كۆزەتكۈچىلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
bitterwinter.org

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى لاگېرلارنى خەلقئاراغا پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئۇنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش» تىكى «سىياسىي ۋە تېخنىكا تەربىيە مەركىزى» دەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار بۇنىڭ تىپىك «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئەللىرىگە قارايدىغان بولساق، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بىر قىسىم دۆلەتلەر نوپۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمى ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە.

ئەگەر غەربتىكى مەلۇم بىر دۆلەت ئۆز تېررىتورىيەسىدىكى كۆچمەن مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قارىتا ئېرىتىپ تۈگىتىش ياكى ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزسە، زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن دېيىلسە، بۇ ئەھۋال شۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

نۆۋەتتە شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىز زۇلخۇمار ئىسھاق «ئەگەر فىرانسىيە ئۆز تېررىتورىيەسىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەن بولسا، بۇ فىرانسىيە خەلقى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرەتتى؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەسەۋۋۇرلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.

زۇلخۇمار ئىسھاق مەزكۇر ماقالىسىنى خىتاينىڭ «جىخۇ» (知乎) تورىدىكى ئىسلامغا قارشى يېزىلغان پىكىرلەرگە قارىتا يېزىپ چىققان بولۇپ، ماقالە ئېلان قىلىنىشى بىلەن خىتايلار بۇنىڭغا بەس-بەستە ئىنكاس بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن خىتايلار ئىسلام دىنىغا ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن ھۇجۇم خاراكتېرلىك كۆپلىگەن سەلبىي ئىنكاسلارنى يازغان.

ئۇنداقتا، خىتاي پۇقرالىرىدا نېمە سەۋەبتىن ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك قىلىش دولقۇنى پەيدا بولغان؟ ئامېرىكادىكى نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا زىددىيەت بۇنداق كەسكىن بولماسلىقى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى ‹يالماپ يۇتۇش› قا يۈزلىنىۋاتىدۇ، بۇ بىر غەرەزلىك ھەرىكەت. چۈنكى ئۇلار ‹ئاتئىزىم› لىق يولنى تۇتقاچقا، مەيلى قانداق بىر دىن بولمىسۇن، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ ۋە يوقاتماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدا يەر بايلىقى مول، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، ئىسلام دىنىغا ئۆچمەنلىك پوزىتسىيەسى تۇتۇپ كەلگەن شۇنداقلا ئۇنى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى غەرب دۇنياسىدىكى ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆز قىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۆتكەن مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر چەتئەللىك ئايال رايوندا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ مۇشۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپ بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقارمىغانلىقىدىن ھەيران بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن چەتئەللىك بولغانلىقىم ئۈچۈن بەزى خىتايلار ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ماڭا دەپ بېرىشنى خالايتتى، ئەمما خىتايلار ئۆز-ئارا ئۇنداق گەپلەرنى دېيىشمەيتتى. ئۇلار ناتوغرا مۇئامىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، بەزىلىرى مەكتەپتە ئاران تىكلىگەن نامىنىڭ بىراقلا يوق بولۇپ كېتىشىدىن قورقاتتى.»

ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلار ‹بۈيۈك بىرلىك› ۋە ‹خىتاي شوۋىنىزىمى› نەزەرىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ‹بۈيۈك بىرلىك› دېگىنى ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى تاللىسا خىتايلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ‹خىتاي شوۋىنىزىمى› دېگىنى ئاتالمىش ‹خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي دۆلىتى› دە ئۇيغۇرلارنى تۆۋەن دەرىجىلىك پۇقرا دەپ مۇئامىلە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل نەزەرىيە ئەزەلدىن مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، نورمال خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ھۆكۈمەت خەلقئارالىق ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ئەندىزىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ‹تېررورچى›، ‹دىنىي ئاشقۇن› دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرىدۇ، نەتىجىدە خىتاي پۇقرالىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ قالىدۇ. دېمەك يۇقىرىقى ئۈچ نۇقتىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.»

غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئىمتىيازى بار تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارماسلىقى ۋە بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنى شىيا مىڭ ئەپەندى تۆۋەندىكىدەك ئانالىز قىلدى: «چەتئەلدىكى خىتايلاردا ئومۇميۈزلۈك ‹سىياسەتپەرەسلىك› ئىدىيەسى بار، ئۇلار گەرچە ئەركىن پىكىر قىلىدىغان دۇنيادا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى ياقلىغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي دۆلىتىدىكى خىتايلارنى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدە خىتاي دېموكراتىيە يولىدا ماڭغان تەقدىردىمۇ، ھەرقانداق ئىشتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىمىز، دەپ ئويلايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقاچان ئىچ ئاغرىتمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنى «زامانغا ماسلاشمىغان، قالاق مەدەنىيەت»، خىتاي تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنى بولسا «زامانىۋىلىقنىڭ ئۈلگىسى» دېگەندەك يالىڭاچ تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇنداقتا، بۇ مەسىلىگە خىتاي پائالىيەتچىلىرى قانداق قارايدۇ؟

شىيا مىڭ ئەپەندى بۇنىڭغا تەپسىلىي ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بىرقانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىساق، ئۇلارنىڭ نەسلى پۈتۈنلەي قۇرۇيدۇ، دېگەنگە تامامەن ئىشىنىدۇ. ئۇلار يەنە شۇنداق بولغاندا كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ، كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋى دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىدىن قىلچىلىك ئەسەر بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. سىياسەتتە ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى ئۆلتۈرۈش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى غەرىزى بولسا ‹ئۇيغۇرلاردەك بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىۋەتسىلا كۇپايە› دېيىشتىن ئىبارەت، خالاس.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تۈرلۈك ئىنسانلار بىرلىشىپ، شۇ دۆلەتنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئورگانىك قۇرۇلمىنى تەشكىل قىلغان. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە چوڭ بىر مىللەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتسە، خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا قانداق بىر ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ دىيالوگى ۋە تۈرلۈك تەپەككۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن. مەسىلەن، ئوتتۇرا ۋە يېقىنقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىدىكى ئىنسانلار كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ دۇنيادا تەرەققىيات بولمايدۇ، نەتىجىدە ئىنسانلار ھالاكەتكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقاتسا، ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇۋاتقان چوڭ بىر مىللەت يوقايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.»

ئاخىرىدا ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق بۇ غەرىزىدىن يانمىسا، خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا كرىزىسنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ. لېكىن نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە نىسبەتەن پەسەيتىش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئۆچمەنلىكى يەنىلا مەۋجۇت. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بىر تەرەپ قىلمىسا، كەلگۈسىدە خىتايدا تېخىمۇ چوڭ بىر كرىزىس پەيدا بولىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت