ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 6 - يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنىدا مەخسۇس ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى يەنى "شىنجاڭدا " مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ۋاڭ لېچۇەن، يىغىندا سىياسىي قانۇن خىزمەتچىلىرىگە "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى جىددى پەيتتە تۇرماقتا ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەركەت باشلىشىمىز، باش كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇجۇقتۇرۇش كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە، سىياسىي قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا ھوشيار بولۇش ھەمدەمۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، قاتتىق زەربە بېرىش" نى ئەڭ مۇھىم ھەم ئاساسلىق ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، ھەر قاچان مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى تاپشۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، مۇستەقىللىق ئارزۇسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ھەمدە ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. (گۈلچېھرە)