قازاقىستانلىق زىيالىيلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-06-08
Share
خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ھۇجۇم قىلغان ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»
Uyghur Tribunal

مەلۇمكى، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ھەم ئۇنىڭدا گۇۋاھچىلارنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلگەنىدى. ئۆمەر بېكالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن، سايراگۈل ساۋۇتباي گۈلباھار جېلىلوۋا، گۈلباھار ھايتىۋاجى، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن خورلۇقلىرى ۋە ئازابلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى كۆپچىلىككە قاتتىق تەسىر قىلغانىدى ھەم بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىغانىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مەزكۇر «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۆتكۈزگەن يىغىننىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ سوت خەلقئارادا تونۇلغان ئەدلىيەچى ئادۋوكات جېففىرىي نايىس تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە خەلقئارا سوت ئىشلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەمدە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىدە ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراكىدا ئۆتتى. پۈتۈن سوت خەلقئارا نورما-پرىنسىپ دائىرىسىدە ئۆتتى. بۇ نۇقتىئىنەزىرىدىن دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تەشكىلاتلار ناھايىتى كۆپ ئىش قىلدى. لوندوندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىش قىلىپتۇ. بۇ سوتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىگە، يەنى ۋەتەن دەۋاسىغا بولىدىغان تەسىرى بار.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۇر سوت قارارىغا چوقۇم ئەمەل قىلىپ، خىتايغا قارشى بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بۇ سوت، قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىنى پاش قىلغانكەن ھەمدە بۇ ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن دۇنياغا كەڭ تارقىتىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەينى سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رىزا سەمەدى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار ئەركىنلىكنى، ئازادلىقنى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان خەلق ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيادا ئىنسان قەدرىيىتىنى ئەلا كۆرىدىغان، خورلۇق، باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ دەردىگە دەرمان، ياردەمدە بولۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاق نىيەتلىك ئىنسانلارنىڭ ۋە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقىمۇ ئادالەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى خەلقىمىز كۆرمەكتە ھەم ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشمەكتە. بۇ سوت ئۇيغۇر، قازاق ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىنتايىن چوڭ سوت بولدى. سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ۋەتەنداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەلقئارادا تەسىر دائىرىسى چوڭ چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭسىزلىك، زوراۋانلىقلارنىڭ كۆرگەن چەتئەللىك شاھىتلار خىتاينىڭ بۇ ئەلدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئەمەلىي پاكىتلار، دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ، بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.»

رىزا سەمەدىنىڭ پىكرىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرغان بولسا، خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭ ۋە ئالدامچى سىياسىتىگە بېرىلگەن دەھشەتلىك زەربە بولغانىكەن. ئۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا يارىتىلغان بىر ھۆكۈم چىقىرىشىغا كامىل ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىلشۇناس كاندىدات دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇنىڭ قىزىق بىر تېمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تۈرلۈك مېدىئالىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك پىكىرلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ پىكىرلەر ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىرلىرى ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئىشىنى يۇقىرى دەرىجىدە باھالىغان بولسا، يەنە بىرلىرى ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنەلمىگەن. سوتنىڭ ئىشى ئىنگلىز تىلىدا بولغانلىقى. ئۈچىنچىدىن، بىز خىتاينىڭ چوڭقۇر دىققەت بىلەن سوت ئىشىغا قارىغانلىقىنى چۈشەندۇق. بىزنىڭ گۇۋاھچىلارنى ھەر تۈرلۈك زەربىلەرگە دۇچ كەلتۈردى.»

دىلنۇر قاسىموۋا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى ھاياتى توغرىلىق ساختا ئاخباراتلارنى تارقىتىپ، دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا بار كۈچىنى سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ مەزكۇر سوت ئىشىنىڭ ئەينى مەقسىتىنى بۇرمىلاش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكىتىنىڭمۇ دېگەندەك نەتىجە بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىرىدىن بىرى نايىلەم ھەمرايېۋا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەقىبلەش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بارلىق قوللىغۇچى رەھبەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، لوندوندا مۇستەقىل ئادۋوكاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن خەلق سوت قۇرۇلغانىدى. شۇ سوت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغقان دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئون نەچچىلەپ لاگېر شاھىتلىرىمۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىنى پاش قىلدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەتلەرنى قىلىش بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى مەنىۋى ۋە ماددىي قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتماقتىكەن. ھازىر مەملىكەتنىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاھالىلەر ئارىسىدا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت