«ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلىكتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.05.04
Uyghur-Tibet-Xongkong-Qollash-Namayishi-Awstraliye-2019-01.jpeg ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر بىرلىشىپ ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدە ئېلىپ بارغان خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 25-ئاۋغۇست. مېلبورىن، ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 1-ماي جۈمە كۈنى ئامېرىكادىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق» تەشكىلاتى باشلىقى شارون خوم خانىم ۋە تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى باشلىقى لادۇن تېتۇڭ خانىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر تور سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدىكى ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا خەۋپ پەيدا قىلغان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرى نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئەپ بېرىلدى.

سۆھبەتتە ئالدى بىلەن روشەن خانىمغا سۆز بېرىلدى. روشەن خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى بىزگە، سىلەرگە ئوخشاش خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلارغا تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇ مەسىلىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان ساۋاتقا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك».

روشەن خانىم سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ۋىرۇسنى يوشۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا خەلقىگە، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە تىنچلىقىغا زور تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى، ئەگەر خىتاي ئەمەلىيەتنى يوشۇرمىغان بولسا بۇنداق زور چىقىم كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ھازىرقى ۋاقىت خەلقئارالىق جامائەتنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تونۇشقا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم پەيت،» دېدى.

روشەن خانىم يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى خەلقئارانىڭ سۈكۈتىنى سېتىۋېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئامازون شىركىتى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىغا يول قويۇلۇۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەرنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ تارتۇقلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك ۋە ھەممىمىز بىرلىكتە ئورتاق ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك».

ئارقىدىن «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق» تەشكىلاتى باشلىقى شارون خوم خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋابانى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بېسىمنى كۈچەيتىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ ۋىرۇس كرىزىسى پۈتۈن دۇنيانى ئىسكەنجىگە ئالغان شارائىتتا خىتاي ھاكىمىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتنى ئىككى جەھەتتىن تەھلىل قىلدى. ئۇ، بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ۋىرۇس ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋاباغا سەۋەب بولغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شارون خانىم سۆزىدە: «خىتاي بۇ ئارقىلىق بىزمۇ ۋىرۇسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ۋە بىز دۇنياغا ياردەم قىلىپ، دۇنيانى ۋىرۇستىن قۇتۇلدۇرىمىز دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ،» دېدى. ئىككىنچى بىر تەرەپتىن، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ۋىرۇس مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، بېسىمنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

شارون خانىم سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئۇلار خوڭكوڭدا پەردىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. ئىلگىرى بىز بىلەتتۇق، پەردىنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ ئىشلارنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قورچاقلىرى ئارقىلىق ئەمىلىنى يۈرۈتەتتى. بىراق ھازىر ئۇ قورچاقلارنى باشقۇرىدىغانلار بىۋاسىتە سەھنە ئالدىغا چىقتى، ۋىرۇس كرىزىسى بىلەن تەڭ لاگېر مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەدەنىيەت ۋە تىل چەكلىمىسى قاتارلىق بېسىم سىياسەتلىرى يەنىمۇ كۈچەيدى، خوڭكوڭدا قانۇن ۋە ئەركىنلىك يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىشقا باشلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىزنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى. ئۇ نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز قانداق قىلغاندا بۇنىڭغا خاتىمە بېرەلەيمىز؟ ھەرقايسى ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇ مەسىلىدە جىددىي ئويلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. پۈتۈن دۇنيا بۇ رېجىمنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك،» دېدى.

تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى باشلىقى لادۇن تېتۇڭ بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىشى نەتىجىسىدە ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ؛ «تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار يىللاردىن بېرى ئۇچراپ كەلگەن خەۋپكە ھازىر پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇچراۋاتىدۇ. بىزلەر دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە يەنى تىبەتتىن، شەرقىي تۈركىستاندىن يىراق يەرلەردە تۇرۇپمۇ ھاياتىي خەۋپكە ئۇچراۋاتىمىز. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويغا سالىدۇ.» دېدى. بىراق ئۇ خىتاينىڭ ھازىر ۋىرۇس سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيانىڭ تەنقىد ئوبيېتى بولۇپ قالغانلىقى شۇڭا خىتاينى بۇ جىنايىتىدىن ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈردى.

كېيىن رىياسەتچى روشەن خانىمدىن ۋىرۇس مەزگىلىدە لاگېردىكىلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر بار-يوقلۇقىنى سورىدى.

روشەن ئابباس خانىم بۇنىڭغا جاۋابەن «خۇددى تىبەتتىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر رايونىدىن ھازىر خەۋەر ئېلىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۆز ئائىلە ئەزالىرىدىن خەۋەر ئالالماي ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «ۋىرۇس مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى مېنى قاتتىق قايغۇلاندۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ناچار شارائىتلاردا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى» دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار زىيالىيلىرى، يازغۇچى، ئەدىب، دوختۇر، ئوقۇتقۇچىلىرى، پۇلدارلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى ۋە ئۆز ھەدىسىنىڭمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەكچى قىلىپ يۆتكەش بىلەن بىرگە، خىتاي كۆچمەنلەرنى تۈركۈملەپ بىكارلىق ئۆي ۋە بىكارلىق يەر-زېمىن بېرىپ يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى خۇلاسىلەپ: «ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغان، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا، ھەربىر ئىنسانغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ كۈچەپ تونۇشتۇرىدىغان ۋاقىتتۇر» دېدى.

يۇقىرىدىكى ئىككى تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورلىرىمۇ بىردەك ھازىرقى ۋاقىتنىڭ بۇ مىللەتلەرگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشتىكى ھالقىلىق پەيت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار سۆزىدە خوڭكوڭ، تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى، ئاۋازلىرىنى بىرلەشتۈرۈشىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەشتى.

فېيىسبۇك تورى ئارقىلىق تارقىتىلغان بۇ سۆھبەت يىغىنىنى كۆپ ساندا كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.