ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.06.25
Peter-Heilt-1024 ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسى پېتېر ھايلىت (Peter Heilt) (ئوڭدىن 2-كىشى) بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 24-ئىيۇن، بېرلىن
RFA/Ekrem

24-ئىيۇندىن باشلاپ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، تۈركىيەدىكى ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئاكتىپ جەۋلان شىرمەمەت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گېرمانىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئىيۇن، بېرلىن
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئىيۇن، بېرلىن
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن 25-ئىيۇن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى بېرلىن زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسى پېتېر ھايلىت (Peter Heilt) قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلان پىروگراممىلىرىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئىيۇن، بېرلىن
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 24-ئىيۇن، بېرلىن
RFA/Ekrem

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى پېتېر ھايلىت قاتارلىقلار بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 24-ئىيۇن كەچتە مەركىزى بېرلىندىكى «ئاكسېلسپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «ھەدەمنى ئىزدەيمەن» ناملىق فىلىمنى كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالغاندا، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتا ئەستايىدىل ھەم جىددىي بىر پوزىتسىيەنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمگەكلەر نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھازىر گېرمانىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتىدە ھەر خىل شەكىللەردە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش لازىملىقىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش مەسىلىسى توغرۇلۇقمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولغان.

تۈركىيەدىن كەلگەن ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئاكتىپ جەۋلان شىرمەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشلاردا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىشىپ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇزاكىرىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار بۈگۈن، يەنى 25-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر تېمىلاردا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.