تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ساداسى: «تەيۋەنگە كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.07.04
taywen-uyghur-dostluq-guruppisi-dolqun-eysa-1024 «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇش يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 27-ئىيۇن، تەيبېي
Xia Xiaohua

«تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» بۈگۈنگە قەدەر چەت ئەل پارلامېنتلىرىدا ھەر خىل ناملاردا قۇرۇلغان سەككىزىنچى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» دۇر. بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇشۇ نۆۋەتلىك رەئىسى شېن بوياڭ «تەيۋەن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر تەيۋەن بۈگۈن ئورنىدىن تۇرمىسا، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش پۇرسىتى بولمايدۇ» دېگەن.

تەيۋەندىكى «يېڭى سۆھبەت خەۋەرلىرى» (Newtalk新聞) تورىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن قوللاش ئۈچۈن، تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزاسى شېن بوياڭنىڭ باشچىلىقىدا 27-ئىيۇن كۈنى «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

«خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەش كېرەك: شېن بوياڭ ‹تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى›نى داۋاملاشتۇردى» سەرلەۋھەلىك مەزكۇر خەۋەردە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇش سىياسىيىتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ زۇلمىغا دۇچ كېلىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن، تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

«تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ (TETA) رەئىسى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ (何朝栋) ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى رەسمىي تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېڭىلىنىشى سەۋەبلىك مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلەرمۇ ئۆزگىرىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىكنى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئەزاسى شېن بوياڭ ئەپەندى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ئۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنۇلارنى ئىزاھلاپ ئۆتتى: «بۈگۈنكى كۈندە ‹تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى› نىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمىتىمىزنىڭ ئىزچىللىقىنى ۋە بىزدىكى بۇ خىزمەتكە بولغان زور مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ بىزنىڭ ‹مەزلۇملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق› مەسىلىلىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى ھەمدە دىققەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ كونكرېت بىر مىسالى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ يەنى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دەلىللەپ چىققانلىقىدۇر. بۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى پارلامېنتلار ئىچىدە تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھىسابلىنىدۇ.»

«تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى شېن بوياڭ سۆزلەۋاتىدۇ.2024-يىلى 27-ئىيۇن، تەيبېي
«تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى شېن بوياڭ سۆزلەۋاتىدۇ.2024-يىلى 27-ئىيۇن، تەيبېي
Xia Xiaohua

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى شېن بوياڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز كۈچىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىستىبداتلىقنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك يەنە، تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئاۋاز چىقىرىپلا قالماي، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادۋوكات خې چاۋدوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى شېن بوياڭ ئەپەندى، سىياسىي، دىپلوماتىيە، پەن-تەتقىقات ۋە قانۇن ساھەلىرىدە پىشقان بىر سىياسىيون ئىكەن، شۇنداقلا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ ئىنتايىن ئىقتىدارلىق ياش ئەزالىرىدىن بىرى ئىكەن. ئۇ سۆزىدە، يىغىن ئەھلىنىڭ بىردەك «تەيۋەنگە كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ توۋلىغان شوئارىنىڭ تەيۋەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىدىكى نېگىزلىك نۇقتا ئىكەنلىكىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، تەيۋەن ئەمەلىيەتتە خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تەيۋەندە قالدۇرغان بىر قىسىم ناچار ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلۇشى، يەنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېلىپ ئېيتقاندا، تەيۋەن چوقۇم ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دۆلىتى بولۇشتەك ئۆرنەكنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. نۆۋەتتە تەيۋەندە سۆز ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دائىر ئاممىۋى تەشكىلات-گۇرۇپپىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەسىلىلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ھازىر ھەممە ئادەم كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان ئورتاق قىممىتىنى يارىتىشتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. شۇڭا تەيۋەندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان نىشانىمىزدۇر. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا شەرقىي تۈركىستان رايونى ۋە ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ۋە نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىز بۇندىن 80 يىل ئىلگىرى، يەنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ۋە مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ دۇنياغا جاكارلانغانلىقىنى بىلىمىز. ناھايىتى روشەنكى، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلغاندىلا شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ.»

27-ئىيۇن كۈنى تەيۋەندە «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نى داۋاملاشتۇرۇش قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇت، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ چەت ئەل پارلامېنتلىرىدا ھەر خىل ناملاردا قۇرۇلغان سەككىزىنچى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى 62 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان «ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، تەيۋەن پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ تەيۋەندىكى 24 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدە تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەن.

تەيۋەن «يېڭى سۆھبەت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ ۋەزىپىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغان ھەر قايسى دۆلەت مەجلىسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا «مەزلۇملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش» نى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈش بولىدىكەن.

ئادۋوكات خې چاۋدوڭنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ بىر تەرەپتىن خەلقئارادىكى دېموكرات تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق بىر گەۋدە تەشكىللىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت نىشانلىرىدىن بىرى، تەيۋەندە تۈزۈلگەن قانۇن-پەرمانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىنى توسۇش، شۇنىڭدەك «مەزلۇملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىدە بايلىق ھوقۇقىغا دائىر قانۇن-تۈزۈملەرنىڭمۇ تۈزىتىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇشۇ ئورتاق غايە ئاستىدا «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ كونكرېت مەسىلىلەرنى ئىشقا ئاشۇرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ.

«تەيۋەننىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇساپىسىمۇ خۇددى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۈشكۈل بىر جەريان. شۇ سەۋەبتىن ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە جاپالىق ئىشلىشى، شۇنداقلا كونكرېت نىشانلارنى بىرمۇبىر بەلگىلىشى ھەممىدىن مۇھىم. شۇنداق قىلغاندىلا كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشى ۋە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلالايمىز. بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز كوممۇنىست خىتايدۇر. مېنىڭچە، بۇ ئەڭ چوڭ ئالدىنقى شەرت، شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي ۋە ئۇنىڭغا سادىق خىتاي پۇقرالىرى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا بىر تەھدىتتۇر.»

ئادۋوكات خې چاۋدوڭ زىيارىتىمىز داۋامىدا، مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق جايلاردىكى يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىگە قارىتا دىققەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇستەبىتلىك ۋە دىكتاتورلۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭمۇ ئەينى چاغدا تەيۋەندىكى نۇرغۇن يەر-جاي ناملىرىغا ئاتالمىش «جۇڭخۇا» پۇرىقىنى مەجبۇرىي قوشقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەر بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ناملارغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يەر-جاي ناملىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە تەيۋەن بىلەن ئۇيغۇر ئېلى «تەقدىرداش» ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 27-ئىيۇن كۈنىدىكى «تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر ئالاقە گۇرۇپپىسى» نىڭ داۋاملاشتۇرۇش قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خەن گويۈگە ۋاكالىتەن پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ يۈروڭ ئىشتىراك قىلغان. تىبەتنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ تەيۋەندىكى ۋەكىلى كېلساڭ گيالتسېن مۇراسىمدا سۆز قىلغان. مەزكۇر مۇراسىمغا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.