دولقۇن ئەيسا: «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قارارىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.05.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
duq-norwegiye-2.jpg د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نورۋېگىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. 2022-يىلى ماي.
RFA/Ekrem

5-مايدىن باشلاپ د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق فوندى رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ۋە د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە نورۋېگىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە نورۋېگىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇشنىڭ د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نورۋېگىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى. 2022-يىلى ماي.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بولسا د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۈگۈن نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نورۋېگىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئەتە يەنە بىرقىسىم مۇھىم سىياسىي شەخسلەر ۋە يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر ئالدىنقى ھەپتە د ئۇ ق رەھبەرلىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، فىنلاندىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ب د ت تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش، بۈگۈنكى سۆھبەتلەردىمۇ نورۋېگىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ئوخشاش تەلەپنى قويغانلىقىنى، بۈگۈنكى سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.