ئۇيغۇرلار تەقدىرى مەتبۇئاتلار، مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نەزەرىدە بولماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر نەققاشلىقى بىلەن بېزەلگەن بىر بازاردا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۈندەيدىغان پىلاكات ئېسىلغان. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
ئۇيغۇر نەققاشلىقى بىلەن بېزەلگەن بىر بازاردا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۈندەيدىغان پىلاكات ئېسىلغان. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى كۆپلەپ تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ۋە ئايرىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قىلغان بىلدۈرۈشلىرى، تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى سەۋەب بولماقتا. بۇ جەھەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكى ئىقرار قىلىنماقتا.

يېقىندا «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ رۇس بۆلۈمىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش، يېڭى دەۋر مۇستەملىكىسى ۋە شىنجاڭدىكى كىملىكنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ژۇرنالىست ئايگېرىم تولېئۇخان ئامېرىكالىق ئانتروپرلوگ، مەركىزىي ئاسىيا بويىچە مۇتەخەسسىس، 30 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان شون روبېرتس بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى بېرىلگەن. مەزكۇر سۆھبەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە ئالىمنىڭ مۇشۇ يىلى سېنتەبىردە يورۇق كۆرگەن «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش: خىتاينىڭ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىچكى ھەرىكىتى» ناملىق كىتابى سەۋەب بولغان. سۆھبەت جەريانىدا كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە خىتايدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ھەققىدە سۆز بولغان.

شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2012-2013-يىللىرى ئۇيغۇرلار «تېررورلۇق تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئەيىبنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدە ياتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر نەچچە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانىكەن. ئالىمنىڭ تەتقىقاتى ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشىپ، ئۇ 2016-يىلى ئۆز تەتقىقاتنى ئايرىم بىر كىتاب قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كىتابنىڭ مەزمۇنى ئىش جەريانىدا ئۆزگىرىشكە باشلىغان. «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش»، ئاپتورنىڭ پىكرىچە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ۋە باشقىمۇ يەرلىك خەلقلەرگە نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

تەتقىقاتچى ئاخىرقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتنىڭ خېلى ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئۆزبېكىستاننى كەلتۈرگەن. ئەل ئىچىدىكى باشقا كۆزقاراشلارغا، باشقا ئىدىيەلەرگە ھۆكۈمەت تېررورلۇق تەھدىت سۈپىتىدە قارىغان بولۇپ، خىتايدىمۇ، رۇسىيەدىمۇ شۇنداق بولغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى خىتاي مەملىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي كونتېكىستىمۇ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر خىتاينىڭ مۇستەملىكىلىك سىياسىتىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە تەكىتلىنىدۇ.

سۆھبەت جەريانىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1990-يىللىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى ئەركىن ئىزھار قىلالىغان بولسىمۇ، ئەمما 2000-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ھەتتا قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى قازاقىستان پۈتۈنلەي تەنقىد قىلمىغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، «ئاتايۇرت» قا ئوخشاش بەزى گۇرۇپپىلار خىتايدىن قېچىپ چىققانلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياتقانلار ھەققىدە مەلۇماتلار توپلىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ۋە شۇنداقلا 2000-يىللىرى بىر نەچچە قېتىم قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ۋەقەلىرى ئورۇن ئالغانىكەن. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا كۆپ يورۇتۇلۇپ كەلگەنىدى. مۇشۇ يىلى مەتبۇئاتلاردا 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان 9 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

قازاقىستانلىق ھوقۇق قوغدىغۇچى ئاندرېي گرىشىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار خىتاي ئۈچۈن بىرىنچى نومۇرلۇق مەسىلە بولغان ھەم قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سەمىمىي مۇناسىۋىتى بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسىنىڭ، قوشنىسىنىڭ پايدىسىغا قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلىرىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار قازاقىستانغا قانۇنسىز كىرىشنى توختاتتى. ئۇلار ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ سىياسىتىنى بىلمىگەن ئىدى. قازاقىستانغا بەزىدە خىتاينىڭ چىشىغا تەگمەسلىك ئۈچۈن ھەر ئىككى مەملىكەتنىڭ مەنپەئەتىنى قانائەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەرگە بېرىشقا مەجبۇر بولدى. ئەمدى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كەلسەك، بۇ تەشكىلاتتا بەزى كېلىشىملەر مەۋجۇت. لېكىن قازاقىستان ئۈچۈن مۇنداق كېلىشىملەرنىڭ ئەھمىيىتى يوق، دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردە بىرىنچى ئورۇندا خىتاي تۇرىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولى بولسا، مېنىڭچە، چوڭ ئەمەس. بىرىنچى ئورۇندا ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تۇرىدۇ.»

يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدا شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى بۇزۇش، ئۇلار ئارىسىغا جېدەل، بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى قىلىۋاتقانلىقى، ئاساسىي خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شۇنداقلا باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ تىلىنى، دىنىنى يوقىتىش، تۇغۇتىنى چەكلەش، مىللەت سۈپىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىگە دېگەندەك ئېتىبار بەرمەيۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت ساقلاۋاتقانلىقى «رۇس تىلىدىكى ت ر ت» يېڭىلىقلار تورىدا ئېلان قىلىنغان «ھوقۇق قوغدىغۇچىلار-دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلماقتا» دېگەن ماقالىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ھوقۇق قوغدىغۇچىسى روشەن ئابباسنىڭ ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت بۆلۈشكە چاقىرغانلىقى تەكىتلەنگەن.

رۇسىيەلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى بەھرام ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ، ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەم مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت ساقلىشى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئالەمگە مەلۇم بولغان ھالەتتىمۇ، مەسىلەن، ئەرەب دۆلەتلىرى، تۈركىيە ۋە باشقىلار خىتاي بىلەن بولغان سودا-سېتىق ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى يوقىتىشنى خالىمايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قېلىشنىڭ يولى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى خىتاي بىلەن سودا-سېتىق ئالاقىلىرىنى پەقەت ئۇيغۇرلار ئارقىلىق يۈرگۈزۈشى لازىم. بىز بۇ قىرغىنچىلىقنى توختاتقان ھالەتتىلا ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىمىز. بىز ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دەرد-ئەلىمى، بۈگۈنكى پاجىئەسى ئۈچۈن بارلىق تۇغقان خەلقلەر، ھەر بىر ئۆزبېكىم، ھەر بىر قازىقىم، ھەر بىر قىرغىزىم جاۋاب بېرىشى كېرەك. بىز نائىنساب بىر پوزىتسىيەنى ئىگىلەۋالدۇق. قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتكە چەتتە قاراپ تۇرۇشى، مېنىڭچە، جىنايەتتۇر. بۇ پوزىتسىيە توغرا ئەمەس. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر بىر كېلىشىمىمىز، ئىشىمىز پەقەت ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى لازىم. ئەگەردە شۇنداق بولغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا مۇنچىلىك مۇسىبەت كەلمەس ئىدى.»

«لېنتا رۇ» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن ماكسىم شانىننىڭ «يامان كۈچلەرگە قارشى قىرغىنچىلىق: نېمە ئۈچۈن خىتاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەقدىرى ئا ق ش نى تەشۋىشكە سالدى؟» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە ئېتىراب قىلىنىشى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىكەن.

ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسى خوڭكوڭ نارازىلىقلىرى، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، ئېكولوگىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن باش ئاغرىقى بولغان باشقىمۇ مەسىلىلەر بىلەن بىر قاتاردا قويۇلماقتىكەن. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قاتار مۇستەقىل مەملىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ زىچ ئولتۇراقلىشىشى خىتاينى قاتتىق بېئارام قىلماقتىكەن.

ماقالە ئاپتورى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنى چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە، خىتايلار بىلەن ئائىلە قۇرۇشقا، بالىلىرىغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشتىن ۋە ناماز ئوقۇشتىن باش تارتىشقا، كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيىلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئەھۋال مۇشۇنداقلا داۋام قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقاپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشكە، ئۇنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە باشقىمۇ ژەھەتلەردە ھالسىزلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق بويىچە قازاقىستان بيۇروسىنىڭ دىرېكتورى ئېۋگېنىي جوۋتىس ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئۇرۇق-تۇغقانلار، ئىنتېرنېت ۋە باشقىمۇ يوللار ئارقىلىق ھەر خىل خەۋەرلەر، ئىشەنچلىك مەنبەلەر كېلىپ تۇرىدۇ. خىتايدا ئىنتېرنېتنى پايدىلىنىش ۋە قانداقتۇر بىر ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىش ئىنتايىن قىيىن. شۇنداقتىمۇ خىتايدىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر ھەر خىل شەكىلدە بىر ئاي يا بولمىسا بىر يىل ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا كېلىۋاتىدۇ. شۇلارغا قارىغاندا، ئۇ ياقتا ئېتنىكىلىق تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنى ‹مەدەنىي تازىلاش› دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بۇ بىر پۈتۈن خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە، دىنىغا، ئەنئەنىلىرىگە قارىتىلغان ھۇژۇمدۇر. بۇ يەردە بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە، كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيىلەشكە مەجبۇرلاش، دىنىي ئېتىقادلىرىنى چەكلەش، ئاياللارنى تۇغماسلىق قىلىش بۇنىڭ بارلىقى بىر خەلقنىڭ ھوقۇقلىرىنى كەمسىتىشلا ئەمەس، بەلكى بۇ جىنايەت. بىر پۈتۈن تۈزۈم شۇنداق بىر جىنايەتلەرنى قىلىۋاتقان بولسا، دېمەك بۇ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمدۇر. ئادەملەر ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ، ئۆزىنى ھىمايە قىلالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، مۇنداق تۈزۈم ئۆزىنىڭ جازالانمايدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرىدۇ، چۈنكى خەلقئارادا ئۇنىڭغا ھېچ كىم تەسىر قىلالمايۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 39 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، باياناتقا ئىمزا قويۇشى قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا كۆپچىلىكنى خۇشال قىلغانىدى. لېكىن بۇ تىزىمدىن تۈركىيەنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت