Kalash MQS بىلەن سۆھبەت
2020.10.19
يېقىنقى مەزگىللەردە سەنئەت ساھەسىدە ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان داڭلىق شەخسلەر خىلى كۆپىيىپ قالدى.
فىرانسىيەلىك داڭلىق كىنو چولپىنى لېتىسىيە خوللىداي، داڭلىق مودېل ۋە ناخشىچىلاردىن مارىنې لورفېلىن، مەت پوكورا قاتارلىق مۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىنىستگرام سۈرىتىنى كۆك رەڭگە ئالماشتۇرغانىدى.
فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلارنى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن داۋام قىلماقتا. فىرانسىيەدە ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان رەپ ناخشا گورۇپپىسى-كالاش ئىم كىيۇ ئەس (Kalash MQS) نىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «زال» (Hall) ناملىق ناخشىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ باش ناخشىچىسى كالاشنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىفرەيىم لۇيولا بولۇپ، ئۇنى ئادەتتە گۇرۇپپىسىنىڭ نامى بىلەن «كالاش ئىم كىيۇ ئەس» دېيىشىدىكەن.
مۇخبىر: باشتا ئۆزىڭىزنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟
كالاش: . كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر. ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، ئىسمىم Kalash MQS، رەپ ناخشىچىسى. بۇرۇن بىز مقس دېگەن گۇرۇپپا ئىدۇق. يېقىندا ئۇ گۇرۇپپىدىن ئايرىلىپ چىقتىم، ھازىر يالغۇز ناخشا ئېيتىمەن.
مۇخبىر: سىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناخشا ئېيتىشنى ئويلىشىپ قالدىڭىز؟ ناخشىڭىزغا كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر بەك ئۆزگىچە بولۇپتۇ، شۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ بېرەمسىز؟
كالاش: . ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مەن خەۋەر كۆرۈپ بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىش دىققىتىمنى تارتتى. بۇ توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ، خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ چىدىغۇسىز بىر زۇلۇمنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئادەملەرنى قىيناش، نارەسىدە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلار. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بولغان تۇرۇپ، شۇ مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتىدىن پايدىلىنىۋاتقان شۇ داڭلىق ماركىلارنى بۇ جىنايەتنىڭ شېرىكى، دەپ قارايمەن.
شۇڭا مەن ناخشامنى جانلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى قارار قىلدىم. ناخشىدا ئادەتتە مۇزىكا بىلەن كۆرۈنۈش بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇ كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق كۆرگۈچىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ. ئويلىغىنىمىزدەك كىشىلەر بۇ ناخشىغا، بىز تاقىغان نىقاپلارغا ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىگە قىزىقىپ سوئال قويۇشقا، بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىشكە باشلىدى.
مۇخبىر: سىز ناخشا-مۇزىكا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارامسىز؟
كالاش: ئەلۋەتتە. مېنىڭچە ھازىر كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن نۇرغۇن ئادەملەر مۇزىكا ئاڭلايدۇ، شۇڭلاشقا مۇزىكا ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇل، دەپ قارايمەن. بۇ ناخشام تارقىتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ قانداق سىمۋوللۇق مەنىسى بارلىقىنى، بىز تاقىغان نىقابلارنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى سوراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە، خىتايدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا تېخىمۇ قىزىقىشقا باشلىدى. نىقابلار بىلەن بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولدى، دەپ ئويلايمەن، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا بۇ مەسىلىنى تونۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. بۇ ناخشىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشى ئاڭلىسا ۋە كۆرسە، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملاردىن تېخىمۇ كۆپ كىشى خەۋەر تاپسا دەپ ئويلايمەن.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
كالاش: ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلارنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. مېنىڭ بۇ ناخشام تارقىتىلغاندىن كېيىن بىر قانچە ئۇيغۇر ناخشا تور ئابونتلىرى ماڭا ئەگىشىپ، ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، مەن ئازراق قىزىقىشقا باشلىدىم. كېيىنچە بىرەر ئۇيغۇر ئارتىس بىلەن ھەمكارلىشىپ قالسام نېمىشقا بولمىغۇدەك.
مۇخبىر: ناخشا مەستانىلىرىڭىزغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟
كالاش: ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بۇ ناخشام يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بولالمايدۇ. بۇ پەقەت بىر ئۇچۇر يەتكۈزۈش، بۇ يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالنى ئاڭلىتىش رولىنىلا ئوينىيالايدۇ. مېنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىم؛ ھەممەيلەن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشقا ۋە شۇنداقلا سۈرىيە، لىبىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇشلارغا دىققەت ئېتىبارىنى بەرسە؛ ھەرىكەتكە كېلىپ قولىدىن كېلىشىچە بىر ئىش قىلسا. ئەكسىچە ھېچ ئىش قىلماسلىق پەرۋاسىزلىق دېمەكلىكتۇر.
بىز مۇزىكا ساھەسىدىكىلەردىن مۇزىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى سورىدۇق. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان مۇزىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، فىرانسىيەدىكى ئۇ ياشلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «مۇزىكىنىڭ ئۈنۈمى يىغىن-پائالىيەتلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. مۇزىكىنىڭ تىلى يوق، دۇنيادىكى تۇيغۇسى بولغان ئىنساننىڭ ھەممىسى چۈشىنەلەيدۇ. ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشتا سەنئەتنىڭ رولى ھەقىقەتەن مۇھىم.»