ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلى 17 - نويابىردىن باشلاپ تەيبېي شەھىرىدىكى دۆلەت تياتېرخانىسىدا ئويۇن قويۇشقا باشلايدۇ.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، 2005 - يىلى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 'ئىنسانىيەتنىڭ ئېغىز ئارقىلىق ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى' دەپ بېكىتىلىپ قوغدىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىشكە باشلىدى.
مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھەممىسىدە 'مۇقام' دەپ ئاتىلىدىغان سەنئەت تۈرلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھېچقايسى 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى'دەل تولۇق ۋە كامالەتكە يەتكەن ئەمەس.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇنياغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلىپ تاكى ئۇ دۇنياغا كەتكىچە ئۆزلىرىگە ھەمرا قىلىدىغان 'ئۇيغۇر 12 مۇقامى' تېكىست، مۇزىكا ۋە ئۇسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك سەنئەت شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 'ناخشا - ئۇسۇل ماكانى' دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 12 مۇقام ئانسامبىلى ئورۇنلايدىغان نازاكەتلىك نومۇرلارنى ھازىر تەيۋەن خەلقى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. (ۋەلى)