىڭ ئوبرازىدا خەلقنىڭ ئېغىر ئەھۋالى، كۆچ تارىخى تەسۋىرلەنگەن. ئەلۋەتتە، ئابدۇكېرىم ئەيسا ئۇ بىرىنچىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ رەسسامى، ئاندىن قالسا ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ يارقىن رەسساملىرىنىڭ بىرىدۇر».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «دۇنيا ئارت» ھازىرقى زامان سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىنىڭ مۇدىرى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا كۆپىنچە سوۋېت دەۋرىدە تەربىيەلەنگەن رەسساملار بىلەن بىر قاتاردا مۇستەقىل قازاقىستاندا ئۆسۈپ يېتىلگەن نۇزۇگۇم سامىيېۋا، گۈزەل زاكىروۋا، ۋېنېرا ۋاجىتوۋا، مۇنىسا گۇلىيېۋا قاتارلىق ياش رەسساملار ئىجاد قىلىدىكەن. ئۇلار قازاقىستان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئۆز كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە تونۇلماقتا. ھاكىمجان گۇلىيېف مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر كۈزدە نۇزۇگۇم سامىيېۋانىڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئۇنىڭغا رەسسامنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىشلىگەن ئەسەرلىرى قويۇلدى. شۇنداقلا گۈزەل زاكىروۋانىڭ ئالمۇتادا چوڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمىگە ئۇنىڭ يىپەك يولى ساياھىتىدە ئالغان تەسىراتلىرى توغرىلىق ئەسەرلىرى قويۇلدى. يېقىندا بولسا ھاشىم قۇربانوف ئۆزى ئۇستازلىق قىلىۋاتقان سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ بىر توپ مۇئەللىملىرى بىلەن كۆرگەزمە ئاچتى. بۇ ئىنستىتۇتتا ناھايىتى كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇيدۇ.»
ھاكىمجان گۇلىيېف قازاقىستان رەسساملىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئىلگىرىكىدەك، يەنى سوۋېت دەۋرىدىكىدەك بولمىسىمۇ، شۇ ئالاقىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستاندا ئاتاقلىق رەسساملار لېكىم ئىبراھىموف، ئۆمەرجان مەڭسۈروف ئۇيغۇر ماۋزۇسىغا بېغىشلانغان ئەسەرلىرىنى يارىتىۋاتىدۇ. قىرغىزىستاندا سابىت باباجانوف، مەسىلەن، بۇلتۇر ئۆزبېكىستاندا كۆرگەزمىسىنى كۆرسەتتى. شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقىمىز بۇرۇن ياخشى ئىدى. كېيىنكى يىللىرى ئالاقىمىز ئۈزۈلدى. ئۇ ياقتا رەسساملىرىمىز ئەمگەك قىلىۋاتامدۇ يا قىلمايۋاتامدۇ؟ ۋەتەندە بولۇۋاتقان ئەھۋالنى ھەممىمىز بىلىمىز. ھېچ قانداق خەۋەر ياكى ئالاقە يوق».
ھاكىمجان گۇلىيېف ئۆزى كۆپ يىللاردىن بۇيان رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان «دۇنيا ئارت» ھازىرقى زامان سەنئەت كۆرگەزمىخانىسى ئەتراپىغا توپلانغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ھەر يىلى پىلانلىق رەۋىشتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ ياش رەسساملارنى تەربىيەلەش جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش ئورۇنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە.
0:00 / 0:00