قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار: «بىز ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى›دىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-06-13
Share
tamashabilar-30-yilliq-xatire-murasimida.jpg قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيەتنىڭ تەشەببۇسكارى مۇزەپپەرخان قۇربانوف ۋە باش كاتىپى ئەكبەرجان باۇدۇنوف تاماشابىنلار ئارىسىدا. 2019-يىلى 24-نويابىر، بىشكەك.
RFA/Féruze

قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغان مەملىكەت ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەينى چاغلاردا جۇمھۇرىيەتتە سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كۆپلىگەن جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى، شۇنىڭدەك زىيالىيلار ياشىغانىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. بۇ كۈنلەردە قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتىنىمۇ ھەرتەرەپلىمە قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە. يېقىندا ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئۆتكەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ياشايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ئەكبەرجان باۇدۇنوف ئەپەندى مەزكۇر سوتنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىگە مەلۇم، مۇشۇ كۈنگىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋا دۆلەتلىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قارار ئالغان بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەر ئۇنداق قارار ئالمىغانىدى. ئەگەر ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ئۆزىنىڭ ئاخىرقى خۇلاسە قارارىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتسە، ئۇ چاغدا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىشى مۇمكىن».

پېشقەدەم ژۇرنالىست ۋە شائىر مۇزەپپەرخان قۇربانوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ بىز، ئۇيغۇرلار، ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر ۋەقە بولدى. ھازىرقى مۇشۇ كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقان بارلىق زۇلۇم، دەرد-ئەلەمنى پۈتۈن ئالەمگە يەتكۈزدى. خىتاي ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە خىتايدەك چوڭ ئىمپېرىيەنى خەلقئارا سوتقا تارتالايدۇ دەپ ھېچ قاچان ئويلىمىغان. لېكىن بىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ چوڭ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى. ئۇلارغا رەھمەت. بۇ سوت چوقۇم نەتىجىلىك بولۇپ چىقىدۇ».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئاخبارات ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى جەمئىيەتلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىلشات ھاسانوف ئەپەندى پۈتكۈل قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلىپ، مۇنداق دېدى: «سوتلار ئۆتۈپ، خىتاينىڭ يۈزىنى ئاچتى. شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك يامانلىق قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ 95-100 پىرسەنتى ئۇيغۇر سوتىنى كۆردى ۋە قوللىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئېچىپ، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ 180 مەكتىپىنى ئاچتۇق دېگەن. لېكىن 180 ئەمەس، 380 ئىكەن. بۇ مەكتەپلەر بولسا، نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سىملار تۇرىدۇ؟ بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى. سوت يەنە بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى كۈچلىنىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قوشۇلۇپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىشى كېرەك».

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھەر خىل يوللار ئارقىلىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرماقتىكەن. لېكىن ئۆمەر بېكالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن، سايراگۈل ساۋۇتباي، گۈلباھار جېلىلوۋاغا ئوخشاش كۆپلىگەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كۆز بويامچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا قىلماقتىكەن.

قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» گېزىتى تەھرىراتىنىڭ ئەزاسى ئوسمان تۇردىيېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدىكى دەلىللەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يارقىن ئىسپاتى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى مەقسىتى خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى دۇنياغا يېيىش، دۇنيادىكى بارلىق مەملىكەتلەرگە تونۇتۇش ھەم ئۇنى خەلقى-ئەلەم ئالدىدا رەسۋا قىلىپ، ئاخىرى سوت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش. شۇنى مەقسەت قىلغان ھالدا تېخىمۇ جانلىق پاكىتلار بىلەن ئۆز مەقسىتىمىزگە يېتىش. بىشكەكتىكى بارلىق خەلق تەقەززالىق بىلەن بۇ سوتنى كۆزىتىپ تۇردى. بىز ۋەتەن بىلەن بىللە. ۋەتەن قولغا كەلمىگۈچە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرىشىنى توختاتمايدۇ. كېلەچەكتە تېز، قانۇنىي ھالدا ئۆز مەملىكىتىمىزنى قولغا ئېلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

سىياسەتشۇناس ئابدۇرەھىم ھاپىزوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، پائالىيەتچىلىرىنىڭ زور ئۇتۇقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ سوت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە چوڭ زەربە بولدى. ھازىرقى كۈندە خىتاي ‹ئۇيغۇر سوتى› نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىگە چىدىيالمايۋاتىدۇ. بۇ سوت خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر چوڭ پەللىگە كۆتۈردى. ھازىرقى خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ دۇنياغا جار سالماقتا. لېكىن بىز پۈتكۈل دۇنيا تەرەققىيپەرۋەر كۈچلىرىگە، دېموكراتىك كۈچلەرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى قائىدىلىرىگە ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللاپ-قەۋۋەتلەشلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، بىرلىشىپ، خەلقئارا مەيداندا ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك»

مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 30 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئەتراپىغا تولىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، بۈگۈنكى ھاياتى مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن ئىش-پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن. جەمئىيەت تەركىبىدىكى «ئىتتىپاق» گېزىتى بولسا، قىرغىزىستان ۋە باشقىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى داۋاملىق يورۇتۇپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر مەتبۇئات ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت