ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ياۋروپادىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رىشتىسىنى چىڭ باغلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر(سولدىن بىرىنچى) ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندىلەر ھەمكارلىق ئورناتقان. 2019-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بېلگىيە.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر(سولدىن بىرىنچى) ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندىلەر ھەمكارلىق ئورناتقان. 2019-يىلى 3-ئۆكتەبىر، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مىللىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك ھەمكارلىق ئورناتتى.

3-ئۆكتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياخشى ئۆرنەك بولغۇسى بىر خوش خەۋەر يېتىپ كەلدى. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى ھەم مۇھاجىرەتتىكى مىللىي كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇندىن كېيىن بىرلىك ئىچىدە ئورتاق كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۇنداق بىر ھەمكارلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى دەۋانىڭ جىددىي ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر چەت´ئەلدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ۋە شەھەرلەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلار خىتايغا قارشى نامايىشلاردا بىر ئارىغا كىلەلىگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپىنچە ھالدا ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىكەن. مۇھاجىرەتتىكى دەۋانىڭ تەرەققىياتى ۋە تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى تەشكىلاتنىڭ ياش رەھبەرلىرى 2-ئۆكتەبىر بىريۇسسېلدا بىر ئارىغا كېلىپ رەسمىي ھەمكارلىق ئورناتقان ھەمدە «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» خىزمىتىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن بىريۇسسېلدا مەخسۇس بىر خىزمەتچى خادىم تەيىنلەشنى قارار قىلىشقان.

بېلگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى بۇ يەردە ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچەيتىشكە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. 10-ئىيۇل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا بايانات بەرگەن 25 دۆلەتنىڭ 22 سى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردۇر. بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ئەپەندى بۇ توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلغاندا بۇنداق بىر ھەمكارلىقنى ئورنىتىشقا سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدا پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ نەتىجىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىغا پايدىسى بولۇپلا قالماي، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» خىزمىتىنىڭ كۈچىيىشىگىمۇ تۆھپىسى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» 2018-يىلى ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قېرىنداشلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش، مەلۇمات بېرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر ئورگان ئىدى. ئۇلار توپلىغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتلىرى د ئۇ ق تەرىپىدىن ياۋروپا پارلامېنتى ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە يوللانغان. نۆۋەتتە بۇ ئورگان تۈرلۈك گۇۋاھلىق سىن فىلىملىرىنى ئىشلەپ، ئىنگلىزچە تىللاردا تارقاتماقتا. كېلەچەكتە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ جانلىق دەلىلى بولغۇسى بۇ ئارخىپلارنى توپلاش خىزمىتىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش بۇ ئورگاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تولۇق بەت