ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
(سولدىن ئوڭغا) پروفېسسور مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم، دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور رىشات ئابباس، دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىلەر. 2019-يىلى 4-ماي، كانادا.
(سولدىن ئوڭغا) پروفېسسور مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم، دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور رىشات ئابباس، دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىلەر. 2019-يىلى 4-ماي، كانادا.
RFA/Irade

يېقىندا كانادادىكى «شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكادىكى بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تورونتو شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ئورۇن بولغان «شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ پائالىيەتنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يىللىق كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ زىيالىيلارنىڭ خىزمەت ۋە ئوقۇش تەجرىبىلىرى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدا ئاكتىپ رول ئېلىشتىكى سەۋەبلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن، ئامېرىكادىكى دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات تارمىقىنىڭ يېتەكچىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئامېرىكانىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىدىن بىرى ماساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ (MIT) پروفېسسورى، ھەمدە خەلقئارا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىرى بولغان مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم ۋە ئامېرىكا ئالەم تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان.

ئۇلارنىڭ تورونتودىكى زىيارىتى 5-ئاينىڭ 3-ۋە 4-كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلغان.

تۇيغۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار تورونتودا 400 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، پىكىر ئالماشتۇرغان. شۇنداقلا تورونتودىكى ئىككى مەسچىتتە مۇسۇلمان جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

ئۇلار يەنە، تورونتودىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيىنى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى زىيارەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە كۆپ باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەركىن سىدىق ئەپەندى تورونتودىكى زىيارىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيىنى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئاڭلىق تىرىشچانلىقلىرىدىن كۆپ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تورونتودىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشكەندىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ بىزگە بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بىر سەپەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. مايسەم خانىم سۆزىدە «تورونتودا ناھايىتى كەڭ بىر ئۇيغۇر جامائىتى بار ئىكەن، ئۇلار بىزنى بەك ياخشى كۈتۈۋالدى. مەن بۇنىڭدىن بەك سۆيۈندۈم ۋە مىننەتدار بولدۇم» دېدى.

مايسەم خانىم تورونتودا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرىنى يىغىش ھەرىكىتى ئۈستىدىكى بىر قىسىم تەتقىقاتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ دوكلاتى زور دىققەت قوزغىغان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى زىيالىيلار سۆزلىرىدە بىردەك، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىتى ھايات-ماماتلىق بىر پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆزىگە تېگىشلىك رول ئوينىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭمۇ دەل مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت