ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.04.16
Amerika-dolet-mejliside-uyghur-medeniyet-kechliki.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكىگە تىزىلغان بۇيۇملار. 2018-يىلى 5-مارت، ۋاشىنگتون.
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا يۈرگۈزگەن خىلمۇ-خىل سىياسەتلىرى ئەۋجىگە چىققانسېرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ھەرخىل يات مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، گۈللەندۈرۈش سادالىرى كۈچەيمەكتە.

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى، مىللىي چالغۇلار، كىيىم-كېچەكلەر ۋە تاماقلار تونۇشتۇرۇلغان سەھىپىلەر تېخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىشقا باشلىغان. يوتۇب قاناللىرىدا تاماق ئېتىش پروگراممىلىرىنى تارقىتىۋاتقان، ئۇيغۇرچە ئۇسۇل دەرسلىرىنى ئېچىۋاتقان ياشلارمۇ پروگرامما جەريانىدا تاماق ئېتىشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى، ئۇسۇل ھەرىكەتلىرىنى ساپ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرى بۇ ھەقتە كىتابلارنى نەشر قىلىش بولۇپ، 2019-يىلى 10-ئايدا لوندوندىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات ئورنى «قىسقىچە ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى قامۇسى» ناملىق ئىككى قىسىملىق قامۇس خاراكتېرلىك كىتابنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ كىتاب مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ كىتابتا بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ بالاغەتكە يېتىش، ھۈنەر-كەسىپ قىلىش، توي قىلىش ۋە تاكى ئاخىرەت ئىشلىرىغىچە بارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى تەتقىقاتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر پېشقەدەم زىيالىيلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئېلىپ بېرىلىپ بىر قىسىم ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغانىدى.

«قىسقىچە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا ئەپەندى كىتابى ھەققىدە توختىتىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى: ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب، بۇندىن بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ئائىت يېزىلغان كىتابلاردىن پەرقلىق ھالدا، ئەسەردىكى ئېنسكىلوپېدىك ئۇچۇرلارنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى جانلىق شەكىلدە ئىزاھلانغان. مەسىلەن؛ بالىلار ئويۇنلىرى ھەققىدىكى سۆزلۈكلەر بېرىلىش بىر ۋاقىتتا، ئويناش تەرتىپى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان».

نۆۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلى ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقان بۇ ئەھۋالدا ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشلارنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىمۇ ئىزدەنمەكتە. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، «ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كرىزىسى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خاراب قىلىنىۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كومپارتىيە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ مەزگىلدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى بەك ئېغىر. ئۇيغۇرلار چوقۇم ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر ئۆزىمىز كۈچلۈك بولمىساق قولىمىزدا بار نەرسىلەرنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىكەنمىز». دوكتور ئەركىن سىدىق يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاشنى ئائىلىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك، بالىلىرىمىزنى خەلقئارالىق رىقابەتكە قاتنىشالايدىغان، ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيەلىسەك، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ بېرەلەيدۇ».

ئامېرىكادىكى مەدەنىيەتشۇناس دوكتورى قاھار بارات ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز بەك ئېغىر كرىزىسقا ئۇچراۋاتىمىز، بۇنىڭمۇ بىر ئاخىرى بولىدۇ. ئاخىرىدا يارىلانغان مىللىتىمىز يارىلانغان، زېدىلەنگەن مەدەنىيىتى بىلەن قىپقالىدۇ. چەتئەلدىكى بىزلەرنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى، بالىلىرىمىزغا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىتىشىمىز ۋە ئۆزىمىز ئەمەلىي شۇنداق يوسۇندا ياشىشىمىز كېرەك».

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل مەكتەپلىرىنى، ئانسامبىللىرىنى، نەشرىياتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇلار بىر مىللەتنىڭ مەزمۇت تۇرۇشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى فاتىمە سەيياھ خانىم «قىسقىچە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى يازغان ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش رولى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ كىتابتىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ كىتابتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ھەر قانداق مەزمۇن تېپىلىدىكەن، بىز ئۇنتۇلۇپ قالغان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىمۇ تېپىۋالالايدىكەنمىز» دەپ ئەسكەرتتى.

مەمەتتۇرسۇن ئەپەندى ئۆز كىتابىنى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە مىللىي كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىي-مىراسلىرىنى ساقلاپ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.