قەشقەر 25- دېكابىر ۋەقەسىدە قولغا چۈشكەن ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىمى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
8 - نويابىر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، خىتاي دائىرىلىرى "25- دېكابىر دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش دېلوسى"دا قولغا چۈشكەن ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇ ۋەلى ئىمىن قارارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇرغا " دۆلەتنى پارچىلاش"، " تېررورلۇق تەشكىلات تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش"، " قانۇنسىز بومبا ياساش" جىنايەتلىرىنى ئارتىپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆلۇم ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىنى بەرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە: " ئابدۇۋەلى ئىمىن قاتارلىق 6 نەپەر ئەيىبكار، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، 2005- يىلى 8- ئايدىن 2007- يىلى 1 - ئايغىچە، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان ھەمدە غازات تەرغىباتى ئېلىپ بارغان ۋە تېررورلۇق مەشىق بازىسى قۇرۇپ ئىسلام خەلىپە دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان" دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، جازاغا تارتىلغان بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇر، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن ۋە خىتاي ئارمىيىسى ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق ئاختۇرۇپ تۇتۇش مانېۋىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەمدە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاپتوبۇس پارتلىتىش، كوسراپ يېزىسىنى ئىگىلەپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش قەستىدە بولغان ئىكەن.
بۇ نۆۋەت خىتايدا جازاغا تارتىلغانلار ئىچىدە، ئابدۇۋەلى ئىمىن، مۇختەر سېتىۋالدى، قۇربان مامۇت قاتارلىقلار ئۆلۈمگە بۇيرۇلغاندىن باشقا ئەخمەت راخمان، ئىمىن مېھمان قاتارلىقلارغا ئۆلۇم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش بۇيرۇلغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار يەنە باستۇرۇش نىشانى قىلىپ تاللاندى
- قانۇن گېزىتى ئامېرىكىنى " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ جارچىسى" دەپ ئەيىبلىدى
- خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى
- خىتاي پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە تىرىك قولغا چۈشكەن ئاتالمىش تېررورچىلارنى ئوچۇق سوت قىلىدىكەن
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەردى
- خىتاي دۇنيادا "تېررورچى" دەپ ئاتىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا
- خىتاي ساقچىلىرى شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى
- مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 41 توننا پارتلاتقۇچ بۇيۇمى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟