خىتاينىڭ باش ئاغرىقى: ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە زور كۆلەملىك ئىشسىزلىق

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.12.26
xongkong-uyghur-taiwan-mesilisi خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشچىلىرى قوللىرىدا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى»نى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 2019-يىلى 22-دېكابىر
REUTERS/Lucy Nicholson

ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە زور كۆلەملىك ئىشسىزلىق خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلانغان.

BBC خىتايچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2019 - يىلى  خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتقان مۇھىم مەسىلە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، خوڭكوڭلۇقلار مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى بولغان.

BBC  نىڭ «2019 - يىلىدىكى خىتاينىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ سىياسىتى مۇنازىرىسى» ئاساسلىق تېما قىلىنغان مەزكۇر خەۋىرىدە 2019 - يىلى 6 - ئايدا باشلانغان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بېسىقمىغانلىقى، ئەكسىچە بارغانسېرى شىددەتلىك تۈس ئېلىۋاتقانلىقى، 6 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇق ياش قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇ نامايىشنىڭ پات ئارىدا توختىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئون مىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلار 22 - دېكابىر ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋە كۆكبايراق رەڭگىدىكى ماسكىلارنى تاقاپ خوڭكوڭدا زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 2019 - يىلى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەر قاچانقىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە يىرىكلەشكەن. مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ سانى تەيۋەندە زور دەرىجىدە ئاشقان.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتى 2019 - يىلى خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىگە ئۇلىشىپ، خىتاي ئۈستىدىكى بېسىمنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم خوڭكوڭلۇقلار توغرىلىق قانۇن ماقۇللىغانلىقى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغانلىقىمۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ۋەقەلەردىن بىرى بولغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قانۇن ۋە قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياۋروپادا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىشلارغا تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.

خىتاينىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ قاتتىق بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مەسىلە خىتاي خەلقىنىڭ زور دەرىجىدە ئىشسىزلىققا يۈزلىنىشى بولغان.

«فرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 26 - دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بېسىم بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ خەلق ئىچىدە ھاكىمىيەتكە قارشى زور كۆلەملىك قوزغىلىشقا سەۋەپ بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن.

12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇرونىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «6 دا مۇقىم بولۇش» نى قايتا تەكىتلىگەن. بۇ «6 دا مۇقىم بولۇش» نىڭ بىرىنچىسى «ئىشى مۇقىم بولۇش» ئىكەن.

24 - دېكابىردىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي باش مىنىستېرى لى كېچياڭ «ئىشى مۇقىم بولۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر» ناملىق ھۆججەتنى تەستىقلاپ، خىتايدا زور كۆلەملىك ئىشسىزلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە بارلىق ئۆلكە، رايونلارنىڭ ئىشسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان كۈتۈلمىگەن توقۇنۇشلارنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى مۇھىم خىزمەت قىلىپ چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

«خىتايدا زور كۆلەملىك ئىشسىزلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە، مەركىزى كومىتېت تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى» ناملىق مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ياكى بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى بولغان بولسا، ئىككىنچى سەۋەپ 2 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بولغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتايدىكى بەزى كارخانىلار ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان. بەزىلىرى تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. بۇ خىل ۋەزىيەت تەبىئىي ھالدا زور كۆلەملىك ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئىشسىزلىق كۆپەيسە خەلق ئىچىدىكى نارازىلىقلارمۇ كۆپىيىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى زور كۆلەملىك ئىشسىزلىق دولقۇنىنىڭ جەمئىيەتتە تەۋرىنىش پەيدا قىلىشىدىن، ئىچكىي زىددىيەتنى كۈچەيتىشىدىن، ئىشسىزلارنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ۋەقە پەيدا قىلىشىدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ، جىددىي تەدبىرلەر ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا باشلىغان.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتى 6 % تە توختاپ قالغان بولۇپ، 2020 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 5 % تىن ھالقىيالمايدىكەن. بۇنىڭ ئاقىۋېتىدە خىتايدىكى ئىشسىزلىق زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، خىتاينىڭ باش ئاغرىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.