روشەن ئابباس: «دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك!»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.08.23
«ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى» مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرمەكتە. 2021-يىلى ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خەلقئارا مەسىلىلەر» ژورنىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە بۇ قىرغىنچىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› (CRC) غا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلدى، بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى سۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. ئائىلىلەرنى پارچىلاش ۋە بالىلارنى دۆلەت قارمىقىدىكى يېتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇيغۇر خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن مىللىي كەمسىتىشنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› نىڭ ھەم تېخنىكالىق تەرەپلىرى ھەم روھىغا خىلاپتۇر.»

روشەن ئابباس خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەت بىر قىسىم چەكلىك ھەرىكەتلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئوخشاش خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولغان بىر قىسىم خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنى يېتەرلىك ھالدا ئىجرا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى روشەن ئابباس خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى «خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى»، «خەلقئارا قوغداش مەسئۇلىيىتى» ۋە «رىم نىزامنامىسى» قاتارلىق خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپ بولغاندىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ «خەلقئارا بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» غىمۇ خىلاپ، دەپ تەكىتلىدى.

ماقالىدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› بىلەن ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› زىچ مۇناسىۋەتلىك. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار توپىدىكى بالىلارنى باشقا ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت توپلىرىغا مەجبۇرىي يۆتكەش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئوخشاشلا يەنە ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھوقۇقى ‹خەلقئارا بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› نىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان. بىراق ئاتا-ئانىسى ياكى لاگېردا ياكى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرى ھالدا ئايرىۋېتىلدى، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە ج ك پ نى مەدھىيىلەش ئۈچۈن سېلىنغان دۆلەت قارمىقىدىكى دارىلتاملارغا مەجبۇرىي ئاپىرىلىپ تەربىيەلەنمەكتە.»

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە «خەلقئارا بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» دىكى 5 ماددىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يەرلەشتۈرۈشىنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ بۇنىڭ بىرىنچىسى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى يەرلەشتۈرىدىغان ئەسلىھەگە ئېھتىياج پەيدا بولغانلىقى، ئىككىنچىسى بولسا، بۇ بالىلارنى كىچىكىدىن خىتاي تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كومپارتىيەگە سادىق قىلىپ يېتىشتۈرۈدىغان «ئۆزگەرتىپ ياساش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىدە «ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي يىغىۋېلىش ۋە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەش ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى لاگېرلارغا يىغىۋېلىشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە،» دەپ تەكىتلىگەن.

روشەن خانىم ماقالىسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىشنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچىكىگە پەيدا قىلىدىغان تەھدىتىنىمۇ شەرھىلەپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشنىڭ جازا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئايرىش بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن بالىلارنى تەشۋىش ۋە روھىي مۇقىمسىزلىققا دۇچار بولىدۇ. بۇ ئەۋلادلارنىڭ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغىمۇ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۈرئەتتە تارتىۋېلىنماقتا.»

روشەن خانىمنىڭ ئېيىتىشىچە، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىش، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ دىنىي ئېتىقادىي سەۋەبلىك كەمسىتىش ۋە بالىلارنىڭ پىكىر، سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش، يەنى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن چەكلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› نىڭ 2-، 13-ۋە 14-ماددىلىرىغا خىلاپ بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بەخت-سائادىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى ئۇلار مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلەشتىن، ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىشتىن چەكلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى تاللاش ئىقتىدارى يوق دېيەرلىك ئىكەن.

روشەن ئابباس خانىم ماقالىسى ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە خىتايغا جازا تەدبىرلىرى، تاموژنا بېجى قاتارلىقلار بىلەن بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە بايدېن ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ: «بايدېن ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلىمەسىلىكى كېرەك. خىتاينىڭ ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› گە ئەمەل قىلالماسلىقى بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق سۆھبەتتە مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىرغا قەدەر، گەرچە 140 دۆلەت ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› غا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گەرچە ئۇنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇيغۇر بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك ھەرىكەت قىلالمىدى،» دەپ يازغان.

روشەن ئابباس خانىم ئاخىرىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن يەنىمۇ كەسكىن ۋە يەنىمۇ كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.