خىتاي ئىككىنچى چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشقا 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
2007.10.25
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە خوڭكوڭدىن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ھەم تەبىئىي گاز گۇرۇھى بولغان خىتاي نېفىت، تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمالدا يەنە ئىككىنچى چوڭ نېفىت گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ياساش ئۈچۈن 102 مىليارد يۈەن يەنى 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان.
خىتاي نېفىت، تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى بۇ مەبلەغ ئارقىلىق قۇرماقچى بولغان 8 مىڭ كىلومېتىرلىق نېفىت، تەبىئىي گاز يۆتكەش تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى كېلەر يىل بېشىدا باشلاپ -2010 يىلى تاماملاشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەستىقلىرى بۇ يىل ئاخىرى پۈتۈش ئالدىدا ئىكەن.
ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى مەزكۇر نېفىت، تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى جياڭ جىېمىننىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر نېفىت گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى " دىن قالسا ئىككىنچى چوڭ گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئاساسلىقى تۈركمەنىستاندىن خىتايغا تەبىئىي گاز يۆتكەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
مەزكۇر گاز تۇرۇبىسى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ ئۆزبېكىستان، قازاقىستانلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ئارقىلىق لەنجۇ، شىئەن،شاڭخەي ئاخىرىدا گۇاڭجۇغىچە يېتىپ بارىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ھەم تەبىئىي گاز بازىسى بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت مىڭ كىلومېتىرلىق " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازىنى شاڭخەيگە يىلىغا 33مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاققۇزماقتا.
خىتاي مۇشۇ سۈرئەتتە گاز يۆتكەشنى داۋام قىلسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گاز زاپىسى 20 نەچچە يىلغا قالماي پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلق مەزكۇر گاز يۆتكەش پىلانىدىن ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەندىن نارازى بولۇۋاتقاندىن باشقا، مەزكۇر پىلان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ كەلگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا
- ۋاڭ لېچۇەن 'بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا كاملىغان كۆمۈر شىنجاڭدىن تەمىنلىنىدۇ ' دەپ جاكارلىغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى خۇا نېڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇردى
- خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىككىنچى تەبئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسىنىڭ يۈنۈلۈشىنى بەلگىلىدى
- پىچان ئەتراپىدا زەھەرلىك تەبىئىي گاز قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاي پىچاندا خام نېفىت ئامبىرى ياسىماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نېفىت ۋە تەبىئي گاز زاپىسى يەنە كۆپەيدى
- قارامايدىن زاپاس مىقتارى زور كۆلەملىك تەبئىي گاز بايقالدى
- خىتاي نېفىت گۇرۇھى، غەربى دىيار نېفىت تۇرۇبا شىركىتى، ئۇيغۇر دىيارىغا ماكانلاشتى